تىخو براخ
مەشھۇر شەخسلەر
1572 - يىل11 - ئاينىڭ11 - كۈنى ياش ئاسترونوم تىخوبـراخ (1546 −1601 ) زالدىن چىقىپ ئادىتى بويـىـچـە يـۇلـتـۇزلۇق كۆككـە قـارايدۇ، توساتتىنلا كاسسىئوپىيە يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ كەينىـدە ئىلگـىرى كـۆرۈپ باقمىغان يېڭى يۇلتۇزنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ. دەسلىپـىدە ئۇ خاتالاشقان ئوخشايمەن دەپ قارايدۇ، چۈنـكـى ئەيـنـى چـاغـدا كـىـشـىـلـەر يۇلتۇزلارنىڭ سانى ئۆزگەرمەيدۇ دەپ قارايتتى. ئۇ ئەستايىدىل كـۆزىـتـىـش ئارقىلىق، ئۇنىڭ يېڭى يۇلتۇز ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرىدۇ، بـۇ بـايـقـاش ئارىستوتېلنىڭ ئاسمان جىسىملىرى ئۆزگەرمەسلىك تەلىمـاتـىـنـى تـۈپـتـىـن تەۋرىتىپ، ئاسترونومىيە ساھەسىنى زىلزىلىگە سالىدۇ، كېيىن بـۇ يـېـڭـى يۇلتۇزغا «تىخو براخ يېڭى يۇلتۇزى» دەپ نام بېرىلىپ، تىـخـو بـراخـمـۇ «يـۇلـتـۇز ئىلمى پادىشاھى» دەپ ئاتىلىدۇ.
تىخو براخ دانىيىلىك بولۇپ، كىچىكىدىنلا ئىنتايىن ئەقىللىق ئىـدى، تەبىئەتنى ياخشى كۆرەتتى، بولۇپمۇ كۆكنى قاپلىغان يۇلتۇزلارنى كۆرۈشكە ھېرىسمەن ئىدى.1560 - يىلى8 - ئايدا، رەسەتخانا مۇشۇ ئاينىڭ21 - كـۈنـى كۈنـنـىـڭ تـۇتۇلۇشـىـنـى كـۆرگـىـلـى بولىدىغانلىقىدىن مەلۇمات بېرىدۇ.14 ياشـلـىـق تـىـخـو بـراخ ئەسـۋابـتـىـن پايدىلىنىـپ، دەرۋەقـە كـۈنـنـىـڭ تـۇتـۇلـغانلىقىنى كـۆرىـدۇ! «كـۈنـنـىـڭ تۇتۇلۇشىدىن مەلۇمات بەرگىلى بولىدۇ» غانلىق ئۆسمـۈر تـىـخـو بـراخـنـى ئىنتايىن قىزىقتۇرىدۇ. تـىـخـو بـراخ شۇنىـڭدىن كېـيىـن، ئاسترونومىيىگە دائىر كىتابلارنى كەڭ دائىرىدە ئوقۇپ، ئۇيقـۇ ۋە تـامـاقـنـى ئۇنتۇش ھالىتىگە يېتىدۇ. ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ نـاتـوغـرا يـولـدا مـېـڭـىـپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى گېرمانىيىگە ئوقـۇشـقـا ئەۋەتـىـدۇ، يـەنـە ئائىـلـە ئوقۇتقۇچىسىدىن بىرنى تەكلىپ قىلىـپ، ئۇنـى نـازارەت قـىـلـدۇرىدۇ. بـىـراق، تىخو براخ قاراڭغۇ چۈشۈپ ئەل ئايىغى جىمىققاندا، ئۆزى ياسىغان ئەسۋابـنـى ئېلىپ، ئوغرىلىقچە چىقىپ، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى كۆزىتىدۇ.1576
- يىلى،30 ياشلىق تىخو براخ دۇنياغا تونـۇلـغـان ئاسـتـرونـومـغـا ئايلىنىدۇ. دانىيە پادىشاھى ئۇنىڭغا يېڭى يـۇلـتـۇزلار جـەدۋىـلـىـنـى تـۈزۈپ چىقىشنى بۇيـرۇيـدۇ، شۇنـىـڭ بـىلـەن تـىـخو بـراخ ئۇزاق مـۇددەتـلـىـك ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىشنى باشلايدۇ. ئۇنىڭ كۆزىتىشـىـنـىـڭ نازۇكلۇق دەرىجىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئادەتتىكى كۆز بىلەن كۆزىتىشنـىـڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىگە يېتىـپ، شـۇ دەۋردىـكـى بـاشـقـا كـىـشـىـلـەرنـىـڭ سەۋىيىسىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ. تىخو براخ توپـتـوغـرا20 يـىـل خىزمەت قىلىپ، نۇرغۇن توغرا ۋە ئىشەنچلىك ماتېرىياللارنى تـوپلايدۇ، ئۇ، تۆت777 يۇلتۇزنىڭ ئورنىنى ئۆلچەپ چىقىدۇ، ئۆلچىگەندىكى خاتالىق پـەرقـى تۆت رادىئاندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
بىراق، تىخو براخ نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ۋە ئىلمىي رەتـلـەشـكـە مـاھىـر ئەمەس ئىدى، بولۇپمۇ ئۇ «يەر مەركەز تەلىماتى» غا چوقۇنغانلىقى ئۈچۈن، مـول كۆزىتىش ماتېرىياللىرىنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، نەزەرىيە جەھەتتە زور بايقاشقـا ئېرىشەلمەيدۇ.1601
- يىلى تىخو براخ بەختكە قارشى كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتىـدۇ. ئۇ كۆز يۇمۇشتىن ئىلگىرى پۈتۈن ھاياتىدىكـى يـۈرەك قـېـنـى بـەدىـلـىـگـە كەلگەن ماتېرىياللارنى ئۆزىنىڭ گېرمانىيىلىك ياردەمـچـىـسـى كـېپلـېـرغـا تاپشۇرىدۇ. كېيىن كېپلېر بۇ ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، دەۋر بۆلگۈچ بايقاشلارغا ئېرىشىپ، مەشھۇر ئاسترونومغا ئايلىنىدۇ.