ھېرتس
مەشھۇر شەخسلەر
دۇنيادا ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى بولمىغىنىـدا ، سـىـمـسـىـز تـېـلـېـگراف بولمىغان بولاتتى، بۈگۈنكى رادىئو - تېلېۋىزىيىمۇ بولمىغان بولاتتى، ئېلېكتـر ماگنىت دولقۇنىنى گېرمانىيىلـىـك فـىـزىـك ھـېـرتــس (1857 −1894 ) بايقىغان.1868
- يىلى فىزىكا پىرى ماكسىۋېل ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنىڭ مەۋجۇتلۇقى توغرىسىدا نەزەرىيە جەھەتتىن بېشارەت بەرگەندىـن كـېـيـىـن، ئالىملار بۇ بېشارەتنىڭ توغرا - خاتالىقىـنـى تەجرىبىلەر ئارقىلىق ئىسـپاتلاش ئۈچـۈن، تىرىشىپ ئىزدەنگەن.1886 - يىلى10 - ئايدا، ھـېـرتــس ئېـلـېـكـتـر كاتۇشكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇچقۇنلۇق زەرەت قويۇپ بېرىـش تـەجـرىـبـىـسـى ئىشلەپ، زەرەت قويۇپ بېرىش كاتۇشكىسىغا يېقىـن جـايـدىـكـى يەنە بىر ئىزولياتسىيىلەنگەن ئوچۇق كاتۇشكىدا ئۇچـقـۇن پـەيـدا بولغانلىقىنى توساتتىن بايقىغان. ھېرتس بـۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتىنى پىلانلىق ھالدا ئىنتايىن سەزگۈرلـۈك بـىـلـەن ئېلىپ بارغان.1888 - يىلىغىـچـە بـولغـان بـىـر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىـدە، ئۇ كـۆپ قـېـتـىـم تـەجـرىـبـە ئىـشـلـىگەن؛ ئۆتكۈزگۈچنىڭ شەكلى، چوڭ - كىچىكلىكى، ۋاسىتىچى مـاددا، زەرەت قويۇپ بەرگۈچى كاتۇشكا بىلەن ئىندۇكسىيە كاتۇشكىسى ئوتـتـۇرىـسـىـدىـكـى ئارىلىق... قاتارلىقلارنى تەكرار - تەكرار ئۆزگەرتىپ، ئاخىرى، ئېلېكـتـر ماگنىت دولقۇنىنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى دەلىـلـلـىگەن ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتىنى بايقىغان. ئىنسانلار20 نەچچە يىل كۈتكەن ئېلېكـتـر ماگنىت دولقۇنى ئاخىر ھېرتسنىڭ قولىـدا ئۇچـقـۇن پەيدا قىلغان. ئەينى چاغدا، ھېرتس بۇ بايقاشنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئېلېكتـر مـاگـنـىـت دولقۇنى بايلىقىنى ئېچىش ۋە پايدىلىنىش يېڭى دەۋرىنى ياراتقانلىـقىـنـى ھېس قىلمىغان.
كېيىن، ھېرتس يەنە بىر قاتار تەجرىبىلەرنى ئىـشـلـىگەن. ئۇ ئۇلـترا بىنەپشە نۇرنىڭ ئۇچقۇنلۇق زەرەت قويۇپ بېرىشكە بـولـغـان تـەسـىـرىـنـى تەتقىق قىلىپ، فوتو ئېلېكتر ئېففېكتى، يەنى ماددىلارنـىـڭ نۇر تەسىرىدە ئېلېكترون قويۇپ بېرىش ھادىسىـسـىـنـى بـايـقىغان. بـۇ بـايـقـاش ئېينىشتېيننىڭ فوتون نەزەرىيىسىنى بەرپا قىلىشىدا تـەجـرىـبـە ئاساسى بولۇپ قالغان. ھېرتس يەنە تەجرىبە ئارقىلىـق ئېـلـېـكـتـر مـاگـنـىـت دولقۇنىنىـڭ تـوغـرا دولـقـۇن ئىـكـەنـلـىـكـىـنـى، تـۈز سـىـزىـق بـويـىـچـە تارقىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ قايتىشى، سۇنۇشى ۋە ئېغىشى قاتارلـىـق ئوپـتـىـك خۇسۇسىيەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە ئىـكـكـى يـۈرۈش ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنىڭ ئىنتېرفېرېنسىيىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ماكسۋېلنىڭ ئېلېكتر ماگنىت نەزەرىيىسىنىڭ توغرىلىقىنى تولۇق دەلىللـەپ، ماكسۋېل تەڭلىمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنى تېخىمۇ كۆركـەم، ماس ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ماكسۋېل تەڭـلـىـمـىـسـىـنـىـڭ ھازىـرقـى زامـان شەكلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ھېرتس ئىنسانلار مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئىنتـايـىـن زور تـۆھپـىـلـەرنـى قوشقان، ئىنسانلار ئۇنىڭدىن تېخىمۇ زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتقىنىدا،1894 - يىلى يېڭى يىلدا زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان، بـۇ چـاغـدا ئۇ36 ياش ئىدى. فىزىك پلانك ھېرتسنى خاتىرىلەش نۇتـقـىـدا، ئالـەم بىلەن بالدۇر ۋىدالاشقان فىزىكنى «ئىلىم - پەن داھىيلىرىمـىـزنـىـڭ بـىـرى ئىدى» دېگەن. ئۇنىڭ تۆھپىلىرىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، تۈرلۈك دولقۇنلارنىـڭ چاستوتا بىرلىكىگە «ھېرتس» دېگەن نام بېرىلگەن.