UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرشېن كو

شېن كو

مەشھۇر شەخسلەر قەدىمكى غەربلىكلەر نېفىتنىڭ نېمىلىكىنى بىلـمەيدىغان ۋاقىتلاردا، جۇڭگولۇق پۇقرالار بۇ قارا سـۇيـۇقلۇقتىن پايدىلىنىپ، تاماق پىشۇرغان، چىراغ ياققان. بۇ تۆھپە ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى ئوقۇمۇشلۇق بىر كىشىسىگە مەنسۇپ، ئۇ تەكرار - تـەكرار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ نەرسىنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە ئىشلىتىلىشىنى ئېنىقلاپ، پۇقرالارنى كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىشكـە سەپەرۋەر قىلغان. بـۇ ئوقۇمۇشلۇق كىشى يەنە بۇ نەرسىگە «تاش يېغى» (نېفىت) دەپ ئىسىم قويغان، بۇ ئىسىـم تا ھازىرغىچە قوللىنىلىۋاتىدۇ. بۇ ئوقۇمۇشلـۇق كىشى شىمالىي سـۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شېن كو (1031 −1095 ) دۇر. شېن كو شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى يىللىرىدا چيەنتـاڭ (بـۈگـۈنـكـى خاڭجۇ شەھىرى)دا تۇغۇلغان. ئۇ ئېلىمىزنىڭ قـەدىـمـكـى مـەشـھـۇر ئىسلاھاتچىسى ۋە ئالىمى بولۇپ، ئاسترونومىيە، كالېندارچىلىق، مـاتـېـمـاتـىـكـا، فىزىكا، خىمىيە، جۇغراپىيە، گېئولوگىيە، مېتېئورولوگىـيـە، بـىئولوگىيـە، مېدىتسىنا قاتارلىق پەنلەردە زور ئۇتۇقلارنى قازانغان، غـەربـلـىـكـلـەر ئۇنـى «جۇڭگو ئىلىم - پەن تارىخىدىكى نامايەندە» دەپ ئاتايدۇ. شېن كو33 يېشىدا ئاستانە كەيفېڭغا كېلىپ، ئاسترونومىيە، كالېندارچىلىقنى تەتقىق قىلىدۇ. ۋاڭ ئەنـشـىنىـڭ قـانـۇن ئۆزگەرتـىش مەزگىلىدە ئاسمان ھادىسىلىرىنى كۆزىتىپ، كالېندار تۈزۈشكـە مەسئۇل خانلىق رەسەتخانا نازارەتچىلىكىگـە تەيىنلەنگەن. ئۇ ئۆزى تۈزگەن «فېڭيۈەن كالېندارى»نى كونا كالېندارنىڭ ئورنىغا دەسـسىتىپ، «12 مەۋسۈم كالېندارى» نى قەمەرىيە كالېندارىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، «12 مەۋسۈم كالېندارى» ھازىر دۇنـيـادا ئومـۇمـيـۈزلـۈك قوللىنىۋاتقان مىلادىيە كالېندارى − گرىگورى كالېندارىدىنمـۇ مـۇۋاپىق ئىشلەنگەن، ئەپسۇسكى، قوبۇل قىلىنمىغان. شېن كونىڭ فىزىكا جەھەتتىكى تۆھپىسى ئىنتايىن كۆپ. ئۇ تەجرىبە ئارقىلىق كومپاسنى ئىشلىتىش چارىسىنـى تـېپىپ چىققان، كومپاس ئىسترېلكىسى ئاغماستىن جەنۇب تەرەپنى كۆرسىتىپ تـۇرغـان. بـۇ دۇنـيـا بويىچە كومپاسنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدىكى ئەڭ بۇرۇنـقـى خـاتـىرە. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ كومپاس بىلەن يۆنىلىشنى بەلگىلىگـەنـدە مـاگنىت ئىسترېلكـىسـىنىڭ دەل جەنـۇبنـى كـۆرسەتمەي، شـەرقـقـە ئېغىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايقاپ، تارىختا تۇنجى بولۇپ، يەر ماگنىت مەيدانىدا ماگنـىـت ئېـغـىش بـۇلـۇڭـى بـارلىقـىنـى كـۆرسـىتىپ بەرگـەن، بـۇ ياۋروپالىقلارنىڭكىدىن400 يىل ئىلگـىـرى. ئۇنـىـڭ پـېتىنـقـى ئەينەكتە سۈرەتنىڭ شەكىللىنىشـى ۋە كىچـىك تـۆشـۈكچـىـدە سـۈرەتـنـىـڭ شەكىللىنىشىنى چۈشەندۈرۈشى، ئاۋازنىـڭ تـەۋرىنىشىنى تـەجرىبە قىلىشى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. شېن كو گېئونومىيە (يەر ئىلمى) گىمۇ نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇ جېجياڭنـىـڭ شەرقىي قىسمىدىكى رايونلارغا تەكشۈرۈشكـە بېرىپ، يـەنـداڭـشەن تـاغ چوققىلىرىنىڭ نەچچە مىليون يىللار داۋامىدىكى ئېقىن سۇنىڭ يالىـشـىدىـن شەكىللەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ تەيخاڭـشـەن تـېـغـى بـاغرىـدىـن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تاغ ئوتتۇرىسىدىكى تۇخۇمسىمان تاشلاردىن تۈزۈلگەن يىغىندى قاتلامنى كـۆرۈپ، بـۇ جـايـنـىـڭ قـەدىمكـى زامانلاردىكى دېڭىز بويى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ ۋە «قـۇرۇقـلـۇق ئارىلاشما قۇم - لايلارنىڭ يىغىلىشىدىن شەكىللەنگەن» لىك خـۇلاسىسىنى چىقىرىدۇ. بۇ ئۆزگىچە قاراشلار ھازىرقى زامان ئىلمىي يەكۈنى بـىلەن نۇرغۇن ئوخشاشلىقلارغا ئىگە. شېن كو ئۆمرىنىڭ كېيىنكى يىللىرى رۇنجۇ (بۈگۈنكى جېنجاڭ) نـىـڭ مېڭشى باغچىسى دېگەن يېرىدە ئولتۇراقلىشىپ، مەخسۇس يېزىقچىلىق بىلەن شۇغـۇلـلـىـنـىـپ، كېيىنكىلەرگە26 بۆلۈملۈك كاتتا ئىلمىي ئەسەر «مېڭشى خاتىرىلىرى» نى قالدۇرىدۇ، بۇ ئېلىمىز قەدىمـكـى زامـان پەن - تـېخـنىكـا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ماتېرىيال ئامبىرى بولۇپ قالىدۇ. مىخ مەتبەئە، ماگنـىـت ئىسترېلكىسىنى قۇراشتۇرۇشنىڭ تۆت ئۇسۇلى، ھىدرومېتاللۇرگىيە قاتارلىق مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەر مۇشۇ كىتابتا خاتىرىلەنگەن، بـۇ كىتاب دۇنيا پەن - تېخنىكا تارىخىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
شېن كو | UyghurWiki | UyghurWiki