UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرۋېللېر

ۋېللېر

مەشھۇر شەخسلەر ئامېرىكىلىق ئالىم ۋېللېر (1912 − )نىڭ «قارا ئۆڭكۈر» نەزەرىيىسىنـى ئوتتۇرىغـا قويۇشى ئاسترونوملارنىڭ ئۆتـمـۈشـتـە چـۈشـەنـدۈرەلمىگەن ئاسمان جىسىملىرىنى تەتقىق قىلىشىغا يول ئېچىپلا قالماستىن، يەنە پۈتكۈل ئالەمنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسىنى چۈشىنىشىنىمۇ مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇردى. «قارا ئۆڭكۈر» ئاسترونومىيە تەتقىقاتىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. ۋېللىر ئېينىشتېيننىڭ نەزەرىيىسىگە ئاساسـەن، ئالەم بـوشلۇقىدا ماسسىسى ئىنتايىن زور بەزى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ بارلىقىنى، ئۇلار كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ئىچكى قىسمىدىكى غايەت زور تارتىش كۈچى سەۋەبىدىن ئۆزلۈكىدىن گۈمۈرۈلۈپ، ھەجمى ئىـنتـايـىن كىچىك، زىچلىقـى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان يېڭى ئاسمان جىسمىغـا ئايلىنىدىغانلىقىنى، ھەرقانداق ماددا، جۈملىدىن نۇرمۇ ئۇنـىڭ يـېـنـىـدىـن ئۆتسە سۈمۈرۈلۈپ غايىب بولىدىغانلىقىنى، ئۇلار سىرتقا ھېچقانداق ماددا ۋە ئېنېرگىيە قويۇپ بەرمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر تـەكـشـۈرۈش ئۈسكۈنىسى بىلەن ئۇلارنى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، شۇڭا ۋېللېر ئۇنىڭغا ئوبرازلىق قىلىپ قارا ئۆڭكۈر دەپ ئىسىم قويدى. ۋېللېر ئامېرىكىدا تۇغۇلغان بولۇپ، كـىـچـىكىدىـنلا تىرىشىپ ئۆگىنەتتى، شەيئىلەر، ھادىسىلەرنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەپلا يۈرەتتى، جـاۋاب تـاپمىغۇچە بـولدى قىلمايتتى. ئاتىسى ئۇنىڭغا مېخانىزملار بىلەن تولغان رەسىملىك كىتاب ئېلىپ بېرىدۇ، ئۇ بۇ كىتابنى قولىدىن چۈشۈرمەيـدۇ، يـاتقـاندىمـۇ رەسىمدىكى ئاشۇ نەرسىلەرنى قانداق قىلغاندا قۇراشـتـۇرۇپ چىقـقـىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىدۇ. ئۇ ئون يېشىدا بىر پىستان تېـپـىـۋېـلـىـپ، پىستان چاققۇچنى چىقىرىۋەتمەكچى بولىدۇ، نەتىجىدە پىستان پارتلاپ ئۇنىڭ بىر بارمىقى ئۈزۈلۈپ كەتكەن. بۇ ئۇنىڭ پەن تەتقىقاتىغا بولغان ئىشتىياقىنى بوشاشتۇرۇپ قويماستىن، ئەكسىچە، كۈچەيتىۋەتكەن. ۋېللېرنىڭ پەنگە بولغان ئىنتىلىشى ۋە قېتىرقىنىپ تىرىشىشى نەتىجىسىدە، ئۆگىنىشىدە زور يۈكسىلىش بولغان.1939 - يىلى،27 ياشقا كىرگەن ۋېللېر مەشھۇر فىزىك بور بىلەن ھەمكارلىشىپ بىر پارچە ئىلمىي ماقالـە ئېلان قىلىپ، ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىشقا ئاساس سېلىپ، تـۇنجى ئاتوم بومبىنىڭ پارتلىتىلىشىغا تۈرتكە بـولغان. ۋېللېر يەنە50 - يـىللاردا ھىدروگېن بومبىنى سىناق قىلىپ ياساش خىزمىتىگە قاتناشقان. ۋېللېر ئوتتۇرىغا قويغان قارا ئۆڭكۈر نەزەرىيىسى فىزىكـا تارىخـىدا مەڭگۈلۈك بەلگە بولۇپ قالدى، كېيىن ئۇ قارا ئۆڭكۈر توغرىسىدىكـى مـەخـسـۇس كىتاب «تارتىش كۈچى نەزەرىيىسى ۋە تارتىش كۈچىدىن گۈمۈرۈلۈش» نى يېزىپ، قارا ئۆڭكۈرنىڭ شەكىللىنىشى ھەمدە ئالاھىدىلىكىنـى تـەپـسـىـلـىـي تەھلىل قىلدى، بۇ كىتاب ئالەم نەزەرىيىسى تەتقىقاتىدىكى نامايەندە تىپلىق ئەسەر دەپ قارىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
ۋېللېر | UyghurWiki | UyghurWiki