لاۋۇزىر
مەشھۇر شەخسلەر
فرانسىيىلىك خىمىك لاۋۇزىر (1743 −1794 ) كۆيۈشنىڭ ئوكسىدلىنىـش - ئوكسىدسىزلىنىش رېئاكسىيىسى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت توغرا نەزەرىيىنى ئوتتـۇرىـغـا قويۇپ، خىمىيىنى ئەيـنـى چـاغـدىـكـى فلوگىستون تـەلـىـمـاتـىـنىڭ گۇڭگالىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، تۇيۇق يولدىن داغدام يولغا باشلىغاچقا، يېقىنـقـى زامـان خىمىيىسىنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتالغان.
لاۋۇزىر ياشىغان دەۋردىكى كىشىلەر، ماددىلاردا فلوگىستون بولغـانـلـىـقـى ئۈچۈن ماددىلار كۆيىدۇ، دەپ قارايتـتـى. لاۋۇزىر نـوپـۇزغـا خـۇراپـىـيلارچـە ئىشەنمەستىن، تەجرىبە نەتىجىسىگىلا ئىـشـىـنـەتتى. ئۇ فـوسـفـور كۆيگەندە چىقارغان ئاق ئىسنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ئۆلچەپ، ئىسنىڭ ئەسلىدىكى فوسفوردىن ئېغىر بولىدىغانـلـىـقـىـنـى ئىسپاتلىغان، ئۇ بۇنى فوسفور بىلەن ھاۋانىڭ بىرىككەنلىكى دەپ قـارىغان. ئۇ يەنە فوسفور قاچىلانغان تەخسىنى سـۇ ئۈسـتـىـدە لـەيـلـەپ تـۇرغـان پۇرۇپكا جازىسىغا قويۇپ، فوسفورغا ئوت تۇتاشتۇرغاندىـن كـېـيـىـن، دەرھال ئەيـنـەك ياپقۇچ بىلەن ئۇنى قاپلاپ قويـىـدۇ، يـاپـقـۇچ ئىـچىـگـە قـويـۇق ئاق ئىـس توشىدۇ. ئوت ئۆچكەندىن كېيىن، سۇ ئورنى5 تىن1 قىسىـم ئۆرلـەيـدۇ، بـۇ ياپقۇچ ئىچىدىكى5 تىن1 قىسىـم ھاۋانـىـڭ فـوسـفـور بـىـلـەن بـىـرىـكـكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئۇ يەنـە گـۈڭـگـۈرتـتـىـن ئوخـشـاش تەجرىبە ئىشلەپ، ئوخشاش نەتىجىگە ئېـرىـشـىـدۇ. شـۇنـىـڭ بـىـلـەن ئۇ فلوگىستون نەزەرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ ۋە كۆيۈشكە يـاردەم بېرىدىغان گازنى ئوكسىگېن دەپ ئاتايدۇ.
لاۋۇزىر كۆيۈش تەجرىبىسى ئىشلىگەندە، مېتال ھىـم ئەيـنـەك ئىـچـىـدە كۆيگەندە پەيدا بولغان مېتال كۈلى دەسلـەپـتـە ئىـشـلـىـتـىـلـگـەن مېتالدىن ئېغىر بولسىمۇ، قىزدۇرۇلۇشنىڭ ئالدى - كەيـنـىـدىكى قاچا ئېغىرلىقىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بايقايدۇ. بۇ تەجرىبە تەتقىـقـات نـەتـىـجـىـلـىـرى مـاددا ماسسىسىنىڭ ساقلىنىش قانۇنىنى تـۇرغـۇزۇش ئۈچـۈن مـۇھىـم تـۆھپـە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
كىشىلەر ئەينى چاغدا ھىدروگېننى «كۆيىدىغـان ھاۋا» دەپ ئاتـايـتتى، بـىـراق ھىدروگېن كۆيگەندە ھاسىل بولغان ماددىنى ئېنىق بىـلـمـەيـتـتـى. لاۋۇزىر كۆپ قېتىم تەجرىبە ئىشلەش ئارقىلىق، ھىدروگېن كۆيگەندىن كېيىـن سـۇ پەيدا بولىدىغانلىقىنى، سۇ يەنـە ھىـدروگېـن بـىلەن ئوكـسـىـگـېـنـغـا پارچىلىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ئۇ پۈتكۈل تەجرىبىنى چوڭ بىر تەھلـىـل تارازىسى ئۈستىدە تەكرار - تەكرار ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ماسسىسىنىـڭ رېئاكسىيىدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بايقاپ، ماسسىنـىـڭ ساقلىنىش قانۇنى ئومۇمىي قانۇنىيەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئەزەلدىن قېتىرقىنىپ ئىشلەش روھىغا ئىگە لاۋۇزىر پۈتۈن ۋۇجۇدى بـىـلـەن ئىلىم - پەن تەتقىقاتى خىزمىتىگە بېرىلىپ كەتكىنىدە، ئۇنىڭ بېشىغا ئاپەت كېلىدۇ. ئۇ قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە قامىلىپ،1794 - يىل5 - ئاينىڭ8 - كۈنى مويتۇڭزىغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. فرانسـىـيـە ئۆزىـنـىـڭ بـۇ كاتتا ئوغلىنى ئۆلتۈرىدۇ، دۇنيا ئەڭ نادىر ئالىمدىن مەھرۇم قالىدۇ. مەشـھـۇر ماتېماتىك لاگرانژې ھەسرەتلىنىپ: «ئۇنىـڭ كـالـلـىـسـىـنـى كېسىش ئۈچۈن بىر دەقىقە بولسا كۇپايە، بـىـراق ئۇنـىـڭـكـىـگـە ئوخـشـاش كاللىدىن يەنە بىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن بىر ئەسـىـر كـۈتـۈشـىـمـىـز مۇمكىن» دېگەن.