UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرگارىبالدى

گارىبالدى

مەشھۇر شەخسلەر گارىبالدى پۈتكۈل ئىتالىيىدىكى ھەممە ئادەم بىلىدىغان قەھرىمان.1936 - يىلىدىن1939 - يىلىغىچە ئىسپانىيە جۇمھۇرىيىتى تەرەپتە تۇرۇپ، فرانكو ئەكسىيەتچى ئارمىيىسى بىلەن قانلىق جەڭ قىلغان ئىتالىيە پىدائىي جەڭچىلىرى دەل گارىبالدىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان؛1943 - يىلىدىن1945 - يىلىغىچە، ئىتالىيىنىڭ بىپايان زېمىنىدا ناھايىتى جانلىنىپ كەتكەن بىرنەچچە پارتىزانلار ئەترىتىمۇ ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. گارىبالدى (1807 −1882 - يىللار) ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى قەدىمكى بازار نىستا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئاپەتنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن ئىتالىيە فېئودال كۈچلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا چاك - چېكىدىن پارچىلىنىپ كەتكەن ھەمدە فرانسىيە، ئاۋسترىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قالغانىدى. ماتروس ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان گارىبالدى ۋەتىنىنى، خەلقىنى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئارزۇ - ئىستىكى ئوخشاش بىر تۈركۈم ۋەتەنپەرۋەرلەر بىلەن تونۇشقان. ئۇنىڭ تۇنجى قېتىملىق زور ئىنقىلابىي پائالىيىتى ئادەتتىكى دېڭىز ئارمىيە ئەسكىرىلىك سالاھىيىتى بىلەن دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭىغا قاتنىشىش بولغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئامېرىكىغا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.1848 - يىلى، ئىتالىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىنقىلاب دولقۇنى قوزغالغاندا، ئۇ دەرھال ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، خەلق قوراللىق قوزغىلىڭى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئىچكى - تاشقى ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ باستۇرۇشىغا قارشى تۇرغان. فرانسىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنىغا قارشى تۇرۇپ رىمنى قوغداش جېڭىدە، شەھەر سېپىلىنى قوغداشقا مەسئۇل بولغان گارىبالدى جەڭ مەيدانىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلماي، قەيەردە جەڭ كەسكىن بولسا شۇ يەرگە ئۈنۈپ، ئەسكىرىي كۈچى ئاجىز قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك دۈشمەن ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلغان. ھەربىي ئىشلار يىغىنىغا قاتناشقاندا، ئۇ كىيىملىرى جۇل - جۇل، پۈتۈن بەدىنى قان يۇقى، ئېگىلىپ كەتكەن قىلىچىنىڭ يېرىمى قىنىدىن چىقىپ قالغان ھالەتتە پەيدا بولاتتى، ۋەكىللەرنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ چاۋاك چالغىنىچە ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرەتتى. رىم قولدىن كېتىپ، قوشۇن تارقىلىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغاندا، ئۇ يەنە بىر قېتىم چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن. كۆپ قېتىملىق ئوڭۇشسىزلىق ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمىگەن. ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئىتالىيىدە ئىنقىلابىي ھەرىكەت يەنە بىر قېتىم يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن. ئۇ پىدائىيلار قوشۇنىنى باشلاپ، ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئاۋسترىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، ئوتتۇرا قىسىمدىكى جايلاردا پارتلىغان خەلق قوزغىلاڭلىرىىنىڭ فېئودال ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشىغا تۈرتكە بولغان.1860 - يىلى، جەنۇبتىكى سىسىلىيە ئارىلىدا قوزغىلاڭ پارتلىغاندا، ئۇ1000 دىن ئارتۇق ئەسكەردىن تەركىب تاپقان قىزىل كۆڭلەكلىك ئۇزۇن سەپەر قوشۇنى تەشكىللەپ، دېڭىزدىن ئۆتۈپ ياردەمگە بارغان، ئۇ يەردىكى خەلق ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالغان. ئۇزۇن سەپەر قوشۇنى گارىبالدىنىڭ قوماندانلىقىدا، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە يەرلىك فېئودال پادىشاھلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، پۈتكۈل سىسىلىيىنى ئازاد قىلغان. ئۇزاق ئۆتمەي، پۈتكۈل جەنۇبىي رايون ئازاد قىلىنىپ، ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان، بۇنىڭ بىلەن، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشلىرى دەسلەپكى قەدەمدە ئورۇندالغان. گارىبالدى ئىتالىيىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە بىرلىكىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ۋە ئىشچىلارنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىگىمۇ قىزغىن مەدەت بەرگەن. ئۇ جەنۇبىي ئامېرىكىدا سەرسان بولۇپ يۈرگەن مەزگىلىدە، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا جەنۇبىي ئامېرىكا خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، ئاجايىپ خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە پارىژ كوممۇناسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەپ، ئۆزى ئۇ يەردە يوق ئەھۋال ئاستىدا مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
گارىبالدى | UyghurWiki | UyghurWiki