پاسكال
مەشھۇر شەخسلەر
كىشىلەر تۇنجى قېتىم چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىـزلىكـىـگـە بـارغـىـنـىـدا، نەپەسلىنىشنىڭ قىيىنلىشىۋاتقانلىقىنى ھېـس قـىـلـىـدۇ، يـۈرەك كـېـسـىـلـى بىمارلىرىنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىدۇ، يېڭى تۇغۇلغـان بـوۋاقلارنـىـڭ ئۆلـۈش نىسبىتى يۇقىرى بولىـدۇ. بـۇنىڭ سەۋەبى نـېـمـە؟ پـاسـكـال (1623 −1662 ) ئىسىملىك فرانسىيىلىك بۇنىڭدىكى سىرنى ئەڭ بالدۇر بايقىغان. ئەسـلـىـدە، ئېگىزلىك ئاشقانسېرى ھاۋا شالاڭلىشىدۇ، ئاتموسفېرا بېسـىـمـى تۆۋەنلەيدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەر بۇنىڭغا ماسلىشالمايدۇ.
پاسكال كىچىكىدىنلا ئىنـتـايـىـن ئەقـىـلـلـىـق بـولـۇپ،12 يـېـشـىـدا ماتېماتىكىغا ئىشتىياق باغلىغان،16 يېشىـدا پـارىـژدىـكـى مـاتـېـمـاتـىـك ۋە فىزىكلار گۇرۇپپىسى (فرانسـىـيـە پـەنـلـەر ئاكـادېـمـىـيـىـسـىنىڭ ئۇلى)غـا قاتناشقان،17 يېشىدا ماتېماتىكا تېئورېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان،20 يېشىـدا تارىختىكى تۇنجى مېخانىكىلىق ھېسابلاش ماشىنىسىنى لايىـھـىـلـەپ يـاسـاپ چىققان. ئۇ،40 ياشقىچە ياشىيالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىلـىـم - پـەنـگـە زور تۆھپىلەرنى قوشقان.
پاسكالنىڭ فىزىكىغا قوشـقـان تـۆھپـىـسـى ئەڭ زور. ئۇ22 يـېـشـىـدا ۋاكۇئۇم ۋە ئاقار جىسىملار ستاتىكىسى مەسىلىلىرى تەتقىقاتىغـا بـېـرىـلـگەن ۋە غايەت زور ئۇتۇق قازانغان. ئۇ سۇ ۋە ئىسپىرتتىـن پـايـدىـلـىـنـىـپ مەشھۇر تورىچېللى ۋاكۇئۇم تەجرىبىسىنى كۆپ قېتـىـم تـەكرار ئىـشـلـەپ، ۋاكۇئۇمنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتلۇقىنى؛ ھاۋانىڭ ھەقىقەتـەن ئېـغـىـرلـىـقـى بارلىقىنى؛ ئاتموسفېرا بېسىمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەۋجـۇت ئىـكەنـلىـكىـنى كىشىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلىغان. بۇلار − ئەينى چاغـدا پـارىـژنـى زىلزىلىگە سالغان زور ئىشلار.
پاسكال يەنە ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان ئېگىزلىكـتـە سۇيۇقلۇق بېسىمى تەجرىبىسىنى كۆپ قېتىم ئىشلەپ، ئاتموسفېـرا بېسىمىنىڭ ئېگىزلىكنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلـەيـدىـغـانـلـىـقـىـنـى ئىسپاتلىغان. بۇ بايقاش گېئونومىيە تـەتـقـىـقـاتـى ھەتـتـا بـۈگـۈنـكـى ئاۋىئاتسىيە تېخنىكىسىدا كەڭ كۆلەمدە قوللىنـىلىـۋاتـىـدۇ. پـاسـكـال يـەنـە يۇقىرىقى تەجرىبىلەر ئارقىلىق شپىرىـســنـى كـەشـىـپ قـىـلـغان، تورىچېللىنىڭ سىماب بارومېتىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن.
پاسكال1653 - يىلى تۇنجى قېتىم مەشھۇر پاسكال قانۇنىنى ئوتتۇرىـغـا قويغان، بۇنىڭ ئۈچۈن «سۇيۇق جىسىملار تەڭپۇڭلۇقى تـوغـرىـسـىـدىـكـى بايان» دېگەن مەشھۇر ئىلمىي ماقالىسىنى يېزىپ، سۇيۇقلۇق بـېـسـىـمىنىڭ تارقىلىش مەسىلىسىنى تەپسىلـىـي مۇھاكىمە قـىـلـغان. مـۇشـۇ قانۇندىن پايدىلىنىپ ياسالغان تۈرلۈك شەكىلدىكى سۇيـۇقلـۇق پرېسلىرى ئىنسانلار ئۈچۈن سانسىز مۆجىزىلەرنى ياراتتى. پـاسـكـال يـەنـە، سۇيۇقلۇقلارنىڭ ئېغىرلىقى بولغاچقا، سۇيۇقلۇق قاچىلانغان قاچىنـىـڭ تېمى ئۇچرايدىغان بېسىم سۇيۇقلۇقنىڭ چـوڭـقـۇرلـۇقـى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسەتكەن. كىشىلەر ئۇنى خاتىرىـلـەش ئۈچۈن بېسىم بىرلىكىنى «پاسكال» دەپ بېكىتكەن