ماۋ يىشىڭ
مەشھۇر شەخسلەر
1937 - يىلى، جۇڭگو كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى تۇنجى زامانىـۋى كۆۋرۈك − چيەنتاڭجيـاڭ تـۆمـۈريـول - تـاشـيـول كۆۋرۈكىدە رەسمىي قاتناش باشلانغان. بۇ كۆۋرۈكـنـى جۇڭگونىڭ41 ياشلىق كۆۋرۈك مۇتەخەسسىسى − ماۋ يىشـىـڭ (1896 −1989 ) لايىھىلىگەن.
ماۋ يىشىڭ جياڭسۇنىڭ جېنجياڭ شەھىرىدىن، ئۇ كىچىكـىـدىـنلا تـىـرىـشـىـپ ئۆگىنىدۇ، مۇلاھىزە قىلىشقا ماھىر، ئون ياشقا كىرگەن يىلىدىكى تـاڭـزۇڭـزا بايرىمىدا، يۇرتىدا ئەجدىھا قېيىق مۇسابىقىسى ئۆتـكـۈزۈلـىـدۇ، مـۇسـابـىـقـە كۆرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ۋېندې كـۆۋرۈكىگـە چىقىۋالغـاچقا، ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن، كۆۋرۈك گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، نـۇرغـۇن ئادەم سـۇدا تۇنجۇقـۇپ ئۆلـىـدۇ. بـۇ شۇم خـەۋەر خـۇددى غـايـەت زور تـاشتـەك مـاۋ يىشىڭنىڭ يۈرىكىنى بېسىۋالىدۇ. ئۇ چوڭ بولسام مەزمـۇت كـۆۋرۈك يـاسـاپ چىقىمەن دېگەن قەتئىي ئىرادىگە كېلىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ماۋ يىشـىڭ كۆۋرۈكلا ئۇچراتسا، مەيلى تاش كـۆۋرۈك يـاكـى يـاغاچ كـۆۋرۈك بولسۇن، كۆۋرۈك يۈزىدىـن كـۆۋرۈك تـۈۋرۈكـلـىـرىـگـىـچـە ئەستايىدىل سەپسالىدۇ. ئۇ ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا، كۆۋرۈككە دائىر ماقـالـە ۋە ئابزاسلارنى ئۇچرىتىپ قالسا، كىچىك دەپتىرىگە كۆچۈرۈۋالىدۇ، كۆۋرۈككـە دائىر رەسىملەرنى قىيىۋالىدۇ.1916
- يىلى20 ياشقا كىرگەن ماۋ يىشىڭ مەملىكەت بويىچە بىرىنچـى نەتىجە بىلەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن ئامېرىكىدا ئوقۇيدىغان ئاسپىرانتلىقىغا ئۆتىدۇ،1920 - يـىلـى دوكـتورلـۇق ئىـلـمـىـي ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. ئۇ «كۆۋرۈك مېخانىكىسىدىكى ئىـكـكـىـنـچـى كۈچىنىش» دېگەن تېمىدا دىسسېرتاتسىيە ياقلايدۇ، بۇ ئەيـنـى چـاغـدا دۇنـيـاۋى سەۋىيىگە ئىگە ئەسەر بولۇپ، گالجى تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتى تارقاتقان ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىدۇ.
ماۋ يىشىڭ1933 - يىلدىن1937 - يىلغىچە، چيەنتاڭـجـيـاڭ دەريـاسـى كۆۋرۈكى قۇرۇلۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، ئېلىمىزدىـكـى تۇنجى تاشيول ۋە تۆمۈريولغا ئىشلىتىـلىدىغان زامـانـىـۋى كـۆۋرۈك − چيەنتاڭجياڭ كۆۋرۈكىنى ياساشقـا رىـيـاسـەتـچـىـلـىـك قـىـلـىـدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ماۋ يىشىڭ ۋەتەننىڭ ھەممە جايلىرىـدا ئىـز قالدۇرىدۇ، ئۇنىڭ نامى يېڭى سېلىنغـان كـۆۋرۈكلەر بـىلـەن ھەرقايـسـى جايلاردا قالىدۇ.1954 - يىلى، ئۇ چاڭجياڭ دەرياسىدىكى تۇنـجـى زامـانـىـۋى كۆۋرۈك − ۋۇخەن - چاڭجياڭ كۆۋرۈكىنى ياساشقا رىياسەتچىلـىـك قىلىدۇ.1958 - يىلى بېيجىڭدا خەلق سارىيىنى سېلىۋاتـقـانـدا، زۇڭـلـى جـۇ ئېنلەي قۇرۇلۇش لايىھىسىنى تەكشۈرۈۋېتىپ: «ماۋ يىشىڭنىڭ ئىمزاسى بىـلـەن كاپالەتلىك قىلىنسۇن» دەپ كۆرسەتمە بېرىدۇ. پارتىـيـە رەھبـەرلـىـرى مـاۋ يىشىڭغا ئىنتايىن ئىشىنىدۇ، ئۇمۇ پارتىيىنىڭ خىزمىتىگە ئىنتـايـىـن مـەسئۇل بولىدۇ، ئۇ خەلق سارىيىنىڭ قۇرۇلما لايىھىسىنـى ئەتـراپـلـىـق تـەكـشـۈرۈپ ھېسابلىغاندىن كېيىن ئىمزا قويىدۇ.
ماۋ يىشىڭ پۈتۈن ھاياتىدا كۆۋرۈك كەسپىنـى ئۆگـىـنـىـدۇ، كـۆۋرۈك سالىدۇ، يەنە كۆۋرۈك توغرىسىدا ئەسەر يازىـدۇ. ئۇنـىـڭ «چيـەنـتـاڭـجـيـاڭ كـۆۋرۈكـى»، «ۋۇخـەن - چـاڭـجـيـاڭ كــۆۋرۈكــى»، «جۇڭگونىڭ كۆۋرۈكلىرى − قەدىمكى كـۆۋرۈك ۋە بـۈگـۈنـكـى كـۆۋرۈك» قاتارلىق ئەسەرلىرى ۋەتەننىڭ ئىلىـم - پـەن ئىـشـلـىـرى ئۈچـۈن ئاجـايـىـپ تۆھپىلەرنى قوشتى.