ئوكتاۋىئۇس
مەشھۇر شەخسلەر
مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى44 - يىلى، رىم ئىستىبداتى قەيسەر قەتل قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى گېنېرالى ئانتونى قەيسەرنىڭ قان يۇقى كىيىمىنى ئېلىپ، شەمشەر تېشىۋەتكەن يېرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، قۇتراتقۇلۇق بىلەن نەق مەيداندىكىلەردىن قاتىلنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكىنى سورايدۇ، كىشىلەر تەڭلا غەزەپ بىلەن: «قەيسەر ئۈچۈن ئىنتىقام ئالىمىز» دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ، ئانتونى مانا مۇشۇنداق ئەپچىللىك بىلەن قەيسەرنىڭ تەخت ۋارىسى بولۇپ قالىدۇ.
ئانتونى تولۇپ تاشقان ئىرادە بىلەن تەختكە ئولتۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقاندا، ئەمدىلا19 ياشقا كىرگەن بىر يىگىت ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ، ئۇنىڭ يا ھوقۇقى، يا ئەسكىرى يوق بولۇپ، ئانتونى بىلەن كۈچ سىنىشىشى خۇددى تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغاندەكلا ئىش ئىدى. ئانىسى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلماسلىقىنى شۇنچە ئۆتۈنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قەتئىي ئىشەنچ بىلەن: «مەندە نەيزە بىلەن قالقان بار، مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى ئاتاق دادامنىڭ نام - شەرىپىدۇر» دەيدۇ، بۇ يىگىت دەل ئوكتاۋىئۇس ئىدى.
ئوكتاۋىئۇس (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى64 −14 - يىللار) ئاۋگۇستۇس دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تۇنجى پادىشاھى، قەيسەرنىڭ جىيەن نەۋرىسى، بېقىۋالغان ئوغلى ۋە تەخت ۋارىسى. قەيسەر قەتل قىلىنغاندىن كېيىن، ئاۋۋال قەيسەرنىڭ سەركەردىسى ئانتونى بىلەن كۈرەش قىلغان، كېيىن يەنە ئانتونى، لېپىدۇسلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، قەيسەر ئۈچۈن «ئىنتىقام» ئالماقچى بولغان، بۇ تارىختا «كېيىنكى ئۈچ كاتتىۋاش ئىتتىپاقى» دەپ ئاتالغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى42 - يىلى، ئوكتاۋىئۇس بىلەن ئانتونىنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى جۇمھۇرىيەتچىلەر ئارمىيىسىنى تەلتۆكۈس مەغلۇپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن، «كېيىنكى ئۈچ كاتتىۋاش ئىتتىپاقى» رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاكىمىيىتىنى تولۇق كونترول قىلغان.
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى36 - يىلى، ئوكتاۋىئۇس سىياسىي ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ لېپىدۇسنىڭ ھەربىي ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىي رايونىنى كونترول قىلىپ، رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي يېرىمىنى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان ئانتونى بىلەن تىركەشكەن. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى31 - يىلى، ئۇ يەنە ئانتونىنىڭ مىسىرنىڭ ئايال پادىشاھى بىلەن توي قىلغانلىقىدىن ھەمدە رىمنىڭ شەرقىدىكى زېمىنلىرىنى ئۆز مەيلىچە ئايال پادىشاھ بىلەن ئۇنىڭ ئوغلىغا ھەدىيە قىلىپ بېرىۋېتىپ، رىم ھۆكۈمرانلىرى گۇرۇھىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، رىم تۆھپىدارلار پالاتاسى بىلەن بىرلىشىپ، ئانتونىغا جازا يۈرۈشى قىلغان. كېيىنكى يىلى ئانتونى ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قېلىپ ئۆلۈۋالغان، شۇنىڭ بىلەن، ئوكتاۋىئۇس «ئىچكى ئۇرۇش»نى ئاخىرلاشتۇرغان ئەڭ ئاخىرقى غالىبقا ئايلانغان.
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى29 - يىلى، رىمدا كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، ئوكتاۋىئۇسنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكى تەبرىكلەنگەن. ئۇ «تۆھپىدارلار پالاتاسىنىڭ ئالىي پۇقراسى» (ئالىي باشلىقى) ۋە «سەركەردە» دېگەن ناملارنى قوبۇل قىلغان، تۆھپىدارلار پالاتاسى بەرگەن «ئاۋگۇستۇس» دېگەن ھۆرمەت نامىنىمۇ قوبۇل قىلغان. لاتىن تىلىدا »مۇقەددەس« دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بۇ ھۆرمەت نامى كېيىنچە غەرب پادىشاھلىرىنىڭ بىر خىل ئۇنۋانى بولۇپ قالغان. ئارقىدىن ئۇ ئارخۇن، ترىبۇن، ئىمپېراتور، باش كاھىن قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى قوشۇمچە ئۆتەپ، مەمۇرىيەت، ھەربىي، ئەدلىيە ۋە دىن ھوقۇقلىرىنى ئۆمۈرلۈك قولىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تۇنجى پادىشاھى بولۇپ قالغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، قۇللۇق تۈزۈمدىكى ھەربىي ئىمپېرىيە رىم قۇلدارلار جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن.
ئوكتاۋىئۇس ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، رىمدا بەزى ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان. تۆھپىدارلار پالاتاسىنى تەرتىپكە سېلىپ، تۆھپىدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتكەن، پالاتا ئەزاسىنىڭ600 نەپەر بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن؛ ئارمىيىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئىمپېرىيىنىڭ دائىملىق ئارمىيىسىنى قۇرۇپ، ھەربىي ھوقۇقنى مەھكەم ئىگىلىگەن.
ئوكتاۋىئۇس رىم تارىخىدىكى مەشھۇر پادىشاھ. ئۇ ئەينى چاغدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئۇيغۇن كەلمىگەن جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئالىي باشلىقلىق سىياسىتىنى يولغا قويغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، رىملىقلار200 يىلغا يېقىن تىنچ تۇرمۇش كەچۈرگەن، «رىمنىڭ تىنچ مەزگىلى» شەكىللىنىپ، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە بىرقەدەر زور تەرەققىياتلار قولغا كەلتۈرۈلگەن، بۇ مەزگىل «ئالتۇن دەۋر» دەپ ئاتالغان.