سىددارتە گەۋتەمە
مەشھۇر شەخسلەر
تەتاگەتە (ساكيامۇنى) جۇڭگولۇقلارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك تونۇشلۇق بولغان بۇددىستتۇر، ئەپسانىۋى رومان «غەربكە ساياھەت» تە ئۇ ئىلاھىي قۇدرىتى ۋە بۇددا ئەقىدىسى چەكسىز قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. نۇرغۇن ئىبادەتخانىدا ئۇنىڭ بۇتى بار.
سىددارتە گەۋتەمە (تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى565 −486 - يىللار) بۇددا دىنىنىڭ ئىجادچىسى. ساكيامۇنى ئۇنىڭ بۇددا مۇرىتلىرى تەرىپىدىن ئاتالغان ھۆرمەت نامىدۇر. تەتاگەتە ساكيامۇنىنىڭ ئون خىل ئاتىلىشىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ دادىسى ھىندى يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى بىر كىچىك دۆلەت (ھازىرقى نېپال چېگرىسىدا) نىڭ پادىشاھى ئىدى. ساكيامۇنى كىچىكىدە ھەشەمەتلىك ئوردىدا چوڭ بولغان، ياخشى تەربىيىلىنىپ، باياشات تۇرمۇش كەچۈرگەن. لېكىن، ئۇ كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرسىزلىك ۋە كىشىلىك ھاياتتىكى ئازاب - ئوقۇبەتنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى ئۈستىدە قاتتىق باش قاتۇرغان. ئۇنداقتا راھەت - پاراغەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بىر شاھزادە نېمە ئۈچۈن كىشىلىك دۇنيادىكى باراۋەرسىزلىك ئۈستىدە ئويلىنىپ يۈرىدۇ؟ بۇ ئەينى چاغدىكى ھىندىستاننىڭ رېئاللىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھىندىستان قەدىمكى مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى2000 - يىلى، ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىن كەلگەن ئاق تەنلىكلەر ھىندىستاندىكى يەرلىك قارا تەنلىكلەرنى بويسۇندۇرۇپ، كىشىلەرنى تېرىسىنىڭ رەڭگى ۋە «ئائىلە كېلىپ چىقىشى»غا ئاساسەن تۆت تەبىقىگە بۆلگەن، بىرىنچى تەبىقىدىكىلەر بىرەھمەنلەر، يەنى ئاقسۆڭەكلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كاھىن بولالايتتى، مەرتىۋىسى ھەممىدىن ئۈستۈن بولۇپ، ھەممە ئىشقا ئىگىدارلىق قىلالايتتى؛ ئىككىنچى تەبىقىدىكىلەر كىشاترىيالار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى رىتسارلار ئىدى، پادىشاھ ۋە ئەمەلدار بولسا بولاتتى؛ ئۈچىنچى تەبىقىدىكلەر ۋەيشيەلەر بولۇپ، ھەممىسى دېھقان، قول ھۈنەرۋەن ۋە ئۇششاق تىجارەتچىلەردىن تەشكىل تاپقانىدى؛ تۆتىنچى تەبىقىدىكىلەر سۇدرەلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قۇللاردىن تەركىب تاپقانىدى. ئەڭ تۆۋەن تەبىقىدىكىسى خارىجانلار (خارلار) ئىدى. ساكيامۇنى تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى، ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادى خېلى تەرەققىي قىلىپ، قۇلدارلار سىنىپى ئىچىدە يېڭى سودا - سانائەتچىلەر قاتلىمى (باي ۋەيشيەلەر) مەيدانغا كەلگەن، ئۇلار ئاقسۆڭەك رىتسارلار (كىشاترىيالار) بىلەن بىرلىكتە جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا تۇرۇۋاتقان بىرەھمەنلەرگە قارشى تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەمئىيەتنىڭ تەبىقىلەرگە بۆلۈنۈشىگە ئەگىشىپ، تۆۋەن تەبىقە ئەزالىرى بولغان ۋەيشيەلەرنىڭ ئەھۋالى كۈنسېرى خارابلىشىپ، قۇلدارلار سىنىپىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشى بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئاقسۆڭەك رىتسارلار بىلەن يېڭى سودا - سانائەتچىلەر سىنىپى بىر تەرەپتىن، كاھىن ئاقسۆڭەكلەرگە قارشى تۇرۇپ، «باراۋەرلىك» نى تەكىتلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئەمگەكچان، جاپاكەش ئاممىنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى يوققا چىقىرىشنى ۋە سۇسلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان. ساكيامۇنىنىڭ بۇددا دىنى مانا مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا بارلىققا كەلگەن.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىر قېتىم ساكيامۇنى ھارۋىغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىپ، بىر بوۋاي، بىر مېيىپ، بىر زاھىد ۋە بىر مۇردىنى ئۇچرىتىپ، كىشىلىك ھاياتتىكى ھەممە ئىشنى، جۈملىدىن تۇغۇلۇش، قېرىش، ئاغرىش، ئۆلۈش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئازاب - ئوقۇبەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن، دېگەن ھېسسىياتقا كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئازاب - ئوقۇبەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى تېپىش ئۈچۈن، پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى، سۆيۈملۈك ئايالى، ئوماق بالىلىرى، جىمى ئەۋزەل تۇرمۇشتىن ۋاز كېچىپ، يۇرتىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىپ، قويۇق ئورمانلىققا كېلىپ، شاھانە كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلاپ، چاچلىرىنى ئالدۇرۇۋېتىپ، زاھىدقا ئەگىشىپ راھىبلىق يولىغا ماڭغان، بۇ يولدا ئۇدا ئالتە يىل قاتراپ، بىرەر قېتىم يۇيۇنۇپمۇ باقمىغان، ئەمما يەنىلا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئامالىنى تاپالمىغان. كېيىن، ئۇ بىر تۈپ بۇدساتۋا دەرىخىنىڭ ئاستىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئۇدا49 كۈن باش قاتۇرغان، بىر دانە يورۇق يۇلتۇز شەرقتىن كۆتۈرۈلگەندە، ئۇ تۇيۇقسىز مەسىلىنىڭ تېگىگە يېتىپ، بۇددا دىنىنى ئىجاد قىلغان. بۇددا دىنىنىڭ ئاساسىي ئەقىدىلىرى: ئادەملەرنى تەبىقىگە ئايرىشقا قارشى تۇرۇش، «ھەممە كىشى باراۋەر بولۇش» نى تەرغىب قىلىش، بېشىغا كۈن چۈشكەنلەرگە ھېسداشلىق قىلىش، قىلمىشىنىڭ ئۆتنە ئالەمچىلىكىنى تەشۋىق قىلىش، ئۆز - ئۆزىدىن قۇتۇلۇش يولى ئارقىلىق باش قېتىنچىلىقىنى تۈگىتىشنى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇددا دىنىنىڭ رەھىمسىز رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، كۈرەشنى ئىنكار قىلىشتەك بۇ خىل تەشەببۇسى ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
ساكيامۇنى بۇددا دىنىنى ئىجاد قىلغاندىن كېيىن، تاكى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى486 - يىلى80 يېشىدا كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغانغا قەدەر، ھىندى يېرىم ئارىلىدىكى نۇرغۇن جايلارغا ۋە سەيلۇن (ھازىرقى سرى لانكا)، بىرمىغا بېرىپ دىن تارقاتقان. شۇنىڭدىن500 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ، مىلادىيە1 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، بۇددا دىنى ئېلىمىزگە تارقىلىپ، بارا - بارا ئېلىمىزدىكى ئاساسلىق دىنلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.