UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرمورگان

مورگان

مەشھۇر شەخسلەر جانلىقلار دۇنياسىدا، ئەركەك - چىشى جىنستىكىلەرنىڭ جىنسىي پەرقىدىن باشقا، يەنە باشقا روشەن پەرقلەر بار. نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدۇ؟ ئامېرىكىلىق ئالىم توماس مورگان (1866 −1945 )، تەتقـىـقـات ئارقىلىق: بۇنىڭغا، ئىرسىي ئۇچۇرلارنى ئېلـىـپ يـۈرگـۈچـى گېننىڭ خروموسومدا گۇرۇپپىلار بويىچە تۇرغانلىقى سەۋەب بولىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. بۇ گېنېتىكىدىكى بىر قېتىملىق زور بۆسۈش ئىدى. مورگان ئامېرىكىنىڭ كېنتۇككى ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكـۈزۈپ، خـۇپـىگىنس ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئەمەلىيـەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋە سەزگۈر كۆزىتىش كۈچىگە ئىگە ئالىم بولۇپ، ئۆمۈر بويى ئىنچىكىلىك بىلەن ئىزدەنگەن، ئۇ دۇنيا بويىچە، مېۋە چىۋىنىنى گېنېتىكا جەھەتتىن تەتقىق قىلىپ داڭق قازانغان.1910 - يىلى، مورگان ئۆزىنىڭ ئۆستۈرۈش قاچىسىدا بىـر ئەركەك مـېـۋە چىۋىنىنىڭ ئاق كۆزى بارلىقىنى بايقايدۇ، ھالبۇكى، ئادەتتىكى مېۋە چىۋىنلىـرىنىڭ كۆزى قىزىل ئىدى. مورگان بۇ غەلىتە ئەھۋالغا دىققەت قىلىـپ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆزىتىشنى قارار قىلىدۇ. مـورگـان بـۇ ئالاھىدە مېۋە چىۋىنى بىلەن ئادەتتىكى مېۋە چىۋىنلىرىنى چېتىـشـتـۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئەۋلادى (1F) نىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزى قىزىل ئىكەنلىكىنى بـايقايدۇ؛ ئۇ يەنە1 F ئەۋلادتىكىلەرنى چېتىشتـۇرۇپ2 F ئەۋلادقا ئېـرىـشـىـدۇ،2 F ئەۋلادتا كۆزى قىزىل مېۋە چىۋىنلىرىمۇ، كۆزى ئاق مېۋە چىۋىنلىرىمـۇ بـولـىدۇ، ھالبۇكى، چىشى چىۋىنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزى قىزىل، ئەركەك چـىۋىنلەرنىڭ يېرىمىنىڭ كۆزى قىزىل بولىدۇ. مـورگـان يۇقىرىقى ھادىسىنى كـۆزى ئاق بولۇش گېنى X خروموسومغىلا جايلاشقان، Y خروموسومدا مۇناسىپ تەڭشەش گېنى يوق دەپ قىياس قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ. مورگان يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، مېۋە چىۋىـنىدىكى100 دىن ئارتۇق گېننىڭ ئىرسىيەت شەكلى كۆزى ئاق بولۇش بـىـلـەن ئوخشايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى X خروموسومغا جايلاشقانلـىقىنى، دېمەك بىر تال خروموسوم نۇرغۇن گېنلارنى ئېلىپ يۈرىدىغانـلـىقىنى بايقايدۇ، مانا بۇ گېنېتىكىدىكى باغلىنىش ھادىـسـىـسـىدۇر. مورگاننىڭ بۇ بايقىشى خروموسوم بىلەن گېننىڭ مۇناسىۋىتى ۋە پەرقـىـنـى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، خروموسوم ئىرسىيەت نەزەرىيىسىنى بـەرپـا قـىـلـىـپ، گېنېتىكا تەتقىقاتىدا يېڭى بەت ئاچتى. مورگان مۇشۇ خىزمىتى سەۋەبىدىن،1933 - يىللىق نوبېل مېدىتسىنا ۋە بىئولوگىيە مۇكاپاتىغـا ئېرىشتى.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
مورگان | UyghurWiki | UyghurWiki