ھۇيگېنس
مەشھۇر شەخسلەر
دۇنيادا نۇر بولمىسا جاھاننى زۇلمەت باسىدۇ. بىراق، نۇر دېگەن زادى نېمە؟ بەزىلەر نۇر تۈۋرۈكـى، نۇر سـىزىقى، تەكشى ئەينەكنىڭ نـۇر قايتۇرۇشىدىن نۇرنىڭ يامغۇرلۇق كۈندىكى «يامغۇر يىپلىرى» ىغا ئوخشايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ دانە - دانە نۇر زەررىچىلىرىدىن تەركىب تاپقانلىقـىـنـى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر تاشنى سۇغا تاشلىغاندا پەيدا بولغـان سۇ دولقۇنىدىن ئىلھام ئېلىپ، نۇر بوشلۇقتـا مـەۋجـۇت بـولـغـان «ئېـفـىـر» دولقۇنى دەپ قارايدۇ.17 - ئەسىردىن19 - ئەسىرگىچە، يۇقىرىدا ئېيتىلغـان ئىلىم - پەن ساھەسىدىكى ئىككى ئېقىم جىددىي مۇنازىرىنى قانات يايدۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئېقىمنىڭ ۋەكىلى گوللاندىيىلىك ھۇيـگېـنس (1692 −1695 ) ئىدى.17
- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، دۇنيانىڭ ئىلىم - پەن نوپۇزلۇقـى نيۇتون ئىدى. نيۇتون نۇرنىڭ زەررىچە تەلىماتىنى بەرپا قىلىپ، نـۇرنى بىر خىل مىكرو زەررىچىلەر ئېقىمى دەپ قارىغان ھەم ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ نۇرنىـڭ تۈز سىزىق بويىچە تارقىلىشى، تەكشى ئەينەكتىن قايتىشى، چېگرا يۈزىدە سۇنـۇشـى قاتارلىق ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرگەن. بىراق، ھۇيگېنس ئۇنىڭغا ئوخشـاش بولمىغان قاراشتا بولغان، ئۇ مىكرو زەررىچىلەر تەلىماتى تېخىمۇ مۇرەكـكـەپ بولغان دىفراكسىيە، ئىنتېرفېرېنسىيە قاتارلىق ھادىسىـلـەرنـى چـۈشـەنـدۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، دەپ قارىغان، ئۇ نۇرنىڭ دولقۇن تەلىماتىـنـى بەرپا قـىـلىپ، نۇرنىڭ ئېفىر دولقۇنى ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قـىـلـغان ۋە زەررىچە تـەلـىـمـاتـى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان نـۇرنـىـڭ قايتىشى، سۇنۇشى، قوش سۇنۇشى قاتارلىق ھادىسىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك چۈشەنـدۈرۈپ، زەررىچە تەلىماتى پەن مۇنبىرىنى يالغۇز ئىگىلـىـگـەن ۋەزىـيـەتـنـى بۇزۇپ تاشلىغان. نيۇتوننىڭ ئابرۇيى يۇقىرى بولغاچـقـا، كـۆپ سـاندىـكـى كىشىلەر زەررىچە تەلىماتىنى ياقـلىغان، ھۇيگـېـنـس يـېـتـىـم قالدۇرۇلغان ئاز سانلىقلار ئېقىمىغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇ، نوپۇزغا چوقۇنماي، مۇستەقىل قارىشىدا چىڭ تۇرغان. نۇرنىـڭ دولقۇن تەلىماتى يېقىنقى زامان فىزىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. ئەمەلىيەتتە، نۇرنىڭ زەررىچە تەلىماتـى ۋە دولقۇن تەلىماتى قاتارلىقلار نۇرنىڭ ماھىيـىـتـىـنـى ئوخـشـاش بولمىـغـان تەرەپتىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. مۇشۇ ئاساستا تەرەققىي قىلغان يېقىنقـى زامان فىزىكىسى شۇنى ئىسـپـاتـلـىـدىـكـى، نـۇر بـىـرلا ۋاقـىـتـتـا دولـقـۇن خۇسۇسىيىتى ۋە زەررىچە خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ھۇيگېنس يەنە ماياتنىكنىڭ تەۋرىنىش قانۇنىيىـتـىـنـى ئەڭ بـالدۇر بايقىغان ۋە ماياتنىكتىن پايدىلىنىپ، پارىژدىكى ئېغىرلىق كۈچى تېزلىنىشىنـى ھېسابلاپ چىققان. ئۇ يەنە ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جـەمئىـيـىـتـىـنـىـڭ تەلىپى بويىچە مېتال شارچىلارنىڭ سوقۇلۇشىنى تەتقىق قىلغان ۋە ماددىنىڭ ئېنېرگىيىسى بولىدىغـانـلـىـقـىنى، ئېنـېـرگىـيـىـنـىـڭ ساقلىنىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغان، بۇلار ئەينـى چـاغـدا ئاجـايـىـپ ئىش ھېسابلىناتتى، ئۇ ئۆزى ياسىغان تېلېسكوپ ئارقىلىق ساتۇرنـنىڭ نـۇر ھالقىسى ۋە ساتۇرننىڭ ئالتە ھەمراھى، ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى تۇمانـلـىـقـى قاتارلىقلارنى بايقىغان. ئۇ كەشىپ قىلغان ھۇيگېنس ئەينىكىنىڭ ئۈنـۈمـى ياخشى بولۇپ، تا ھازىرغىچە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.
ھۇيگېنس سەمىمىيەتچىل ئادەم بـولـۇپ، كـۆپ ئىـشـلـەپ، ئاز سـۆز قىلاتتى. ئۇ نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك زور تەتقىقاتلارنى ئىشلىگەن بـولسىـمـۇ، ئېلان قىلغان نەتىجىلىرى ئىنتايىـن ئاز. ئۇ ئالـەمـدىـن ئۆتكـەندىن كېيىن، كىشىلەر ئۇنىڭ ماقالىلىرىـنـى رەتـلـەش داۋامـىـدا، بـۇ ئالـىـمـنـىـڭ ئەستايىدىللىقى، تىرىشچانلىقى ۋە مۇستەقىل پىكىر قىلـىـدىـغـان ئىـلـمـىـي روھىغا قايىل بولغان.