ۋولتا
مەشھۇر شەخسلەر
بۈگۈنكى دۇنيادا باتارېيە، ئاككۇمۇلياتور، گېنېراتور، قـۇيـاش ئېنېرگىيىسى باتارېيىسى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى توك مەنبەلىرى ئىـنسانلارنى ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغان تۇراقلىق توك بىلەن تەمىـنلەۋاتىدۇ. ۋەھالەنكى، دۇنيا بويىچە ئىنسانلارنى تۇراقلىق توكغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغۇچى ئىتالىيىلىك ئۇلۇغ فىزىك، كەشپىـيـاتـچـى ئالېسساندرو ۋولتا (1745 −1827 ) دۇر.
ۋولتا يەنە ۋولت دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ، ۋولتا24 يېشىدا ئېلېكترو ستـاتـىكا ئەسىرى «ئېلېكترنىڭ تارتىشى توغرىسىدا» نى يېزىپ، ئىلىم - پەن سـاھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ،29 يېشىدا فىزىكا پروفېسسورى بـولـۇپ، ئېلېكتر ئىلمى قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.1791 - يىلى ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ چەت ئەلدىكـى ئەزالىقىغا تەكلىپ قىلىنىدۇ، ئۈچ يىلدىن كېيىن يەنە ئۇنىڭغا كېپلېر ئوردېنى بېرىلىدۇ، كېيىن پارىژ پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ چەت ئەلدىكى ئاكادېمىكلىقىغـا سايلىنىدۇ.
ۋولتا كىشىلەر ستاتىك توك ھادىسىسى تەتقىقاتى بىلەنلا توختـاپ قـالغان دەۋرلەردە ياشىغان. ۋولتا1780 - يىلى، ئىتالىيىلىك فىزىك گـالـۋانـىـينىڭ «ھايۋانات توكى» ھادىسىسىنى بايقىغانلىقىدىن ئىلھاملىنىپ،1729 - يـىلى «ھايۋانات توكى» ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئېففېكتلارنى تەتقىق قىلىشقـا بـاشلايدۇ. ئۇ كۆپلىگەن تەجرىبىلەر ئارقىلىق «ھايۋانات تـوكى» ھايۋاناتتا ئەزەلدىن بار دېگەن قاراشنى ئىنكار قىلىپ، ئىككى خىل ئۆتكۈزگۈچ (ئىكـكى خىل مېتال ۋە سۇيۇقلۇق) تىن تۈزۈلگەن ئېلېكتر يولىدا ئوخشاش بولمىـغـان تۈردىكى مېتاللار تېگىشكەندە ئۆزئارا توك پەيدا بولىدۇ (بۇ تېگىـشـىـش توكى دەپ ئاتىلىدۇ) دەپ قارايدۇ، مانا بۇ ئېلېكترنىڭ مەشھۇر تېگـىـشـىـش تەلىماتى. ئۇ ئوخشاش بولمىغان مېتاللارنى تۇتاشتۇرۇپ ھالقا ياساپ، ئۇنى پاقـىـنـىـڭ پۇتى ۋە دۈمبىسىگە تەگكۈزۈپ، پاقا بەدىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سپازمىلايدۇ (تارتـىـشتۇرىدۇ)، بۇ »ھايۋانات توكى« ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل مېتالنىـڭ تېگىشىشىدىن پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇ يەنە تەجرىبە ئارقىلىـق توكنىڭ تەۋرىنىش ھاسىل قىلىپلا قالماي، كۆرۈش سېزىمى ۋە تەم سەزگۈسى نېرۋىسىغا تەسىر قىلىدىغانلىقىنىمۇ بايقايدۇ. ۋولتا تـېخـىمـۇ كۈچلۈك ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن، بىرقانچە خىل ئۆتكۈزگۈچنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇزۇن مۇددەت تەجرىبە قىلىپ،1799 - يىلى تۇنجى ئۇزاق ۋاقىتلىق مۇقىم توك مەنبەسى − ۋولتا توك دۆۋىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىدۇ. ئارقـىدىنلا ۋولتا باتارېيىسىنى كەشىپ قىلىدۇ. ۋولتا باتارېيىسى19 - ئەسىرنىڭ بېشىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئەڭ ئۇلۇغ كەشپىيات. بۇ كەشپىيات شـۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى ئۇزاق مەزگىلگىچە كىشىلەرنىڭ تۇراقلىق توكـقـا ئېرىشىشىدىكى بىردىنبىر ۋاسىتە بولۇپ قالدى. مۇشۇ سەۋەبتىن ئېلـېـكـتـر ئىلمى تەتقىقاتىدا يېڭى ساھە ئېچىلىپ، ئېلېكتر ئىلمى ئېلېكترو ستاتـىـك ھادىسىسى تەتقىقاتىدىن كىنېتىك توك ھادىسىسى تەتقىـقـاتـىـغـا ئۆتـۈپ، ئېلېكترو خىمىيە، ئېلېكترو ماگنىت مۇناسىۋىتى قاتارلىق بىر قاتار زور بـايقاشلار بارلىققا كەلدى.1820 - يىلى دانىيىلىك فىزىك ئېرىستېد كۈچى يېتـەرلـىـك مۇقىم توكقا تايىنىپ، توكنىڭ ماگنىت ئېففېكتىنى بايقىدى، بۇ يەنە ئەنگلىيىلىك فىـزىك فـارادىينـىـڭ1831 - يىلى ئېلېكترو ماگنىت ئىندۇكسىيىسى ھادىسىسى قاتارلىقلارنى بايقىشىغا تۈرتكە بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئېلېكترو ماگنىت ئىلمىنىڭ تەرەققىياتـى ئۈچـۈن پـارلاق يول ئېچىلدى. ئىنسانلارنى ئەڭ بۇرۇن تۇراقلىق توك بىلەن تەمىنلـىـگـەن ئالىم ۋولتانى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئېلېكتر يۈرگۈزگۈچى كۈچ بىلەن ئېلېكتر پوتـېـنسىئاللار ئايرىمىسىنىڭ بىرلىكى ئۇنىڭ ئىسمى «ۋولت» بىلەن ئاتالدى.