UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرزەررىچە ۋە دىڭ جاۋجۇڭ

زەررىچە ۋە دىڭ جاۋجۇڭ

مەشھۇر شەخسلەر 1976 - يىلى12 - ئايدىكى نوبېل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مـۇراسـىـمـىـدا، زادىلا بولۇپ باقمىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن: فىزىكا مۇكاپـاتـىـغـا ئېرىشكۈچى ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئالىم پروفېـسـسـور دىـڭ جـاۋجـۇڭ (1936 − ) مۇراسىمدا خەنزۇ تىلىدا سۆزلىگەن. مۇراسـىـمـدىـكـى كىشىلەردىن خەنزۇ تىلىنى بىلىدىغانلار ئىنتايىن ئاز بـولـسـىـمـۇ، لېكىن كۆپچىلىك ئامېرىكـىـدا تـۇغـۇلـغـان، يـۇرتـى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ رىجاۋ شەھىرىدىن بولغان مۇنەۋۋەر جۇڭگولـۇق ئالـىـمـغـا قايىللىق نەزىرى بىلەن تىكىلگەنىدى. دىڭ جاۋجۇڭنىڭ كەسپـى زەررىـچـە فـىزىكىـسـى ئىـدى. زەررىـچـە فىزىكىسى ئاتوم يادروسىدىنمۇ چوڭقـۇر قـاتلامـلـىـق مـىـكـرو دۇنـيـادىـكـى ماددىلارنىڭ تۈزۈلۈشىنى تەتقىق قىلـىـدىـغـان پـەن.1974 - يـىـلـى دىـڭ جاۋجۇڭ فىزىكا ساھەسىنى زىلزىلىگە سالغان يېڭى زەررىچە، يەنـى سـۇب ئاتوم زەررىچىسىنى ئالدى بىلەن بايقاپ، بۇ ئۇ زەررىچىگە J زەررىچىـسـى دەپ نام بەرگەن، «J» بىلەن «丁» خـېـتـى ئوخـشـىـشـىـپ كـېـتـىـدۇ، بـۇ جۇڭگولۇقلار بايقىغان زەررىچە دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. J زەررىچىسىنـىـڭ مەۋجۇتلۇقى كىشىلەرنىڭ «يۇقىرى»، «تۆۋەن»، «تـاق» ئۈچ خـىـل كـۋارك ئارقىلىق تۈرلۈك ئاساسىي زەررىچىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بەرگىـلـى بـولـىـدۇ، دەپ قارىشىنىڭلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، جەزمەن تۆتىنچى خـىـل كـۋارك ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەكلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بۇ كـىـچـىـك بـايـقـاش ئەمەس، بۇ بايقاش ئالىملارنـىـڭ تـەبـىئەت دۇنـيـاسـىـنـىـڭ قـۇرۇلـمـىـسـى توغرىسىدىكى بىلىشىنى چوڭقۇرلاشتـۇرۇپ، زەررىـچـە فـىـزىـكـىـسـىـنـىـڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى، شۇڭا1976 - يىللىق نوبېـل فىزىكا مۇكاپاتى دىڭ جاۋجۇڭغا بېرىلدى. دىڭ جاۋجۇڭ − ۋاقىتنى ئىنتايىن قەدىرلەيدىـغـان ئادەم. ئۇ بـىـر مـەھەل، ماسسا چۇسېتس تەبىئىي پەنلەر ئىنسـتـىـتـۇتـى، فـېـدېراتـىـپ گـېـرمـانىـيـە ۋە شۋېتسارىيىلەردە تەجرىبىخانىسى بولغانلىقى، ئۆيى ئامېرىكىدا بولغـانـلـىـقـى سەۋەبىدىن، ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىـم دېـگـۈدەك ئايـروپىلانـغا ئولتۇرۇپ ئاتلانتىك ئوكياندىن ئۆتۈپ تۇرغان. ئۇ كۆپرەك خىـزمـەت قـىـلـىـش ئۈچـۈن، ھەر كۈنى سەھەر سائەت بەشلەردىلا ئورنىدىن تۇرۇپ، تۈن نىسپىدىن ئاشقانـدا ئۇخلايـدۇ. ئۇ خىزمەتتە ئىنتايىن ئەستايىدىل بولۇپ، چېچىلاڭغۇ، سۆرەلمە ئىستىلدىـن ئىنتايىن بىزار. ئۇنىڭ ئەتراپىدا خىزمەت قىلغانلار سەللا بوشاڭلىق قـىـلـسـا، قاتتىق تەنقىدلىنىدۇ. ئۇ1981 - يىلدىن ئېتىبارەن، جۇڭگونى ئۆز ئىچـىـگـە ئالـغـان دۇنيانىڭ ھەرقايـسـى جايلىرىدىكى400 نـەچـچـە فىزىك ۋە1000 نەپەر ئىنژېنېرغا رەھبەرلىك قىلىپ، زەررىچە فىـزىـكـىـسـى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، زەررىچە فىزىكىسىدا تېخى ئېچىلمىغـان سـاھە ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر