UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەركۇلون

كۇلون

مەشھۇر شەخسلەر ئېلېكتر ئىلمـىـدە كـۇلون دەپ ئاتـالـغـان نـۇرغـۇن ئاتـالـغـۇلار بـار، مەسىلەن، زەرەت مىقدارىنىڭ بىرلىكى «كۇلـون»، زەرەتلەر ئارىسىدىكى تەسىر كۈچى ھەققىدىكى كـۇلـون قـانـۇنـى، كـۇلـون تـولـغانـمـا تـارازا تەجرىبىسى قاتارلىقلار بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى فرانسىيىلىـك ئالـىـم كـۇلـون (1736 −1806 ) نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. كۇلون18 - ئەسىردىكى چوڭقۇر مەلۇماتلىق فىزىك، شۇنـداقلا ئەيـنـى چاغدا ياۋروپادىكى داڭلىق ئىنژېنېرلارنىڭ بىرى. ئۇ نازۇك تەجرىبـىـلـەرنـى لايىھىلەشكە ماھىر، پىششىق تەجرىبە تېخنىكىسى ۋە مـاھارىـتـىـگـە ئىگە، مۇشۇ ئارقىلىق توغرا تەجرىبە سانلىرىغا ئېرىشىپ، تەھلىـل قىلىش ئارقىلىق، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيەتلىرىنى تېپىپ چـىـقـىـپ، ھەرىـكـەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ئېچىپ بەرگەن.1781 - يىـلـى، ئۇ سـۈركىلىش كـۈچـى بىلەن بېسىم كۈچىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بايقاپ، سۈركىلىش قانۇنى، دومىلىما ھەرىكەت قانۇنى ۋە سىيرىلما ھەرىكەت قانۇنىنى بايان قىلغان. بولۇپـمـۇ،1773 - يىلى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى مـۇكـاپـات تـەسـىـس قـىـلـىـپ، كېمىگە ئىشلىتىلىدىغان كومپاسقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىنى قوبۇل قـىـلـغـانـدا، كۇلون ماگنىت ستاتىك كۈچ ۋە ئېلېكتر ستاتىك كۈچنى بـېـرىـلـىـپ تەتقىق قىلىشقا باشلىغان، ئۇ كومپاس ئسترېلكىسـى ئىنچىـكـە تـىرەك ئۈستىگە قوندۇرۇلغاندا، سۈركىلىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، خاتالىـق پەرقى پەيدا بولىدۇ دەپ قاراپ، كومپاس يىڭنىـسـىـنـى ئىنچىكە سىم يـاكـى مەشۇت بىلەن ئېسىش ئارقىلىق سۈركىلىشنى تۆۋەنلىتىپ، بۇ قىـيـىـن تېمىنى ھەل قىلغانلىقى ئۈچۈن، فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇكاپاتىـغـا ئېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ تەتقىق قىلىـش ئارقـىـلـىـق مـەشـۇت ياكى مېتال يىپچە تولغانغاندا تولغىنىش كۈچى بىلەن ئىستـرېلـكـىـنـىـڭ ئايلانغان بۇلۇڭىنىڭ ئوڭ تاناسىپ بولىدىغانلىقـىـنـى بـايـقـاپ، ئېلاسـتـىـك تولغىنىش قانۇنىنى بەرپا قىلغان. بۇ ئۇنىڭ،1784 - يىلى، كۈچ ئۆلچەيـدىـغـان ئىنتايىن سەزگۈر ئەسۋاب − تولغانما تارازىنى كەشىپ قىلـىـشـىـغـا سـەۋەب بولغان. ئارقىدىنلا كۇلون تولغانما تارازا تەجرىبىسى ئارقىلىق، ئىـكـكـى نۇقتىۋى زەرەتنىڭ تەسىرلىشىش كۈچى بىـلـەن ئىـكـكـى نـۇقـتـىـۋى زەرەتنىڭ زەرەت مىقدارى ۋە ئۇلارنـىـڭ ئارىـلـىـقى ئوتـتـۇرىـسـىـدىـكـى مىقدارلىق مۇناسىۋەتنى ئېچىپ بېرىپ، ئېلېكترو ماگنىتىزم (ئېلېكتر ماگنىت ئىلمى)دىكـى تـۇنـجـى مىقدارلىق قانۇن − كۇلون قانۇنىنى بەرپا قىلغان، بۇنىڭ بىلـەن ئېـلـېـكـتـرو ماگنىتىزم سۈپەت جەھەتتىن تەتقىق قىلىشتىن مىقدارى جەھەتتىن تەتقىق قىلىش باسقۇچىغا كۆتۈرۈلۈپ، ھەقىقىي پەنگە ئايلانغان. كۇلون قانۇنىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئېلېكترو ماگنـىـتىزم تارىخىدىكى مۇھىم نامايەندە. كۇلون مۇشۇنىڭـغـا ئوخـشـاش ئۇسـۇل ئارقىلىق، داۋاملىق تەجرىبە ئىشلەپ، ماگنىتلىق ئىسترېلكىلار ئارىـسـىـدىـكـى تەسىرلىشىش كۈچىنى تەتقىق قىلىپ، ئىككى ماگنىت جىسىم ئارىسـىدىكـى تارتىشىش كۈچى ياكى تېپىشىش كۈچى رىئايە قـىـلـىـدىغان قـانـۇن زەرەتلەنگەن جىسىم ھەققىدىكى كۇلون قانۇنى بىلەن ئوخشـاش بولۇپ، ئىككى ماگنىتلىق جىسىم ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنىڭ كۋادراتـىغـا تـەتـۈر تاناسىپ بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. بۇلار ئېلېكترو ماگنىتىزمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقان. كۇلون لىمنىڭ ئۈزۈلۈشى، خىش - تاش قۇرۇلمىلىـق ئىـمـارەت، تـوپـا - ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئىمارەتلەرنىمۇ تەتقىق قىلغان، ئۇ ئىـلـگـىـرى ئادەمنىڭ ئوخشاش بولمىغان خىزمەت شارائىتىدا ئىشلىگەن ئىشىـنـىـڭ چـوڭ - كىچىكلىكىنى ئۆلچىگەچكە، ئىنسانلار ئارخىتېكتورىسىنىڭ ئاساسچىلىرىـدىـن بىرى دەپ قارالغان.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
كۇلون | UyghurWiki | UyghurWiki