گەندى
مەشھۇر شەخسلەر
ئۇ «ئۆتكەن30 يىلدىكى يولباشچى ۋە پەيلاسوپ»، «ھىندىستاننىڭ ئەركىنلىك ماياكى».1947 - يىلى8 - ئايدا، ھىندىستاننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنىدا ھىندىستان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى موھانداس كارامچاند گەندى ئەنە شۇنداق تەرىپلەنگەن.
گەندى (1869 −1948 - يىللار) دەسلەپتە ئەنگلىيىدە ئوقۇپ، قانۇن ئۆگەنگەن، كېيىن جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۇزاق مۇددەت ئادۋوكاتلىق قىلغان، شۇ يەردىكى ھىندىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىپ، مۇئەييەن مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىپ، كاتتا شۆھرەت قازانغان.1915 - يىلى، ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، مىللىي ئازادلىق ئىشلىرى يولىدا كۈرەش قىلغان ھەمدە بۇ كۈرەشنى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرغان.
گەندى زوراۋانلىق قىلماسلىق، ھەمكارلاشماسلىق، ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كۈرەش قىلغان. گەندىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھىندىستاندا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە كۈچلۈك زەربە بېرىلگەن. گەندى مەقسىتىگە يەتمىگۈچە بولدى قىلماسلىققا قەسەم ئىچىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ12 قېتىم قولغا ئېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە توققۇز قېتىم تۈرمىگە تاشلانغان، ئەمما كۈرەش ئىرادىسىدىن زادىلا تەۋرىنىپ باقمىغان. ئەنگلىيىنىڭ زوراۋانلىق ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ17 قېتىم ئاچلىق ئېلان قىلغان.1943 - يىلى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ھىندىستان ۋەتەنپەرۋەرلىرىنى قانۇنسىز قولغا ئالغاندا،74 ياشلىق گەندى21 كۈن ئاچلىق ئېلان قىلىپ قارشىلىق كۆرسەتمەكچى بولغان. ئاچلىق ئېلان قىلىپ12 كۈن بولغاندا، ئۇنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قېلىپ، كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىشقا كېرەكلىك ساندال ياغىچىمۇ تەييار قىلىپ قويۇلغاندا، بەختكە يارىشا قۇتقۇزۇپ قېلىنغان، بۇ ئىش گەندىنىڭ ھىندىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە بەخت - سائادىتىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ھاياتىدىنمۇ ۋاز كېچىشتەك كۈچلۈك ئىرادىسىنى نامايان قىلغان. گەندى شۇنچە يۈز - ئابرۇي تاپقىنىغا قارىماي، ئىنتايىن ئاددىي - ساددا ئۆتكەن؛ كاستۇم - بۇرۇلكىنى سېلىپ تاشلاپ، مىللىيچە كىيىنىپ، پىيادە يول يۈرۈپ خەلق ئارىسىغا بېرىپ، تەشۋىقات، تەشكىلات پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان؛ تولىمۇ نامرات تۇرمۇش كەچۈرگەچكە، ئوزۇقلۇق يېتىشمەي ناھايىتى ئاجىزلىشىپ كەتكەن، سالاپىتىمۇ قالمىغان، ئەمما ئاممىنىڭ ھۆرمىتى ۋە ھىمايىسىدىن ئايرىلىپ قالمىغان.
ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە، ھىندىستان1947 - يىلى ئاخىر مۇستەقىل بولغان، ئەمما كېيىنكى يىلى1 - ئايدا، گەندى بەختكە قارشى قەستكە ئۇچراپ ۋاپات بولغان. كىشىلەر ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئاجايىپ زور تۆھپە قوشقان بۇ زاتنى ھۆرمەت بىلەن «مۇقەددەس قەھرىمان»، «ئۇلۇغ روھ»دەپ ئاتىغان.