UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرناسىر

ناسىر

مەشھۇر شەخسلەر كامال ئابدۇللا ناسىر (1918 −1970 - يىللار) ئاسيوت ئۆلكىسىنىڭ بىنمور كەنتىدىكى بىر خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.20 يېشىدا مىسىر خانلىق ھەربىي ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزگەن. ياشلىق مەزگىللىرىدە فېئودال خانلىققا قارشى مەخپىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان، ئەركىن ئوفىتسېرلار تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان.1952 - يىلى «ئەركىن ئوفىتسېرلار تەشكىلاتى»غا رەھبەرلىك قىلىپ «ئىيۇل ئىنقىلابى»نى قوزغاپ، فەرۇق خانىدانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان، خانلىق تۈزۈمنى بىكار قىلىپ، مىسىر جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان ۋە ئۇزاق ئۆتمەي زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان.1970 - يىلى ۋاپات بولغان. ناسىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللەردە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، «ھەربىي قوشۇن بولغاندىلا، مىللىي ئىنقىلاب ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ» دەپ قارىغان.1953 - يىلى1 - ئايدا پەرمان چۈشۈرۈپ، بارلىق سىياسىي پارتىيىلەرنى تارقىتىۋەتكەن.1958 - يىلىدىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدە ئۇدا ئۈچ يىل كوممۇنىستىك پارتىيىگە قارشى ھەرىكەت قوزغىغان. دۆلەت ئىچىدە مىللىي ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، چەكلىك يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى ۋە مىللىي سودا - سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى يولغا قويغان ھەمدە دۆلەتنىڭ مونوپول كاپىتالىنى زور كۈچ بىلەن كۆپەيتكەن.1961 - يىلى7 - ئايدا «سوتسىيالىزم» بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلاپ، دۆلەت ئىگىدارلىقىغا ئۆتكۈزۈۋېلىشنى كەڭ كۆلەمدە يولغا قويغان. سىرتقا قارىتا جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىغان.1956 - يىلى ناسىر سۇۋەيىش قانىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى جاكارلىغان.10 - ئايدا ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئىسرائىلىيە سۇۋەيىش قانىلى ئۇرۇشىنى قوزغاپ، ئىسرائىلىيە سىناي يېرىم ئارىلىغا تۆت تەرەپتىن بېسىپ كىرگەن. ئارقىدىنلا ئەنگلىيە، فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى مىسىرغا تاجاۋۇز قىلغان. ناسىر رەھبەرلىكىدىكى مىسىر ئارمىيىسى ۋە خەلقى پۈتۈن دۇنيادىكى تىنچلىقپەرۋەر ئەللەرنىڭ ۋە خەلقنىڭ قوللىشى ھەم يار - يۆلەك بولۇشى ئارقىسىدا، تاجاۋۇزچىلارغا باتۇرلارچە قارشىلىق كۆرسىتىپ غەلىبە قىلغان. ناسىر ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىنىڭ ئاساس سالغۇچىلىرىدىن بىرى.1955 - يىلى4 - ئايدا، ئۇ باندۇڭ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە، يۇگوسلاۋىيە زۇڭتۇڭى تىتو، ھىندىستان زۇڭلىسى نېھرو قاتارلىقلار بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىنى قوزغىغان
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر