UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرشۈ گۇاڭچى

شۈ گۇاڭچى

مەشھۇر شەخسلەر قەدىمدىن تارتىپ دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ كەلگەن جۇڭگودا، ھازىرغـىـچـە يېتىپ كەلگەن دېھقانچىلىق تېخنىكىسىغا ئائىت كىتابلار كۆپ ئەمـەس. مـىـڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن شۈ گۇاڭچىنىڭ «دېھقانچىلىق قامـۇسـى» نى ئېـلـىـمـىـزنـىـڭ قەدىمكى زامانىدىكى دېھقانچىلىق ئېنسكلوپېدىيىسى دېيىشكە بولىدۇ. شۈ گۇاڭچى (1562 −1633 ) شاڭخەي ناھىيىسىـدە تـۇغـۇلـغـان بولۇپ، كىچىك ۋاقىتلىرىدا ئائىلىسى نامرات ئىدى، بىراق، ئۇ ئەقىللىـق ھەم تىرىشچان بولۇپ، بۈيۈك غايىلەرنى كۆڭلىگە پۈككەن. بـىـر كـۈنـى بىرنەچچە ساۋاقدىشى ئۆزلىرىنىڭ غايىسى ئۈستىدە توختالغانـدا، بـەزىلىرى زەردار بولىدىغانلىقىنى، بەزىلىرى دەرۋىش بولىدىغانلىقىنى ئېـيـتـىـدۇ، شـۈ گۇاڭچى بولسا «ئەلنى ئىدارە قىلىشتا دۇرۇس ئىشلارنـى قولدىن بەرمەي، يامانلىقتىن قول ئۈزۈش، ھاياتنى مەنىلىك ئۆتكـۈزۈش» لازىملىـقـىـنـى بىلدۈرىدۇ. ئۇ ئەگرى - توقاي ھاياتىدا، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكـى ۋەدىـسـىنـى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.1600 - يىلى، شۈ گۇاڭچى نەنجىڭدا ئىتالىيىلىـك دىـن تـارقـاتـقـۇچى لىمادۇ بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن غەربنىڭ ئىلىم - پەن بىلىملىرىنـى ئۆگىنىدۇ. شۈ گۇاڭچىنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرى ئىنتـايـىن كـۆپ بـولـۇپ، لىمادۇ بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېۋكلىدنىڭ «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» نىـڭ ئالتە قىسمىنى تەرجىمە قىلىدۇ، بۇنىڭغا جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردىكى زاتلار ئىنتايىـن يۇقىرى باھا بېرىپ، «سۆز - ئىبارىلىرى بەئەينى ئالتۇن جاۋاھىـرات، ئەزەلدىن ئەبەدكە ئۆلمەس ئەسەر» دەپ قارايدۇ. شۈ گۇاڭچىنىڭ رىياسەتچىلىـكىدە تۈزۈلگەن137 جىلدلىق «چۇڭجېن كالېندارى» ئېلىمىزنىڭ ئاسترونومىك كالېندارچىلىقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. شۈ گۇاڭچى شۇنىڭ بىـلـەن بىر ۋاقىتتا، غەربنىڭ سۇچىلىق ئىلمىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، «غـەربـنـىـڭ سۇچىلىق قائىدىلىرى» دىن ئالتە جىلدنى تەرجىمە قىلىدۇ. شۈ گۇاڭچىنىڭ خىزمەتلىرى جۇڭگونىڭ غەربنىڭ ئىلغار پەن - تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشىگە يول ئاچىدۇ، ئۇ جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان ئىلىم - پېـنـىـنـىـڭ مـەرىـپـەت پىرى دەپ ئاتىلىدۇ. شۈ گۇاڭچى يەنە ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، دېھقانچىلىـق ئەمـەلـىـيـىـتـىـگـە قاتنىشىپ، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش تېـخنىـكىلىرىنى يەكۈنلەپ ئومۇملاشتۇرىدۇ. ئۇ فۇجيەننىڭ تاتلىقياڭيۇسىنى شاڭخەيدە ئۆستۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ ۋە «تاتلىقياڭيۇ تـوغـرىـسـىـدا» نـى يېزىپ چىقىدۇ. ئۇ يەنە شىمالنىڭ چامغۇرىـنـى شـاڭـخـەيـدە ئۆسـتـۈرۈپ، «چامغۇر توغرىسىدا»نى يېزىپ چىقىدۇ.1633 - يىلى، شۈ گۇاڭچى ياشىنىـپ يۇرتىغا قايتىپ، پۈتۈن ھاياتىدا ئەجىر قىلىپ توپلىـغـان مـاتـېـرىـيـاللارنـى رەتلەپ،60 جىلدلىق «دېھقانچىلىق قامۇسى» نى يېزىپ چىقىدۇ، بۇ كىـتـابـتـا ئېلىمىزنىڭ دېھقانچىلىق قوراللىرى، تۇپراق، سۇچىلىق، ئوغـۇتلاش، ئۇرۇق تاللاش، ئۇلاقچىلىق قاتارلىق دېھقانچىلىق تېخنـىكـىلـىـرى تەپـسـىـلـىـي خاتىرىلەنگەن بولغاچقا، جـۇڭـگـو تـارىـخـىـدىـكـى ئەڭ مـۇھىـم دېھقانچىلىق ئىلمىي ئەسەر ۋە دۇنـيـادىـكـى ئەڭ قىممىتى بار قەدىمكى زامان دېھقانچىلىق قامۇسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. شۈ گۇاڭچى خانىدانلىق سىياسىيسىنى يېڭىلاش ئىدىيىسىنى باشتـىـن - ئاخىر ئۇنتۇمايدۇ، ئۇ بىرنەچچە قېتىم ئاستانىگە بېرىپ مـەنـسەپ تۇتىدۇ، بىراق، مەككار ئەمەلدار، ئەخمەق پادىشاھنىڭ چەتكـە قـېـقـىـشـى بـىلەن ئاستانىدىن ئايرىلىدۇ. ئۇ مەنسەپ تۇتقان نەچچە ئون يىلدا باشتىن - ئاخىر پاك - دىيانەتلىك ئۆتىدۇ. كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن چېغىدا يېنىدىن10 سەر كۈمۈشمۇ چىقمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر