جۇڭ گۇەنگۇاڭ
مەشھۇر شەخسلەر
ئۆسۈملۈك تۈرىدە ئىككى ئۇرۇقداش − جـۇڭ دەرىخى ئۇرۇقدىشـى ۋە گۇەنگۇاڭ دەرىخى ئۇرۇقدىشى بار بولۇپ، بۇلار جۇڭ گۇەنگۇاڭ (1868 −1940 ) نىڭ ئىسىم فامىلىسى بىلەن ئاتالغان، بۇ دۇنيا ئۆسۈملۈكلەرنـى تۈرگە ئايرىش ئىلمىدا ئاز ئۇچرايدۇ. جۇڭ گۇەنگۇاڭ جۇڭگونىڭ يېقىـنـقـى زامان بوتانىكىسىغا يول ئاچقۇچى ۋە ئۆسـۈمـلـۈك ئەۋرىشكـىـسى يىغىشنىڭ ئاساسچىسى.1887
- يىلى، جېجياڭ ئۆلكىسى جېنخەي ناھىيىـسـى سـەيـچـاۋ بـازىـرى جياڭيەن كەنتىدىن ئەمدىلا19 ياشـقـا كىرگـەن جـۇڭ گۇەنگۇاڭ دېگەن بىر زىيالىي چىققان. جۇڭ گۇەنگۇاڭ خۇسۇسىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىدا ئىنتايىن تىرىشچان بولۇپ، نەتىجىسى ئالدىنقى قاتاردا ئىدى. جـۇڭ گۇەنگۇاڭ كۆپ ھەرىكەت قـىـلـىـش ئىـلـلـىـتـىـنـى تـۈزىتىش ئۈچۈن، قەدىمكىلەرنىڭ «چېچىنى لىمغا ئېسىش، يوتىسىغا بىگىز تىقىش» تەك تىـرىـشـىـپ ئوقۇش ئۇسۇلىغا تەقلىد قىلىپ، ئۆزىنىڭ پۇتىنى ئۈستەل پـۇتـىـغـا بـاغلاپ قويۇپ كىتاب ئوقۇيدۇ. شۇڭا، كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆگىنىشتىكى شىجائىتىنى تەرىپلەش ئۈچۈن، ئۇنى «پۇتىنى باغلىۋالىدىغان زىيالىي » دېيىشىدۇ.
جۇڭ گۇەنگۇاڭ ئۆزىنىڭ تەبىئىي پەن بىلىملىـرىدىكى يېتەرسىزلىكلىرىنى تـولـۇقلاش ئۈچۈن، ئەينى ۋاقىتتا تاپقىلى بولىدىغان بارلىق خىمىيە، فىزىكا كىتابلىرىـنـى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىدۇ ھەم ساۋاقداشلىـرى بـىـلـەن بـىـللە، تـەجـرىـبـە قوراللىرى ۋە دورا سېتىۋالىدۇ. ئۇ يەنـە يـاپـون تـىـلـى ئۆگـىـنـىـپ، ياپونىيىگە ئىلغار پەن - تېخنىكا ئۆگىنىشكە بارىدۇ.
جۇڭ گۇەنگۇاڭ40 ياشتىن كېيىن بوتانىكىنى تەتقىق قىلىپ، «مىڭ چاقىرىملاپ يول بېسىش، قاتمۇ - قات تاغلارغا چىقىـش، ئەۋرىشكىلەرنى تولۇق يىغىپ، مۇكەممەل يېزىپ چىقىش» قا ۋەدە قىلىـدۇ. ئۇ ۋەدىـسـىنى ئورۇنداش ئۈچۈن،1914 - يىلنىڭ ئالدى - كەينىدىكى تۆت يىل ۋاقىت ئىچىدە،11 ئۆلكىنى كېزىپ، ئۇزۇن سەپەر قىلىپ، تاغ - دەريالاردا يۈرۈپ، قۇرۇتۇلغان ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىسىدىن16 مىڭ خىلدىن كۆپرەكنى؛ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، ھايۋانات ئەۋرىشكىسىدىن500 نەچچە خىلنى؛ ياغاچ ماتېرىياللىرى، مېۋە، يىلتىز، بامبۇك تۈرىدىكىلەردىن300 نەچچە خىلنى يىغىدۇ. جۇڭ دەرىخى ۋە گۇەنگۇاڭ دەرىخىنى مـۇشـۇ مەزگىلدە بايقايدۇ.
جۇڭ گۇەنگـۇاڭ ھاياتىنى ئاددىي - سـاددا ئۆتـكۈزۈپ، پـۇلىنـىـڭ ھەممىسىنى ئەۋرىشكە يىغىش، كىتاب سېتىـۋېـلىـش، مـەكـتـەپ قـۇرۇشـقـا ئىشلىتىدۇ.1937 - يىلى «7 - ئىيۇل» ۋەقەسى يۈز بېـرىشـتىن ئىككى كۈن بۇرۇن، جۇڭ گۇەنگۇاڭ بېيپىڭ تەتقىقات يۇرتى بوتانىكا تەتـقـىـقـات ئورنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇنداق ئېغىر كۈنلەردىمۇ، ئۇ قىممەتلـىـك ماتېرىياللىرى، ياخشى كۆرىدىغان ئەۋرىشـكـىلىرى ۋە كىتابلىرىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدۇ. ئۈچ يىلدىن كېيىن، جۇڭ گـۇەنـگـۇاڭ ۋەتەننىڭ ئىستىقبالىدىن ئەندىشە قـىـلـغـان ھالدا بـۇ دۇنيا بـىلەن ئازاب ئىـچـىدە خوشلىشىدۇ.