گالوۋا
مەشھۇر شەخسلەر
1832- يىل5 - ئاينىڭ30 - كۈنـى سـەھەردە پـارىـژدىـكـى گـىلاسـېـر كۆلىنىڭ يېنىدا بىـر ھوشـسـىـز يـاش يـاتـقـان بـولـۇپ، يـولـدىـن ئۆتـۈپ كېتىۋاتقان دېھقانلار ئوق يارىسىدىن ئۇنىڭ دۇئېلدا ئېغىر يارىلانغانلىقىنـى بىلىپ، بۇ ناتونۇش ياشنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئىـكـكـىـنـچـى كۈنى ئەتىگەن سائەت10 دا ئۇ بۇ ئالەم بىلەن ۋىدالـىـشـىـدۇ. مـاتـېـمـاتـىـكـا تارىخىدىكى ئەڭ ياش، ئەڭ ئىجادچان كاللا تـەپـەكـكـۇردىـن تـوخـتـايـدۇ. كىشىلەر، ئۇنىڭ ئۆلۈمى ماتېماتىكىنىڭ تەرەققىيـاتـىـنـى نـەچـچـە ئون يـىـل كېچىكتۈردى، دېيىشىدۇ. بۇ ياش ھاياتىدىن ئايرىلغاندا21 ياشقا توشمىـغـان گالوۋا (1811 −1832 ) ئىدى.
گالوۋا پارىژدىن يىراق بولمىغان بىـر كـىـچـىـك بـازاردا تـۇغـۇلـغـان، ئاتىسى مەكتەپ مۇدىرى بولغان، يەنە خېلى يىللار شەھەر باشلىقى بولـغـان. گالوۋا ئائىلىسىنىڭ تەسىرىدە باتۇرلۇق بىلەن ھېچنېمىدىن قـورقـمـاي ئىلگىرىلەيدۇ.1823 - يىلى12 ياشقا كىرگەن گالوۋا ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلىپ، پارىژغا بىلىم ئېلىشقا كېلىدۇ، ئۇ قاتمال دەرسخانا ئوقـۇتـۇشـىـغـا قانائەت قىلماي، ئۆزى ئەڭ قىيىن ماتېماتىكا ئەسەرلىرىنى تېپـىـپ تـەتـقـىـق قىلىدۇ، بەزى ئوقۇتقـۇچـىلارمۇ ئۇنـىـڭـغـا ئىـنـتـايىن زور يـاردەم بـېـرىـدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭغا «ماتېماتىكىدىكى ئەڭ ئۆتـكـۈر سـاھەلـەردە خـىزمـەت قىلىشقىلا باب كېلىدۇ» دەپ باھا بەرگەن.1828
- يىلى17 ياشلىق گالوۋا تەڭلىمىلەر نەزەرىيىسـىـنـى تـەتـقـىـق قىلىشقا باشلاپ، «ئورۇن ئالماشتۇرۇش گۇرۇپپىسى» ئۇقۇمى ۋە ئۇسۇلـىـنـى ئىجاد قىلىپ، نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان كىشىلەرنىڭ بېـشـىـنـى ئاغـرىـتـىـپ كەلگەن تەڭلىمىنىڭ يېشىمىنى تېپىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. گالوۋانىـڭ ئەڭ مۇھىم مۇۋەپپەقىيىتى − «گۇرۇپپا» ئۇقۇمىنى ئوتتـۇرىـغـا قـويـۇپ، گـۇرۇپـپـا نەزەرىيىسى ئارقىلىق پۈتكۈل ماتېماتىكىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتكەنـلـىـكـى.1829 - يىلى5 - ئايدا، گالوۋا ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ماقالە قىلىپ يېزىپ، فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە سۇنـىـدۇ، بـىـراق بـۇ نـادىـر ئەسەر ئارقا - ئارقىدىن زەربە ۋە بەختسىـزلـىـك ئېلىپ كېلىدۇ. ئالدى بىلەن ئاتىسى پـوپـنـىـڭ تـۆھمـىـتـىـگـە چـىـدىـمـاي ئۆلۈۋالىدۇ، ئارقىدىنلا، ئۇنىڭ ياقلىغان دىسسېرتاتسىـيـىـسـى ئىـخـچـام ھەم چوڭقۇر مەنىلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىمتىھان ئالغۇچىلارنىڭ نارازىلـىـقـىـغـا ئۇچراپ، مەشھۇر پارىژ ئۇنىۋېرسال تېخنىكا مەكتىپىگە كىرەلمەيدۇ. ئۇنـىـڭ دىسسېرتاتسىيىسىگە كەلسەك، بىرىنچى قېتىمدا يېڭى ئۇقۇملار بەك كـۆپ ھەم بەك قىسقا دەپ قارىلىپ، قايتا يـېـزىـش تـەلەپ قـىـلـىـنىـدۇ؛ ئىككىنچى قېتىمقى تەپسىلىي مۇلاھىزە قىلىنـغـان ئورىـگـىـنـالـىـمـۇ مـاقـالـە تەكشۈرگۈچىنىڭ ئۆلۈشى بىلـەن دېـرەكـسـىـز يوقىلىدۇ؛1831 - يىلى1 - ئايدا تاپشۇرغان ئۈچىنچى پارچە دىسسېرتاتسىيىسـى باھالىغۇچىنىڭ تولۇق چۈشىنەلمىگەنلـىـكـى سـەۋەبـىـدىـن ئىنكار قىلىنىدۇ.
ياش گالوۋا بىر تەرەپتىن ماتېماتىكا ھەقىقىتىگە ئىنتىلىدۇ، يـەنـە بـىر تەرەپتىن ئىجتىمائىي ھەققانىي ئىشلارغا ئۆزىنى بېغىشلايدۇ.1831 - يىلى فرانسىيىدىكى «ئىيۇل ئىنقىلابى» دا گالوۋا ئالىي پېداگوگىكا مەكتىپـىـنـىـڭ يېڭى ئوقۇغۇچىسى سۈپىتىدە ئاممىنى باشلاپ كوچىغا چىقىپ پادىشـاھنـىـڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەچكە، بەختكـە قـارشـى قـولـغـا ئېلىنىدۇ. تۈرمىدە ئۇ ۋابـا يـۇقـتـۇرۇۋالـىـدۇ. ئۇ مـۇشـۇنـداق نـاچـار شارائىتتىمۇ ئۆزىنىڭ ماتېماتىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىـدۇ ۋە ئۇنـى ماقالە قىلىپ پۈتكۈزۈپ، تۈرمىدىن چىـقـقـانـدىـن كـېـيـىـن ئېلان قىلماقچى بولىدۇ. تۈرمىدىن چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەي، بىمەنە «مۇھەببـەت» ماجىراسىغا ئارىلىشىپ قېلىپ، دۇئېلدا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.
گالوۋا ئالەمدىن ئۆتۈپ16 يىلدىن كېيىن، ئۇ قالدۇرغان60 بەتلـىـك ئورىگىنال ئېلان قىلىنىپ، ئىلىم - پەن ساھەسىدە ئۇنىڭ نامى تونۇلىدۇ.