UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرئالېكساندر

ئالېكساندر

مەشھۇر شەخسلەر مىسىردا ئالېكساندرىيە دەپ ئاتىلىدىغان بىر پورت شەھىرى بار، نۇرغۇن ياۋروپالىقلارمۇ ئۆزىگە ئالېكساندر دەپ ئىسىم قويغان، بۇ قەدىمكى يۇناندا ياشاپ ئۆتكەن ئىمپېراتور ئالېكساندر (ئىسكەندەر زۇلقەرنەين) بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئالېكساندر (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى356 −323 - يىللار) ماكېدونىيە پادىشاھى فىلىپ Ⅱنىڭ ئوغلى بولۇپ، ياش ۋاقتىدا پەيلاسوپ ئارىستوتېلنى ئۇستاز تۇتۇپ، ھومېر داستانىدىكى قەھرىمانلارغا چوقۇنغان.16 يېشىدا مۇئاۋىن قوماندانلىققا تەيىنلىنىپ، دادىسىغا ئەگىشىپ ئۇرۇشقا قاتناشقان، دبىسلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشتا، ماكېدونىيە ئارمىيىسىنىڭ ئوڭ قانات قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ، دۈشمەننىڭ «مۇقەددەس قوشۇنى»غا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، ئالدىن غەلىبىگە ئېرىشكەن. ئاندىن كېيىن، دادىسىنىڭ سول قانات قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىشىغا ياردەملىشىپ، يۇناندىكى شەھەر دۆلەتلىرى بىرلەشمە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ماكېدونىيىنىڭ يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى ئىچىدىكى رەھبەرلىك ئورنى بېكىتىلگەن. ئالېكساندر20 يېشىدىلا تەختكە ئولتۇرغان بولغاچقا، نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ شەرققە تاجاۋۇز قىلىشقا بەل باغلىغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى334 - يىلى، ئۇ30 مىڭ كىشىلىك پىيادە قوشۇن،5000 كىشىلىك ئاتلىق قوشۇننى باشلاپ،160 جەڭ كېمىسى بىلەن پېرسىيىگە تاجاۋۇز قىلغان. ئۇرۇشقا ئاتلىنىشتىن ئىلگىرى، مال - بىساتىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئەسكەرلىرىگە ئىنئام قىلىۋەتكەن. بىر گېنېرال ئۇنىڭدىن ئۆزىگە نېمە قالدۇرۇپ قويغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ: «ئۈمىدنى» دەپ جاۋاب بەرگەن. دېمىسىمۇ، ئۇ پېرسىيىنى بويسۇندۇرۇش ۋە بۇلاڭ - تالاڭ قىلىش »ئۈمىدى« بىلەن سەپەرگە ئاتلانغان. ئۇ نەچچە يىل ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق، ئاخىر زېمىنى ماكېدونىيىدىن50 ھەسسە چوڭ، تارىختا بىر مەھەل تازا گۈللەنگەن پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنى يوقاتقان. ئارقىدىنلا ئۇ يەنە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ، ئۇدا ئون يىل توختىماي جەڭ قىلغان. بۇ جەرياندا ئەسكەرلىرى بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، ئۇلار بىلەن تەڭ جەڭ قىلغان، نۇرغۇن قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، كۆپ قېتىم ئۆزىدىن كۆپ دۈشمەننى يېڭىپ، ئاخىر شەرقتە ھىندى دەرياسىدىن باشلىنىپ، غەربتە نىل دەرياسى بىلەن بالقان يېرىم ئارىلىغىچە سوزۇلغان ئالېكساندر ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ چىققان. ئۇ شەرققە تاجاۋۇز قىلغاندا، ئۆزى ئىستېلا قىلغان رايونلاردا ئالېكساندرىيە شەھىرىدىن بىرنەچچىنى قۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە مىسىردىكى ئالېكساندرىيە شەھىرى ھەممىدىن داڭلىق. ئالېكساندر شەرققە يۈرۈش قىلىش جەريانىدا، ئىستېلا قىلىنغان رايونلاردا قالايمىقان قىرغىن قىلىپ، سان - ساناقسىز پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغان، سان - ساناقسىز ئادەم مال - دۇنياسىدىن ئايرىلىپ قۇل بولۇپ كەتكەن، نۇرغۇن مەدەنىيەتلىك شەھەرلەر خارابىلىككە ئايلىنىپ، قۇرۇقدىلىپ قالغان، قىسقىسى، ئۇ شەرقتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە تۈگىمەس بالا - قازا ئېلىپ كەلگەن. لېكىن، ئۇ ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقىنى قاپلىغان چوڭ ئىمپېرىيە قۇرغاچقا، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن بۇ رايونلارنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى323 - يىلى، ئالېكساندر33 يېشىدا كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر