UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرپاۋلوۋ

پاۋلوۋ

مەشھۇر شەخسلەر سېرك ئۆمىكىدىكى ھايۋانلار كۆرسەتكەن ئويۇنلار كىشىلەرنى تېلىقتۇرۇپ كۈلدۈرىدۇ، بۇ ھايۋانلار نېمە ئۈچۈن ئادەمنىڭ دېگىنى بويىچە مۇنـاسىپ ھەرىكەتلەرنى ئىشلەيدۇ؟ يا ئۇلار ئادەمنىڭ گېپىنى چۈشـىنەمدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. بۇ، كىشىلەرنىڭ ئىۋان پېتروۋىچ پاۋلوۋ (1849 −1936 ) نـىـڭ شەرتلىك رېفلېكس تەلىماتىغا ئاساسەن ھايۋانلارنى كۆندۈرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. پاۋلوۋ − سوۋېت ئىتتىپاقى فىزىئولوگى. ئۇ كىچىكىدىنلا ھاشاراتلارنـى كۆزىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، دائىم دېگۈدەك چۈمۈلە ئۇۋىسىنىڭ يېنىـدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، بۇ ئۇششاق ھاشاراتلارنىڭ ياشاش ئالاھىدىلىكىنى سائەتلەپ كـۆزىتىدۇ. پاۋلوۋنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدىكى قىزىقىشى ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى فىزىئولوگىيىگە بېغىشلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. پاۋلوۋ ھەزىم قىلىش فىزىئولوگىيىسى تەتقىقاتى سـاھەسىدە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدۇ، ئۇ يېمەكلـىـك ئاشـقـازانـغـا چۈشمەي تۇرۇپلا، ئاشقازاننىڭ سۇيۇقلۇق ئاجرىتىدىغانلىقىنى بـايقـايـدۇ. ئۇ بۇ يەكۈننى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مەشھۇر «ساختا ئوزۇقلاندۇرۇش تەجرىبىسـى» نى ئىشلەيدۇ، بۇنىڭدا ئىتنىڭ قىزىلئۆڭگىچىنى بوينىنىڭ ئوتتۇرىدىن ئۈزۈۋېتىپ، ئىككى ئۇچىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ قويىدۇ. بـۇنـداقـتـا ئىـت قانچىلىك نەرسە يېسىمۇ يېگەن يېمەكلىكى قىزىلئۆڭگەچ تۆشۈكىدىن يېمەكلىك بەرگەن قاچىغا چۈشىدۇ، ھەرقانچە يېسىمۇ يېمەكلىك ئۇنىڭ ئاشقازىنىغا چۈشمەيدۇ، شۇڭا «ساختا ئوزۇقلانـدۇرۇش» دەپ ئاتىلىدۇ. ئاندىن يەنە ئىتنىڭ بىر قىسىم ئاشقازىنىنى تولۇق ئاشقازاندىن ئايرىپ چىقىرىپ، نېرۋىسىنى ئۈزۈۋەتمەيدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئاشقـازان گەرچە ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمىسىمۇ، يەنىلا ئاشقازاننىڭ ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىدۇ. پاۋلوۋنىڭ «سـاختا ئوزۇقلاندۇرۇش« تەجرىبىسى19 - ئەسىردىكى ئەڭ تۆھپىلىك تەجرىبە دەپ ئاتىلـىـدۇ.1904 - يىلى، ئۇ دۇنيادىكى فىزىئولوگلار ئارىسىدا تۇنجى نوبېل مۇكاپاتىغـا ئېـرىـشكەن ئادەم بولۇپ قالىدۇ. پاۋلوۋ1903 - يىلىدىن ئېتىبارەن، ئالىـي نېرۋا پائالىيىتى پسىخىكىسىنى30 يىل تەتقىق قىلىدۇ، ئۇ مېڭە ۋە ئالىي نېرۋا پائالىيىتىنىڭ قوش ياقلىمىلىق رېفلېكستىن شەكىللەنگەنلىكىنى، بۇلارنـىـڭ بـىـر خىلى تۇغما ئىقتىدار ھەرىكىتى بولۇپ، شەرتسىز رېفلېكس دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى؛ يەنە بىر خىلى كېيىنكى شارائىت تـەسـىرىدە ھاسىل بولىدىغانلىقى، ئۇ شەرتلىك رېفلېكس دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى، شەرتسىز غىدىقلاش بىلەن شەرتلىك غىـدىـقلاش بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلگەندە شەرتلىك رېفلېكس شەكىللىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. پاۋلوۋ مۇنداق تەجرىبە ئىشلەيدۇ: ئىت ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغاندا، ئۇ ئىتـقـا بىرىنچى قېتىم «قولۇڭنى بەر» دەيدۇ ۋە ئىتنىڭ قولىنى ئۆزىنىڭ ئالىقىنىغا ئېلىپ، ئاندىن ئىت ئەڭ ياقتۇرىدىغان يېمەكلىكنى بېرىدۇ. مـۇشـۇنـداق بىرنەچچە قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن، شەرتلىك رېفلېكس مۇناسىـۋىـتـى شەكىللىنىدۇ. كېيىن «قولۇڭنى بەر» دېگەن ھامان ئىت قولىنى بېرىدۇ، چۈنكى بۇ ئىت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭغا يېمەكلىك بېرىشنىڭ سـىگنالى بولۇپ قالىدۇ. تەجرىبىلەر ئىسپاتلىدىكى، ئومۇمەن نېرۋا سىستېمىسـى بـار ھايۋانلار رېفلېكسكە تايىنىپ تاشقى دۇنيادىن كەلگەن غىدىققا ئىنكاس قايتۇرىدۇ، بارلىق ھايۋانلار نېرۋا سىستېمىسى ئارقىلىق ئوبيېـكـتـىـپ دۇنيا بىلەن زىچ ئالاقە باغلايدۇ. مانا بۇ مەشھۇر «قولۇڭنى بەر» تەجرىبـىسى. كىشىلەر، پاۋلوۋ تالانتلىق ئىنژېنېر ۋە ماھىر ئۇستا، ھاياتلىق سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش يولىدا شەرتلىك رېفلېكس تەلىماتىدىن ئىبارەت ئاجايىپ بىنانى تۇرغۇزدى، دەپ تەرىپلىشىدۇ. پاۋلوۋ مۇۋەپپەقىيەت ۋە ماختاشلار ئالـدىدا ھەرگىزمۇ ئۆزۈڭنى ھەممىنى بىلىمەن دېمىگىن، باشقىلار سېنى قانداق ئەتىۋارلسۇن، سەندە «مەن ھېچنېمىنى بىلمەيمەن» دەيدىغان جاسارەت بولۇشى كېرەك، دەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر