UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرفۇچىك

فۇچىك

مەشھۇر شەخسلەر «ئەي خەلقىم، مەن سىلەرنى سۆيىمەن، سىلەر ھوشيار بولۇڭلار!» بۇ چېخسلوۋاكىيە مىللىي قەھرىمانى، مۇنەۋۋەر كوممۇنىزم جەڭچىسى فۇچىكنىڭ دار ئالدىغا ماڭىدىغان چاغدا كىشىلەرنى كونا دۇنيانى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، گۈزەل كېلەچەك يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، چەكسىز مېھىر - مۇھەببەت بىلەن قالدۇرغان سۆزى. فۇچىك (1903 −1943 - يىللار) پراگا شەھىرىدىكى بىر ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۇلۇغ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ ئىلھامى بىلەن، ئەمدىلا قۇرۇلغان چېخ كومپارتىيىسىگە18 يېشىدىلا كىرگەن ھەمدە پارتىيىنىڭ ئورگان گېزىتى − «قىزىل ھوقۇق گېزىتى»نىڭ مۇھەررىرى بولغان. ئۇ ئىنقىلاب ئاخباراتچىسى، يازغۇچى ۋە ئوبزورچى.1938 - يىلى، «ميۇنخېن كېلىشىمى» ئىمزالىنىپ، ۋەتەن مۇنقەرز قىلىنغاندا، ئۇ كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى بىلەن نۇرغۇن ماقالە يېزىپ، گېرمان ناتسىستلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سۇيىقەستىنى پاش قىلغان.1939 - يىلى3 - ئايدا، گېرمانىيە پۈتكۈل چېخسلوۋاكىيىنى ئىشغال قىلىۋالغان، فۇچىك فاشىستلارغا قارشى يوشۇرۇن كۈرەشكە ئاتلانغان.1941 - يىلى2 - ئايدا، چېخسلوۋاكىيە كومپارتىيىسىنىڭ1 - نۆۋەتلىك يەر ئاستى مەركىزىي كومىتېتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قولغا ئېلىنغان، بەختكە يارىشا ئامان قالغان فۇچىك كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇپ،2 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنى تەشكىللىگەن، «قىزىل ھوقۇق گېزىتى»نى چىقىرىپ، ئۈنۈملۈك تەشۋىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنى كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلغان.1942 - يىل4 - ئاينىڭ24 - كۈنى، فۇچىك فاشىستلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. ئۇ تۈرمىدە قاتتىق قىيىن - قىستاققا ئېلىنىپ، كۆپ قېتىم ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغان. شۇنداقتىمۇ ئۇ باشتىن - ئاخىر دۈشمەنگە تىز پۈكمەي، تۈرمىدىكى كوللىكتىپ كۈرەشكە قەيسەرلىك بىلەن تەشكىلاتچىلىق ۋە رەھبەرلىك قىلغان، بىر ئاق كۆڭۈل گۇندىپاينىڭ ياردىمىدە، پارچە - پۇرات قەغەزلەرگە قېرىنداش بىلەن داڭلىق «دار ئالدىدىكى سۆز»نى يېزىپ چىققان. ئۇ بۇ ئەسىرىدە تولۇپ تاشقان ئىنقىلابىي ئۈمىدۋارلىق بىلەن: «مەن ھاياتنى سۆيىمەن ھەمدە ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن»، «بىز خۇشاللىق ئۈچۈن ياشايمىز، خۇشاللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز، خۇشاللىق ئۈچۈن قۇربان بېرىمىز، شۇڭا ئازاب - ئوقۇبەتنى ئەبەدىلئەبەد ئىسىم فامىلىمىز بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قويماسلىقىمىز كېرەك» دەپ يازغان، ئەڭ ئاخىرىدا: «كەلگۈسىگە سادىق بولغان، گۈزەل كېلەچەك ئۈچۈن قۇربان بولغان ھەربىر ئادەم تاشتىن ياسالغان ئابىدىدۇر» دەپ خۇلاسە چىقارغان.1943 - يىل9 - ئاينىڭ8 - كۈنى، فۇچىك بېرلىندا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.1945 - يىلى5 - ئايدا گېرمانىيە ناتسىستلىرى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، فۇچىكنىڭ ئايالى تۈرمىگە بېرىپ، «دار ئالدىدىكى سۆز»نىڭ تەرەپ - تەرەپكە چېچىلىپ كەتكەن ئورىگىنالىنى يىغىۋالغان. ھازىرغىچە بۇ كىتاب80 نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ، ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى بايلىقى بولۇپ قالدى.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر