باردىن
مەشھۇر شەخسلەر
رادىئو قوبۇللىغۇچ، تېلېۋىزور، يەنە كومپيوتېرغا ئوخشاش ھازىرقـى زامان كىشىلىرى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنىـڭ ھەممىسى ئامېرىكىلىق باردىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك. باردىن ترانزىستور ( كرىستال لامپـا) نى كەشىپ قىلغانلىقى ئۈچۈنلا، بۇ ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنىڭ بارلىققا كـېلىشى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندى.
باردىن (1908 − ) ئامېرىكىدا تۇغۇلغان، ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىدا بىلىم ئېلىش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلغان،16 يېشىدا ئۇنىۋېرسىتېتقـا كـىـرگەن، فىزىكىنى ئالاھىدە ياقتۇرۇپ قالغان. دەسلەپكى يىللىرى ئۇ باشقا ئىككى ئالىم − شوكلېي ۋە براتان بىلەن بىرلىكتە گېرمانىي بىلەن سىلىتسىينىڭ فىزىكىۋى خۇسۇسىيىتىنى تەتقىق قىلىدۇ، بىر قېتىملىق تەجرىبىدە ئۇ گېرمانىي كرىستالىغا بىر دانە مۇقىم يىڭنە ۋە بىر دانە تەكشۈرگۈچ ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەنپىي ئېلېكتر بېسىمى چۈشۈرۈلگەن تەكشۈرگۈچ ئارقىلىق مۇقىم يىڭنە ئەتراپىدىكى ئېلېكتر پوتېنسىئالىنىڭ تارقىلىشىـنـى تـەكشۈرىدۇ. باردىن تەكشۈرگۈچنى مۇقىم يىڭنىگە يېقىـنلاشـتـۇرۇپ،05 .0 مىللىمېتىرلىق جايغا ئاپارغاندا، تەكشۈرگۈچتىن ئۆتۈۋاتقـان تـوكنى ئۆزگەرتسە، مۇقىم يىڭنىدىن ئۆتۈۋاتقان توكقا ئىنتايىن چـوڭ تـەسـىـر كۆرسىتىدىغانلىقىنى توساتتىن بايقايدۇ. بۇ تاسادىپىي بايقاش ئۇلارغا بۇ قۇرۇلمىنىـڭ چوڭايتىش رولى بارلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ ئادەم ھەمكارلىشىپ تەكرار - تەكرار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق،1947 - يـىـلـى يېڭى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ دېتالنى كەشىپ قىلىدۇ، مانا بۇ ترانزىستور ئىدى، ئۇ ھەم چوڭ، ھەم كېلەڭسىز، ھەم توك كۆپ كېتىدىغان ئېلېكترون لامپىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. بۇ نەتىجە ئېلېكترون ئىلمى سـاھەسىنـى دەرھال زىلزىلىگە سالىدۇ، باردىن قاتارلىقلار ئېلېكترون تېخنىكىسى ئىنقىلابىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى دەپ ئاتىلىدۇ. باردىن ۋە شوكلىى، براتانلار مـۇشـۇ سـەۋەبتىن1956 - يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا بىرلىكتە ئېرىشىدۇ.
باردىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن شۇ يىلى ئىلىم - پەننىڭ يەنە بىر چوققىسـى − سۇپېر ئۆتكۈزۈشچانلىق نەزەرىيىسى چوققىسىغا يامىشىشقا باشلايدۇ. سۇپېر ئۆتكۈزۈشچانلىق ھادىسىسى دېگىنىمىز، بەزى ئۆتكۈزگۈچلەردىكى قارشىلىقنىڭ تـېـمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ مۇتلەق0 گە يېقىنلاشقاندا توساتتىن يوقىلىپ، قارشىلىقسىز سۇپېر ئۆتكۈزگۈچكە ئايلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەينى چـاغـدا سۇپېر ئۆتكۈزۈشچانلىق ھادىسىسى ئىلىم - پەندىكى قىيىن تېما ئىدى، باردىن ئوتتۇرا ياشلىق ئوقۇتقۇچى كوئوپېر، ئاسپىرانت شىريېۋىرلار بىلەن بىللە ئۆتـكـەلگە ھۇجۇم قىلىدۇ. كۆپ يىل ئىزدىنىش ئارقىلىق سۇپېر ئۆتكۈزۈشچانلىق نـەزەرىيىسىنى بەرپا قىلىدۇ. بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئاجايىپ تۆھپىسىنى خاتىرىلـەش ئۈچۈن، كېيىن سۇپېر ئۆتكۈزۈشچانلىق نەزەرىيىسى SCB نەزەرىيىسـى (ئۈچ ئادەمنىڭ ئىسمىنىڭ بىرىنچى ھەرپىدىن تۈزۈلگەن) دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئۈچـەيلەن بىرلىكتە1972 - يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشىـدۇ. بـۇ ئۈچ ئادەمنىڭ ھەمكارلىشىپ پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشى ئىلىم - پـەن سـاھەسىدە ياشانغان، ئوتتۇرا ياش، ياش ئۈچ ئەۋلادنىڭ ئۆز كارامەتلىرىنى كـۆرسىتىپ، ئورتاق ھەمكارلاشقانلىقىنىڭ نەمۇنىسى دەپ ئاتىلىدۇ. باردىن ئوخشاش بىر ساھە (قاتتىق جىسىم فىزىكىسى) دا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككـى قېتىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ، بۇنداق ئەھۋال تارىختا تۇنـجـى قـېتىم كۆرۈلگەن.