درېيس
مەشھۇر شەخسلەر
ھازىر، ۋېلىسىپىت دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىغا ئومۇملاشتى. بىراق، ۋېلىسىپىتنى كەشىپ قىلغۇچىنىڭ گېرمانىيىلىـك ئورمان باققۇچى درېيس (1785 −1851 ) ئىسىملىك ئادەم ئىكەنلىكىنـى بـىلىدىغانلار ئىنتايىن ئاز.
درېيس ئورمان باققۇچى بولغاچقا، ھەر كۈنى بۇ ئورمانـدىـن يـەنـە بـىـر ئورمانغا مېڭىپ كۆپ رىيازەت چېكىدۇ، ئۇنىڭدا بىر خىل قاتناش قورالىـنـى كەشىپ قىلىش ئارزۇسى پەيدا بولىدۇ. ئۇ ئادەم ئەگەر چـاق ئۈسـتـىـدە ئولتۇرسا تېخىمۇ تېز ماڭمامدۇ! دېگەن ئويغا كېلىدۇ. شۇنداق قىلىـپ درېيس ۋېلىسىپىتنى لايىھىلەش ۋە ياساشقا كىرىشىدۇ. ئۇ ئىككى ياغاچ چاق، بىر ئېگەر، ئالدى چاققا ئورنىتىلغان تىزگىـنلەش رولىنى ئوينايدىغان رولدىن ۋېلىسىپىت ياسايدۇ. ئادەم ۋېلىسىپـىـت ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئىككى پۇتى بىلەن يەرنى تېپىپ ياغاچ چاقنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ دۇنيادىكى تۇنجى ۋېلىسىپىت بارلىققا كېلىدۇ.1817
- يىلى، درېيس تۇنجى قېتىم ۋېلىسىپىتىنى مىنىپ ساياھەتكە چىـققاندا، يول بويى كىشىلەرنىڭ مازاق قىلىشىغا ئۇچرايدۇ... ئۇ بۇنداق مەسخىرىگە پاكىت بىلەن جاۋاب بېرىش قارارىغا كېلىدۇ. بىر قېتىملىق مۇسابىـقـىدە، ئۇ ۋېلىسىپىتلىك تۆت سائەتتە باسقان مۇساپىنى ئات ھارۋىسى15 سائەتتە بېسىپ بولىدۇ، شۇنداق بولسىمۇ، ۋېلىسىپىت ئىشلەپچىقىرىش ۋە سـېتىشنى خالايدىغان بىرمۇ زاۋۇت سودىگىرى چىقمايدۇ.1839
- يىلى، شوتلاندىيىلىك ماك مىللان پېدالنى كەشىپ قىلىـپ، ئۇنى ۋېلىسىپىتنىڭ ئالدى چاقىغا ئورنىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ۋېلىسىپىت تېخنىـكـىـسـى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىدۇ.1869 - يىلى فرانسىيىلىك گىلمېر تۇنـجـى زەنـجـىـرلىك ۋېلىسىپىتنى كەشىپ قىلىدۇ. مۇشۇ ئون نەچچە يىل ئىچـىـدە، يـەلكەنلىك ۋېلىسىپىت، سۇ ئۈستى ۋېلىسىپىتى، مۇز ۋېلىسىپىتى، بەش چـاقـلـىـق ۋېلىسىپىت قاتارلىق تۈرلۈك شەكىلدىكى ۋېلىسىپىتلەر بارلىققا كېلىـپ، تـەدرىجىي ئاممىۋىلاشقان قاتناش قورالىغا ئايلىنىدۇ. كېيىن، يەل بېرىلىدىغـان بـالون، زەنجىر قاتارلىقلارنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن، ۋېلىسىپىتنىڭ قۇرۇلمىسـى بارغانسېرى مۇكەممەللىشىدۇ.
درېيس يەنە گۆش قىيمىلاش ماشىنىسى، ماشىنكا قاتارلىقلارنى كەشىپ قىلىپ، ئەمگەك سىجىللىقىنى يېنىكلىتىدۇ. ھازىر تـۆمۈريول ئىشچىلىرى تۆمۈريولدا ئىتتىرىپ ماڭدۇرىدىغان كىچىك ھارۋىنىمۇ درېيس كەشىپ قىلغان، شۇڭا ئۇ «درېيس» دەپ ئاتىلىدۇ.