مېندېلېيېۋ
مەشھۇر شەخسلەر
1869 - يىلىدىن ئىلگىرى، كىشىلەر ئىنتـايـىـن كـۆپ خـىـمـىـيـىـۋى ئېلېمىنتلارنى بايقىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئېلېمېنـتلار ئوتتۇرىسـىـدىكى مۇناسىۋەتنى بىلمەيتتى، نۇرغۇن خىمىكلار ئېلېمېنتلارنى تۈرلەرگە ئايـرىـش تەتقىقاتىنى ئىشلىگەن بولسـىـمـۇ، تـوغـرا تـۈرگـە ئايـرىـش قـائىدىسـىـگـە ئېرىشەلمىگەچكە، تۈرلۈك ئېلېمېنتلار خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ ئۆزگـىـرىـش قـانـۇنـىـيـىـتـى يـەنـىلا بـىـر سـىـر ئىـدى.1869 - يـىـلـى پـېـتــربــۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مېندېلېيېۋ (1834 −1907 ) ئېلېمېنـتلارنـى تۈرلەرگە ئايرىپ تەتقىق قىلىپ، ئاخىر ئېلېمېنتلارنىڭ خۇسۇسىيـىـتـى بىلەن ئاتوم ئېغىرلىقى ئوتتۇرىسىدىكى دەۋرىي ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىـنـى بايقايدۇ. ئۇ بايقالغان63 خىل خىمىيىۋى ئېلېمېنتنى بىر پارچە ئېلېمېنـتلار دەۋرىي جەدۋىلى قىلىپ تۈزۈپ چىقىدۇ، تىك قۇرلار گۇرۇپپىلارنى، تـوغـرا قـۇرلار دەۋرلەرنى ئىپادىلەيدۇ ھەمدە: «ئېلېمېنتلار (شۇنداقلا ئېـلـېـمـېـنـتلاردىـن تەركىب تاپقان ئاددىي مـاددىلار يـاكـى بـىرىكـمـىلـەر) نىڭ خۇسۇسىيەتلىرى، ئۇلارنىڭ ئاتوم ئېغىرلىقىنىـڭ ئۆزگـىـرىـشـىـگـە ئەگىشىپ دەۋرىي ھالدا ئۆزگىرىدۇ» غانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مېندېـلـېـيېۋ يـەنـە بەزى ئېلېمېنتلارنىڭ ئاتوم ئېغىرلىـقـىـغـا دادىللـىـق بـىـلـەن تـۈزىـتـىـش كىرگۈزۈپ، بەزى ئېلېمېنتلارنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتـىـدۇ ھەمـدە جـەدۋەلـدە نۇرغۇن بوش ئورۇنلارنى قـالـدۇرۇپ، بـۇ بـوش ئورۇنلاردا تـېـخـى بايقالمىغان ئېلېمېنتلارنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، شـۇنـىـڭ بـىـلـەن بىللە ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيىتى توغرىسىدا بېشارەت بېرىدۇ. ئۇ خىمىيىۋى ئېلېمېنتلار دەۋرىي قانۇنىنى1869 - يىلـى رەسمىي ئېلان قىلغان.1875
- يىلى فرانسىيىلىك خىمىك بوۋبودران «گاللېي» نى بـايـقـايـدۇ، مېندېلېيېۋ دەرھال بوۋبودرانغا خەت يېزىپ، «گـالـلـېـي» نـىـڭ ئۆزى1869 - يىلى بېشارەت بەرگەن «قوغۇشۇن تۈرىدىكى ئېلېمېنت» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بـېـرىـدۇ ھەمدە «گاللېي»نىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى07 .4 ئەمەس، بەلكـى9 .5 −0 .6 ئارىلىقىدا بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىزاھلايدۇ. بـوۋبـودران ئەجەبا مەن گاللېينى كۆرۈپمۇ باقمىغان مېندېـلـېيېـۋچىلـىـك بولالمايمەنمۇ؟ دەپ ھەيران قالىدۇ. ئىنچىكىلىك بىلەن ئۆلچەش ئارقىلىق مېندېـلـېيېـۋنـىـڭ تـوغـرا ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ، بۇ ئېلېمېنتلار دەۋرىي قـانـۇنـىـنـىـڭ تـۇنـجـى غەلىبىسى بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، مېندېلېۋ بېشارەت بەرگەن ئېلېمېنـتلار ئارقا - ئارقىدىن تېپىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مېندېلېيېۋ ۋە ئېلېمېنتلار دەۋرىي قانۇنى زور شۆھرەت قازىنىپ، پۈتۈن دۇنياغا تارىلىدۇ. بىر قېتىم مۇخـبـىـر مېندېلېيېۋدىن: «دەۋرىي قانۇنىنى قانداق ئويلاپ تاپـقـانـتـىـڭـىـز؟» دەپ سورىغىنىدا، ئۇ: «20 يىل ئويلاندىم» دەيدۇ. مۇخبىر يەنە: «ئۆزىـڭـىـزنـىـڭ تالانت ئىگىسى ئىكەنلىكىڭىزنى ئېتىراپ قىلامسىـز؟» دەپ سـورايـدۇ. ئۇ ئويلىنىپ تۇرماستىنلا: «ئۆمۈر بويى تىرىشىپ ئاندىن تالانـت ئىـگـىـسـى بولدۇم!» دەيدۇ.
ئېلېمېنتلار دەۋرىي قانۇنىنىڭ بايقىلىشى ماددىي دۇنيانىـڭ سىرلىرىنـى يورۇتۇپ بەردى، خىمىيە ئالىملىرىمۇ ئىنتايىن قۇدرەتلىك ياراغقا ئىگە بولدى، ئۇ ھەم كېيىنكى ئوپتىكا، ئاتوم فىزىكىسىنىڭ تەرەققىياتـىـدا يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. تا ھازىرغىچىلىك ئېلېمېنتلار دەۋرىي قانـۇنـى يەنىلا كىشىلەرنىڭ يېڭى ئېلېمېنتلارنى ئىزدىشى، ئېلېمېنتلارنـىـڭ خۇسۇسىيىتىنى تەتقىق قىلىشىدىكى ئاساسىي قانۇن بولۇپ كەلدى.
مېندېلېيېۋ ئاخىرقى تىنىقىغىچە خىزمەت قىلدى،1907 - يىل1 - ئاينىـڭ20 - كۈنى كىتاب ئۈستىلى ئالدىدا قولىدا قەلەمنى تۇتقـان پـېتـى، ئالـدىـدا يېزىلىپ بولمىغـان ئەسـەر تـۇرغـان ھالەتـتـە دۇنـيـا بـىـلـەن ۋىدالاشتى. دەپنە كۈنى پېتىربۇرگنىڭ چوڭ - كىچىك كوچـىـلـىـرىـغـا قـارا يوپۇق ئورالغان پانۇسلار يورۇتۇلدى، ياش ئوقۇغۇچىدىن ئون نـەچـچـىـسـى چوڭ ئىشلەنگەن خىمىيىۋى ئېـلـېـمېـنـتلار دەۋرىـي جـەدۋىـلـىـنـى كۆتۈرگىنىچە دەپنە قوشۇنىنىڭ ئالدىدا ماڭدى،10 مىڭلـىـغـان ئامـمـا بـۇ قوشۇنغا ئۆزلۈكىدىن قوشۇلۇپ، بۇ ئۇلۇغ خىمىكنى ئۇزاتتى.