UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرفلېمىڭ

فلېمىڭ

مەشھۇر شەخسلەر پېنسىلىن داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى ئانتىبئوتىك، ئالېكساندېر فلېمىڭ (1881 −1955 ) ئۇنى بايقىغاندىن بۇيان، ئۇ سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇۋالدى، ئۇ تا ھازىرغىچە ئىنسانلارنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالىشىنىڭ ياخشى دورىسى. فلېمىڭ ئەنگلىيىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىنلا تەبىئەتنـى سـۆيەتتى، ھەمىشە جانلىقلار ھادىسىسى ھەققىدە چوڭلاردىن سوئال سورايـتتى. ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇ مۇنتىزىم مەكتەپتە ئوقۇيالمىغان، بـىـراق ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرغان.20 يېشىدا، ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغـا تايىنىپ، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى بۈۋي مەريەم مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىغا كىـرىـپ دوختۇرلۇقنى ئۆگەنگەن. ئەگرى - توقاي كەچۈرمىشلەر فىلېمىڭغا بىلىم ئېلىـشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى تونۇتقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېببىي ئىلىم كىتـابلىرى «دېڭىزى» غا شۇڭغۇپ، قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن. فلېمىڭ27 يېشىـدا دۆلـەتلىك ئىمتىھاندىن ئۆتكەن ھەمدە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئالتۇن مېدالىغـا ئېـرىـشكەن، كېيىن بۈۋى مەريەم مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىدا تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. فلېمىڭ1 - دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ھەربـىـي دوختۇرخانىغا كېلىپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان، ئۇ نۇرغۇن يـارىدارلارنىڭ يارىسىنىڭ يىرىڭداپ يۇقۇملىنىشى تۈپەيلىدىن قول - پۇتلىرىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكىنى ياكى ئازاب بىلەن ئۆلۈۋاتقانلىقىنى، يەنە بـەزى بـىـر تۈركۈم يارىدارلار دېزىنفېكسىيە دورىلىرى قان سۇيۇقلۇقىغا كىرىـپ كـەتكەنلىكى ئۈچۈن قان كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇۋاتقانلىقـىـنـى كـۆرگەن، بۇلار فلېمىڭنىڭ كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى قوزغىغاچقا، ئۇ يارىنى دېزىنفېكسىيە قىلغىلى بولىدىغان ھەم قوشۇمچە تەسىرى بولمىغان يېـڭـى دورا تېپىپ چىقىش ئىرادىسىگە كەلگەن. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كـېيىن، فلېمىڭ ئانا مەكتىپىگە قايتىپ، داۋاملىق تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. فلېمىڭنىڭ تەجرىبىخانىسى سوغۇق ھەم نەم يەر ئاستى ئۆيىدە ئىـدى. ئۇ يارىنىڭ يۇقۇملىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبكار ئۈزۈمـسـىـمـان شـار باكتېرىيىنى ئايرىم - ئايرىم بىرقانچە ئەينەك قاچىدا ئۆستۈرىدۇ، باشقا سپورىلارنىڭ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەينەك قاچىلارنىڭ ئۈستـىـنـى يېپىۋېتىدۇ. بىر كۈنى فلېمىڭ قاچىلاردىن بىرىنىڭ ئاغزىنى ئېـتـىـشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئىككىنچى كۈنى سەھەردە ئاغزى يېپىلـمـىـغـان ئەينەك قاچىنىڭ چۆرىسىدە بىر قەۋەت كۆكۈچ رەڭدىكى كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغنى بايقايدۇ، فلېمىڭ ئۇنى مىكروسكوپ ئاستىغا قويۇپ كۆزىتىپ، كۆكۈچ رەڭدىكى كۆكەرتكۈچى زەمبـۇرۇغ بـار جايدا ئۈزۈمسىمان شار باكتېرىيىسىنىڭ يوقالغانلىقىنى ۋە زەمبۇرۇغنـىـڭ ئەتراپىدىكى ئۈزۈمسىمان شار باكتېرىيىلىرىنىڭمۇ ئۆلگەنلىكىنى بايقايـدۇ. بـۇ تاسادىپىي بايقاش ئۇنى چەكسىز ھاياجانلاندۇرىدۇ، چۈنـكـى بـۇ كـۆكۈچ رەڭدىكى كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغنىڭ ئۈزۈمسىمان شار باكتېرىيىسىنى يوقىـتـىـش ۋە ئۇنىڭ تارقىلىشىنى توسۇش رولى بار ئىدى. فلېمىڭ بۇ خىل كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغنى «پېنسىلىن» دەپ ئاتايدۇ. كېيىن ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، پېنسىلىن800 ھەسسە سۇيۇقلانـدۇرۇلـغاندىن كېيىنمۇ باكتېرىيىنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلىيەلەيدىغانلىقىنى ھەم يـۇقىرى قويۇقلۇقتىمۇ ھۈجەيرىنى زەخىملەندۈرمەيدىغانلىقىـنـى ئىـسپاتلايدۇ. شۇنداق قىلىپ فلېمىڭ1928 - يىلى ئۆزىنىڭ يېڭى دورا تېپىـش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، پېنسىلىن ئىنسانلار تۇنجى بايقىغان ئانتىبـىئوتىكقا ئايلىنىدۇ. فلېمىڭ پېنسىلىننى بايقىغاندىن بۇيان، كـىـشـىـلـەر2000 خىلدىن ئارتۇق ئانتىبىئوتىكنى بايقىدى ھەم ھەر يىلى يېڭى بايقاشلار بولۇۋاتىدۇ.1945 - يىلى، فلېمىڭ ئەنگلىيىلىك خوۋارد فلورېي ۋە گېرمانىيىلىك ئېرنىست چاين ئۈچ ئادەم بىرلىكتە نوبېل فىزىئولوگىيە ۋە مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر