UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرفۇريى

فۇريى

مەشھۇر شەخسلەر ئالتە ياشلىق بىر بالا دادىسىنىڭ دۇكىنىدا ئويناۋېتىپ، دادىسىنىڭ شېرىكىنىڭ خېرىدارنى ئالداۋاتقانلىقىنى بايقاپ قېلىپ، خېرىدارغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىپ قويىدۇ، ئۇ بۇنىڭ بەدىلىگە تازا تاياق يەيدۇ. بۇ بالا كېيىن نامى چىققان خىيالىي سوتسىيالىزمچى فۇريېدۇر. فۇريې (1772 −1837 - يىللار) دەسلەپتە دادىسىغا ئەگىشىپ سودا قىلغان، كېيىن ۋەيران بولۇپ، قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان، پۈتكۈل ھاياتىنى دېگۈدەك ئاددىي دۇكاندارلىق بىلەن ئۆتكۈزگەن. كەسپ ئېھتىياجى بىلەن ئۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرگە بېرىپ، ھەر خىل ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، كاپىتالىزمنىڭ رەزىللىكى ۋە ئىللەتلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەمدە كاپىتالىزم دۇنياسى توۋلاۋاتقان باراۋەرلىك، ئەركىنلىك، مېھىر - مۇھەببەت دېگەن شوئارلارنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. كاپىتالىزم جەمئىيىتىدە دوختۇرلارنىڭ كېسەللەر كۆپ بولسىكەن دەپ ئارزۇ قىلىدىغانلىقى، جەسەت ساندۇقى ساتىدىغانلارنىڭ كۆپرەك ئادەم ئۆلسىكەن دەپ ئارزۇ قىلىدىغانلىقى، ئادۋوكاتلارنىڭ ھەممە ئادەم دەۋا - دەستۇرغا چۈشسىكەن دەپ ئارزۇ قىلىدىغانلىقى، ئەينەك سودىگەرلىرىنىڭ مۆلدۈر يېغىپ ھەممە ئۆينىڭ ئەينەكلىرى سۇنۇپ كەتسىكەن دەپ ئارزۇ قىلىدىغانلىقى ... غا ئوخشاش ئۆز مەنپەئىتىنى دەپ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان، ئۆز بەختىنى باشقىلارنىڭ بەختسىزلىكى ئاساسىدا ئىشقا ئاشۇرىدىغان خىلمۇخىل ھادىسىلەرنى قاتتىق قامچىلىغان. ئۇ كەلگۈسىدىكى جەمئىيەت ئېجىل - ئىناق بولىدۇ، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا مەنپەئەت توقۇنۇشى مەۋجۇت بولمايدۇ دەپ ئىشەنچ باغلىغان ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر خىل لايىھىلەرنى تۈزگەن. ئۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئىنسانلار جەمئىيىتى بەرپا قىلىشتا، ھۆكۈمرانلار بىلەن بايلاردىن ئۈمىد كۈتكەن. ئۇ جاي - جايلارغا بېرىپ نۇتۇق سۆزلەپ، كاپىتالىستلارنى ئۆزىنىڭ ئىسلاھات لايىھىسىنى قوبۇل قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنغان. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئىسلاھات پىلانىنى گېزىتلەردە ئېلان قىلغان، قەغەزگە يېزىپ دەرۋازا، تاملارغا چاپلىغان، ھەر كۈنى ئۆيىدە ئولتۇرۇپ پۇلدارلارنىڭ جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش ئىستىكىدە ئۆيىگە كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەن. ھەتتا ناپولېئون بىلەن چوڭ بانكىرلارغا خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئۆيىگە زىيارەتكە كېلىش ۋاقتىنى بېكىتىپ قويغان. ئەپسۇسكى، ئۇ بىر ئۆمۈر كۈتكەن بولسىمۇ، بىرەر باي ئۇنىڭ بوسۇغىسىغا دەسسەپ قويمىغان، ئۇنىڭ تەلىماتىمۇ «چوڭ مېڭە كېسەللىكىنىڭ مەھسۇلى» دېگەندەك گەپلەر بىلەن مەسخىرە قىلىنغان. ئىلغار ئىدىيە ھامان كۆمۈلۈپ قالمايدۇ. كاپىتالىزم ئېلىپ كەلگەن بالايىئاپەتنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، فۇريېنىڭ ئىدىيىسى بارا - بارا كىشىلەرنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشىشكە باشلىغان. ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى غايىۋى جەمئىيەت ھەققىدىكى ئىلغار تەسەۋۋۇرى ماركسىزملىق ئىلمىي كوممۇنىزمنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى قىممەتلىك ئىدىيىۋى ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئەتكەن. ماركس بىلەن ئېنگېلس فۇريېنىڭ تەلىماتىدىكى مۇۋاپىق تەركىبلەرنى قوبۇل قىلىپ، سوتسىيالىزمنى خىيالىي دۇنيادىن ئىلمىي دۇنياغا باشلاپ كىرگەن.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر