لى داۋيەن
مەشھۇر شەخسلەر
قەدىمكى زاماندا مەنسەپ تۇتقان بىر ئادەم جايلارغا بېرىپ سەيلـە - سـاياھەت قىلغاندا، تاغ - دەريا، ئېقىنلارنى ئەتراپلىق كۆزىتىپ، ئەۋلادمـۇ ئەۋلاد قالىدىغان كىتاب − «دەريالار تەپسىراتى» نى يېزىپ چىقىپ، جـۇڭگودىكى قەدىمكى مەشھۇر جۇغراپىيىشۇناسقا ئايلىنـىـدۇ، بـۇ ئادەم جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلەردىكى شىمالىي ۋېي دەۋرىدە ئۆتكەن لى داۋيـەن (تەخمىنەن466 −527 ) دۇر.
لى داۋيەن خېبىي ئۆلكىسىنىڭ جوشيەن ناھىيىسىدىكى بىر مەنسەپدار ئائىلىـسىـدە تۇغۇلغان، ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىدا سەيلە - ساياھەتكە قىزىققان. كېيىن مەنسەپ تۇتۇپ، جايلارغا بېرىپ سەيلە - ساياھەت قىلىپ، مەشھـۇر جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن باشقا، سۇ ئېقىنى، يەر شەكلىنى ئىنـچـىكە تەكشۈرگەن، دەريا قىرغىقى جۇغراپىيىسى، يەر قىياپىتى، تـۇپراق، كىلىمات، خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - تۇرمۇشى، رايونلارنىڭ ئۆزگىـرىشى قاتارلىقلار بىلەن تونۇشقان.
ئۇ قەدىمكى زامان جۇغراپىيە كىتابى − «دەريالار» دا چـوڭ - كىچىك دەريا ئېقىنلىرىنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا توغرا خاتىرىلەرنىڭ يېـتـەرسىزلىكىنى، دەۋرلەرنىڭ ئالمىشىشى بىلەن، شەھەرلەرنىڭ گاھىدا گۈللەنگەنلىكى، گاھىدا خارابلاشقانلىقى، بەزى دەريا ئېقىنلىرىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى، ناملىرىنىڭمۇ ئۆزگەرگـەنلىكىنى، لېكىن كىتابتا تولۇقلىما ئىزاھات بېرىلمىگەنلىكىنى بايقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن لـى داۋيەن «دەريالار» غا ئىزاھات يېزىش قارارىغا كېلىدۇ.
ئۇ «دەريالار تەپسىراتى» نى يېزىش ئۈچۈن، بۇنىڭغا ئائىت400 خىلدىن ئارتۇق كىتاب ئوقۇيدۇ، بارلىق خەرىتىلەرنى ئاختۇرىدۇ، نـۇرغۇن قەدىمىي ھۆججەت - ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىدۇ، يەنە ئۆزى نـەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرىدۇ، ھەر جايغا بارغاندا، سۇ يولىنىڭ تارقىلىشـى، سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى ھەم ئېقىن ئۆتىدىغان رايونلارنىڭ تەبىئىي ۋە گۇمانىتار جۇغراپىيىلىك ماتېرىياللىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ توپلايـدۇ، كىتابتىكى خاتىرىلەرنى نەقلەشتۈرىدۇ. ئۇ چاغلاردا قـاتناش قۇلايسىز، يوللار قىيىن بولسىمۇ، ئۇ جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، تاغ - دەريالارنى كېزىپ جايلارنىڭ تاغ - دەريا، دەل - دەرەخلىرى ۋە غار، تۇپراق قاتارلىقلىرىنى تەكشۈرىدۇ.
»دەريالار« دا ئەسلىدە چوڭ - كىچىك دەريا ئېقىـنـلـىـرىـدىـن137 سى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، خەت سانى10 مىڭدىن ئارتۇقراق ئىدى، لى داۋيەن ئىزاھات يازغاندىن كېيىن، چوڭ - كىچىك دەريا ئېقىنـلـىـرى1252 گـە كۆپىيىپ، خەت سانى300 مىڭدىن ئېشىپ، يازغان ئەسىرىنىڭ ھەجمى «دەريالار» دىن20 ھەسسە ئاشىدۇ. كىتابتا ھەرقايسى دەريا ئېقىنلىرىنىڭ باشلىنىشى ۋە ئېقىنـى، ھەرقايسى ۋادىلارنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيىسى، ئىقتىسادىي جۇغراپىيىسـى ۋە گۇمانىتار جۇغراپىيىۋى ئەھۋالى ھەمدە يانار تاغ، ئارىشاڭ، سۇچىلىق قـۇرۇلۇشى قاتارلىقلار خاتىرىلىنىدۇ. بۇ جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى ئەڭ ئەتراپلىق ھەم سىستېمىلىق ئۇنىۋېرسال جۇغراپىيە كاتتـا ئەسىرى. «دەريـالار تەپسىراتى» جۇڭگونىڭ پەن - مەدەنىيەت تارىخىدا غايـەت زور قىممەتكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، تارىختىن بۇيـان نـۇرغـۇن ئالىملار ئۇنـى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ، «لى داۋيەن ئىلمى» نى شەكىللەندۈرگەن.
لى داۋيەن مەنسەپ تۇتقاندا، پاك - دىيانەتلىك بولۇپ، قانۇننى قاتتـىـق ئىجرا قىلغان، شۇڭا خانىدانلىقتىكى ھوقۇقدارلارنىڭ ئۆچمەنلىكىگە ئۇچرىغان، ئۇلار خاندانلىقنى لى داۋيەننى توپىلاڭ يۈز بەرگەن جايغا مەنسەپدارلىققا تەيىنلەشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىدۇ.527 - يىلى لى داۋيەن مەنسەپكـە ئولتۇرۇش سەپىرىدە، ئۇكىسى ھەمدە ئىككى ئوغلى بىلەن بىللە توپىلاڭچـى قـوشۇننىڭ ئاتامانى سۇ باۋيىن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ.