UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرئاتا - بالا ئىنقىلابچى ۋېليام لېبكنېخت بىلەن كارل لېبكنېخت

ئاتا - بالا ئىنقىلابچى ۋېليام لېبكنېخت بىلەن كارل لېبكنېخت

مەشھۇر شەخسلەر ئۇلۇغ گېرمان مىللىتى نۇرغۇن ئوت يۈرەك، جەسۇر ئىنقىلابچىلارنى يېتىشتۈرگەن، ئاتا - بالا ئىنقىلابچى ۋېليام لېبكنېخت بىلەن كارل لېبكنېخت شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ۋېليام لېبكنېخت (1826 −1900 - يىللار) بىلەن كارل لېبكنېخت (1871 −1919 - يىللار) نىڭ ھەر ئىككىلىسى گېرمانىيە ۋە خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ داڭلىق پائالىيەتچىلىرى. ۋېليام لېبكنېخت ياش ۋاقتىدا ھۆكۈمەتتە ۋە ئالىي مەكتەپتە ئەمەل تۇتۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئىنقىلاب ھەقىقىتىنى تېپىش يولىدا ئىشچىلار كۈرىشىگە ئاتلانغان.1850 - يىلى، ئۇ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، لوندوندا ئون نەچچە يىل سەرسان بولغان، بۇ جەرياندا ماركس ئائىلىسىنىڭ مەخپىي دوستى ۋە ھەر كۈنى دېگۈدەك بېرىپ تۇرىدىغان مېھمىنى بولۇپ قالغان. ماركسنىڭ ئۇزاق مۇددەت سەمىمىي يېتەكلىشى ۋە ياردىمى ئارقىسىدا، ئۇ ماركسىزمچى بولۇپ يېتىشىپ چىققان. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىنقىلاب ھەقىقىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، گېرمانىيە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ سىياسىي پارتىيىسى − سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنى قۇرۇپ ھەمدە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، باشتىن - ئاخىر ئىنقىلابنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرغان، ئۇ خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى ئىدى. ۋېليام لېبكنېخت ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرىغا ئۆزىنى ماركستەك ئاتىسۇن دېگەن ئۈمىدتە، ئوغلىغا ماركسنىڭ «كارل» دېگەن ئىسمىنى قويغان. كارل لېبكنېخت كىچىكىدىن باشلاپلا ئىنقىلاب تەربىيىسى ئېلىپ، بارا - بارا ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ قابىل رەھبىرى بولۇپ قالغان.1 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، پارتىيىنىڭ نۇرغۇن رەھبەرلىرى ئىشچىلار سىنىپىغا ئاسىيلىق قىلىپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا مەدەت بەرگەن، ئەمما ئۇ پارلامېنت يىغىنىدا ھەربىي خىراجەت ئاجرىتىش لايىھىسىگە ئۆزى يالغۇز دادىللىق بىلەن قارشى ئاۋاز بەرگەن، ئۇرۇش قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرغانلىقتىن، تۆت يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.1918 - يىلى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، بېرلىن ئىشچىلىرى بىلەن ئەسكەرلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى ۋە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىگە رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە ئىنقىلاب سولچىلىرى بىلەن بىللە پرولېتارىياتنىڭ يېڭى سىياسىي پارتىيىسى − گېرمانىيە كومپارتىيىسىنى قۇرۇپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا تەييارلانغان.1919 - يىلى1 - ئايدا ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرۇشى بىلەن بەختكە قارشى قولغا ئېلىنىپ قەتل قىلىنغان.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر