UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرتوجوھىدېكى

توجوھىدېكى

مەشھۇر شەخسلەر ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىنكى1945 - يىلى9 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، ياپونىيىنىڭ سابىق باش ۋەزىرى توجوھىدېكى (1884 −1948 - يىللار)نىڭ قورۇسىنىڭ ئالدى ئامېرىكا ژاندارمىلىرى، ھەربىيلەر ۋە مۇخبىرلار بىلەن توشۇپ كەتتى، ئەسلىدە توجوھىدېكى قولغا ئېلىنىش ئالدىدا تۇراتتى. شۇ ئەسنادا، كىشىلەر تۇيۇقسىز ئېتىلغان ئوق ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە يۈگۈرۈپ كىرىشتى، توجوھىدېكى تاپانچا تۇتقان ھالدا قانغا مىلىنىپ يەردە ياتاتتى، ئۇ جىنايىتىدىن قورقۇپ ئۆلۈۋالماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن مەقسىتىگە يېتەلمەي قالغانىدى. توجوھىدېكى بىر مىلىتارىست ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، دادىسى جۇڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىغا قاتناشقان بولۇپ، ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشىدىكى سەركەردىسى ئىدى. توجوھىدېكى كىچىكىدىن باشلاپ ئەكسىيەتچىل مىلىتارىزم تەربىيىسى ئالغان، كېيىن يەنە تاجاۋۇزچىلىق، كېڭەيمىچىلىك تايانچلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىپى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا توققۇز يىلدەك ئوقۇغان، بۇ جەرياندا ئەمەلدارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ قېلىپ، بارا - بارا ئۆستۈرۈلگەن ھەمدە ياپونىيە فاشىزمىنىڭ يادرولۇق ئەربابى بولۇپ قالغان. ئۇ ئۇرۇشقا ئەسەبىيلەرچە چوقۇنۇپ، ياپونىيە جاھانگىرلىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن خىزمەت قىلغان.1931 - يىلى، ياپونىيە جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونىنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شەرقىي شىمالدا تۇرۇشلۇق كانتون ئارمىيىسىنىڭ ژاندارما قوماندانى ۋە سەنمۇجاڭى بولغان. ئۇ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدا «جازا يۈرۈشى قىلىش»، «ئامانلىقنى كۈچەيتىش»ھەرىكەتلىرى بىلەن كەڭ كۆلەمدە شۇغۇللىنىپ، شەرقىي شىمال خەلقىنىڭ ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرىشىنى تەلۋىلەرچە باستۇرغان ھەمدە ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە جۇڭگوغا بالدۇرراق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىش ھەققىدە كۆپ قېتىم تەخىرسىزلىك بىلەن تەكلىپ بەرگەن.1937 - يىلى «7 - ئىيۇل» ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ياپونىيە جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قوزغىغان. توجوھىدېكى كانتون ئارمىيىسىنىڭ خىل قىسمىنى باشلاپ خېبېي، سەنشى قاتارلىق رايونلارغا تاجاۋۇز قىلىپ، بارغانلا يېرىدە ئوت قويۇپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ، بۇلاڭ - تالاڭ قىلغان، ئىشقىلىپ ھەممە ئەسكىلىكنى قىلىپ، ئىككى قولىنى جۇڭگو خەلقىنىڭ قېنى بىلەن بويىغان. ئۇ تاجاۋۇزچىلىق جېڭىدە ئەنە شۇنداق كاتتا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشىپ،1941 - يىلى10 - ئايدا ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرلىكىگە ئۆستۈرۈلگەن. ئۇ تەختكە چىقىپلا ئۇرۇشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش غەرىزىدە «بۈيۈك شەرقىي ئاسىيا ئورتاق گۈللىنىش چەمبىرىكى» قۇرۇش ھەققىدە جار سېلىپ، ئۇرۇشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، پۈتكۈل شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىنى يۇتۇۋېلىشقا تەييارلانغان.1941 - يىل12 - ئاينىڭ8 - كۈنى، ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ پيورل - خاربور پورتىنى بومباردىمان قىلىش بىلەن بىللە،21 قۇرۇقلۇق ئارمىيە دىۋىزىيىسىنى ئىشقا سېلىپ فىلىپپىن، مالايسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلغان ھەمدە يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە3 مىليون كۋادرات كىلومېتىر زېمىن بىلەن100 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنى ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ ئىبلىس چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان. لېكىن، توجوھىدېكىنىڭ ياخشى كۈنلىرى ئۇزاققا بارمىغان. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ياپونىيە بىر قاتار زور ئۇرۇشلاردا كەينى - كەينىدىن مەغلۇپ بولغان. توجوھىدېكى تەرەپ - تەرەپتىن قورشاۋدا قېلىپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان.1945 - يىلى ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، جىنايىتى چېكىدىن ئاشقان بۇ قانخور جاللات قانۇن تورىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى پەملەپ، ئۆلۈۋېلىپلا قۇتۇلماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن غەرىزى ئىشقا ئاشمىغان،1948 - يىلى يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي ئىشلار سوتى تەرىپىدىن1 - دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى دەپ ئەيىبلىنىپ، دارغا ئېسىلغان.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
توجوھىدېكى | UyghurWiki | UyghurWiki