كاردېناس
مەشھۇر شەخسلەر
»مەن ئۆلگەندىن كېيىن، مېنى خاتىرىلىمەكچى بولساڭلار، ھەيكەل ياسىماڭلار، ئابىدە تىكلىمەڭلار، ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزمەڭلار، مەن ئۈچۈن بىر مىنۇت سۈكۈتتىمۇ تۇرماڭلار، بەلكى مېكسىكىنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن بىر سائەت ئارتۇق ئىشلەپ قويۇڭلار.« بۇ ئۆزگىچە ۋەسىيەت مېكسىكىنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر سىياسىئون كاردېناسنىڭ يۈكسەك ئەخلاق - پەزىلىتىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.
كاردېناس (1895 −1970 - يىللار) ئىلگىرى مەتبەئە ئىشچىسى بولغان.20 ياشقا كىرمەستىلا مۇستەبىتلىككە، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى سېتىشقا قارشى ئىنقىلابقا قاتناشقان. ئىنقىلاب غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئارمىيىدىكى ھەربىي ئۇنۋانى ئەڭ يۇقىرى گېنېرال مايور بولۇپ قالغان.1934
- يىلى، كاردېناس مېكسىكىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان. ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئالتە يىلدا، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش يولىدا جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، زور كۈچ بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بارغان، ئۇنىڭ ئىسلاھاتى كېيىنكىلەر تەرىپىدىن »كاردېناس ئىسلاھاتى« دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى: چوڭ ئېكىنزارلارنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، يېرى يوق، يېرى ئاز دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىش (بۇنىڭ بىلەن1 مىليونغا يېقىن دېھقان يەرگە ئېرىشكەن) دۆلەتنىڭ بايلىقىنى قوغداپ، چەت ئەل كاپىتالىستلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى نېفىت كارخانىلىرى، تۆمۈريول قاتارلىقلارنى دۆلەت ئىگىدارلىقىغا ئۆتكۈزۈۋېلىپ، مىللىي ئىگىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپلەپ مەكتەپ ئېچىپ، مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش؛ سەككىز سائەتلىك خىزمەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ئىشچىلارنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كاردېناسنىڭ ئىسلاھاتى جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇش خاراكتېرىنى ئالغان بولۇپ، بۇ ئىسلاھات تەدبىرلىرى دېموكراتىيە تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەپ، مېكسىكىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يېڭى تارىخىي باسقۇچقا ئېلىپ كىرگەن.
كاردېناس ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ۋەتەننىڭ غېمىنى يەپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا كۈچ چىقىرىپ، جاھانگىرلىكنىڭ كېڭەيمىچىلىكى، تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرغان،1970 - يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.