لىن چياۋجژ
مەشھۇر شەخسلەر
ئۇنىڭ دۇنياغا مەشھۇر كەشپىياتى يوق، بـىـراق ئۇ جـۇڭـگـو پـەنـلـەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تۇنجى ئايال ئاكادېمىكى؛ ئۇ ھېچقانداق خەلقئارا مۇكاپـاتـقـا ئېرىشمىگەن، بىراق ئۇنى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكىـلەر ھۆرمەتلەيدۇ؛ ئۇنىڭ پەرزەنتى يوق، لېكىن مىڭلىغان تـۇغۇتلـۇق ئايـاللار، بالىلار ئۇنى ئاپا، موما... دەپ ئاتايدۇ؛ ئۇ مەشھۇر ئاياللار كېسەللىكلـىـرى مۇتەخەسسىسى لىن چياۋجژ (1901 −1983 ) دۇر.
لىن چياۋجژ فۇجيەننىڭ شيامېن شەھىرىدە تۇغۇلغـان.1921 - يـىـلى يازدا، ئۇ شاڭخەيگە بېرىپ، بېيجىڭ شېخې تېببـىـي ئىـنــسـتـىـتـۇتـىـنـىـڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشـىـدۇ، شـۇ كـۈنـى ھاۋا دىـمـىـق بولغاچقا، ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان قـىـز سـاۋاقـدىـشـى تـوسـاتـتـىـن ھوشىدىن كېتىدۇ، لىن چياۋجژ جاۋابىنى يېزىپ بولالمىغـان ئىـمـتـىـھـان قەغىزىنى تاشلاپ قويۇپ، قىز ساۋاقدىشىنى يېقىندىكى دوختۇرخانىغا ئېلىـپ بارىدۇ. قائىدە بويىچە ئىمـتـىـھـان سـوئالـىـغـا تـولـۇق جـاۋاب بـەرمـىـگـەن ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنمايتتى، لېكىن ئىمتىھان ئالغۇچى مـۇشـۇ ۋەقـەدىـن ئۇنىڭ قالايمىقانچىلىق ئىچىدە تەمكىن تـۇرىـدىـغـان، ئۆزىـدىـن كـېـچـىـپ باشقىلارنى قۇتقۇزىدىغان روھىنى بايقايدۇ، بۇ دەل دوختـۇرلار ھازىـرلاشـقـا تېگىشلىك كەسپىي ئەخلاق ئىدى، ئۇنىڭ ئۈسـتـىـگـە سـۆھبـەتـلـىـشـىـش داۋامىدىكى راۋان ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارى ۋە تولۇق جاۋاب يـېـزىـلـمـىـغـان ئىمتىھان قەغىزىدىن ئىپادىلەنگەن پۇختا ئاساس بـىـلـىـمى سـەۋەبـىـدىـن، ئۇ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىدۇ.
شېخې تېببىي ئىنستىتۇتىنى ئامېرىكا دىـنـىـي جـەمئىـيـىـتـى قـۇرغـان بولۇپ، ئۇ ھەم تېببىي ئىنستىتۇت، ھەم دوختۇرخانا ئىدى، ئوقۇش تۈزۈمى سەككىز يىل بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئالاھىدە قاتتىـق تـەلـەپ قـويـۇلاتـتـى. لـىـن چياۋجژ بۇ يەردە قېتىرقىنىپ سەككىز يىل ئۆگىنىپ، ئەلا نەتىجە بىلەن تېببـىـي دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ.
شېخې دوختۇرخانىسىدا ئاياللار پەرۋىش ۋە سېستىرالـىـق خـىـزمـىـتـى بىلەنلا شۇغۇللىنالايتتى، لىن چياۋجژ تـۇنـجـى ئايـال دوخـتـۇر بـولـۇپلا قالماستىن، كېيىن يەنە تۇنجى ئايال مۇدىر بولـۇپ قـالىـدۇ. ئۇ كـۈن بـويـى باشقىلارنىڭ كېسىلىنى داۋالاش بىلەن بولۇپ كېتـىـپ، ئۆزى ئائىـلـىلىك بولالمايدۇ، ئۆزىنىڭ بارلىق مۇھەببىتىنى مېدىتسىناغا، تۇغـۇتـلـۇق ئاياللار ۋە بوۋاقلارغا بېغىشلايدۇ. لىن چياۋجژ نەچـچـە ئون يـىـلـنـى بـىـر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، داۋالاش1 - سېپىدە ئالـەمـدىـن ئۆتـكـۈچـە خـىـزمـەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلـەش، ئۆزىـدىـن كـېـچـىـپ باشقىلارنى كۆزلەشتەك داۋالاش ئىستىلى تېبابەت ساھەسىگە تارىلىپ، تـېـبـبـىـي ساھەدىكى ئايال قەھرىمان دەپ تەرىپلىنىدۇ.