UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرخۇڭ جياۋېي

خۇڭ جياۋېي

مەشھۇر شەخسلەر «ئۈچ جۇڭگولۇقنىڭ ھېسابلاش ئۇسۇلى»، «ئوخشاشلىق قائىـدىـسـى»، «دەلىللەش ئۇسۇلى» قاتارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر خەلقئارادا كۆپ قېتىـم زىلزىلە پەيدا قىلغان. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئوتتۇرىغا چـىقـارغـۇچـى دۇنـيـاغـا مەشھۇر ماتېماتىك، كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى خۇڭ جياۋېـي (1935 − ) ئىدى. خۇڭ جياۋېي ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ھەرقايسى پەنلەردىكى نەتىجىسـى ئەلا بولۇپ، بولۇپمۇ ماتېماتىكىدا كۆزگە كۆرۈنگەنىدى. ئۇنىڭ قىزىقىشى كەڭ دائىرىلىك بولۇپ، ساز، شاھمات، خەتتاتلىق، رەسساملىق جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەنىدى. ئۇ1955 - يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا كىرگەن،1962 - يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئاسپىرانتلىقىغا ئۆتكەن. بىراق، ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئەگرى - توقاي بولۇپ، ئۇزاققىچە ئۆز كەسپىنى قىلالمىغان، كۆپ يىللار تـۆۋەنگە ئەمگەككـە چـۈشۈرۈلگەن، تەكشۈرگۈچى، يالاڭ ئاياغ دوختۇر، گۇڭشېنىڭ دېھقانچىلىق تېخنىكى، گۈزەل سەنئەت خادىمى... بولغان. ئۇ مۈشكۈل ئەھۋالدىمۇ ئىلىم - پەن ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش غايىسىدىن ۋاز كەچمىگەن. ئۇنىڭ پەنلەردىكى بۆسۈش نۇقتىسىنى تۇتۇش جەھەتتىكى ئۆتكۈر كـۆزىتـىـش كۈچى ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكـى غايەت زور ئىجادچـانلـىقى باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان ئارتۇقچىلىقى ھېسابلىنىدۇ.1980 - يـىلى، ئۇ «ئوخشاشلىق قائىدىسى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كـومپـيۇتـېـر ئىلمى ۋە ماتېماتىكىدىكى مەشھـۇر تـېـمـا − تـۇرىڭ تـېمىسـىـنى بـېـيـىـتـقان ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەن. خەلقئارا سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدىكىلـەرنـىـڭ قىزىق تېمىسى «ئۇلاش مودېلى» (چوڭ مېڭىنىڭ بىر خىل ماتېماتىكـىـلـىـق مودېلى) ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدىكـى ئەڭ مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. خۇڭ جياۋېي بۇ خىـل مودېل بىلەن باشقا ھېسابلاش مودېللىرىنىڭ تەڭ قىممەتلىك ئىكەنلىـكـىـنـى ئىسپاتلاپ، بۇ خىل مودېلنىڭ ماھىيىتىنى نەزەرىيـە جـەھەتـتـىـن چـوڭـقۇر ئېچىپ بېرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىـش ئۈچـۈن نـەزەرىـيـىـۋى ئاساس سالغان. ماتېماتىكىدا، گېئومېتىرىيىدىكى بىرەر تېئورېمىنى ئىـنـكـار قىلىش ئۈچۈن، ئەكسى مىسالدىن بىرنى تـاپـسـىلا كـۇپـايـە. بـىـراق، بـىـرەر گېئومېتىرىيىلىك تېئورېمىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بەزى كونكرېت مـىـسـاللارلا كۇپايە قىلمايدۇ. خۇڭ جياۋېي كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قاراشلىرىنـى بـۇزۇپ تاشلاپ، ئۆزگىچە »دەلىللەش ئۇسۇلى« نى ئوتتۇرىغا قويدى. كىشىلەر بىـرەر كونكرېت مىسال ۋە خاتالىق پەرقى دائىرىسىنى تېپىپ چىقىپ، كومپيوتېـردا تەكشۈرۈپ كۆرسە، ئەگەر بۇ مىسال خاتالىق پەرقـى دائىـرىـسـى ئىچىدە توغرا بولسىلا، بۇ گېئومېتىرىيىلىك تېئورېما ئىسپـاتلانـغـان بـولـىـدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، تېئورېما پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، بۇ ئېلېمېنتار ماتېماتىكىغا قوشۇلغان زور تۆھپىدۇر. خۇڭ جياۋېي مۇنەۋۋەر نەزەرىيىچى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئەمەلىيەتـكـە بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەم. ئۇ رەقەم ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان ئىستانوكنى ئىشلىتىش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرى ئىقتىدارلىق YX تىلنى لايىھىلەپ چىقىدۇ. بۇنىڭ بىلەن رەقەم ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان ئىستانوكنىڭ ئىشلىتىلىشى ئىنتايىـن ئاددىـيلىشـىـپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەلۇماتىغا ئىگە كىشىلەر بىرنەچچە كۈن مەشىق قىلـسـىلا ئۆگىنىۋالالايدىغان بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
خۇڭ جياۋېي | UyghurWiki | UyghurWiki