بېي يـۈمىڭ
مەشھۇر شەخسلەر
بېي يۈمىڭ (1917 − ) ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى جۇڭـگـولـۇق بـولـۇپ، «ئامېرىكا تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئەڭ مۇنەۋۋەر بىناكـار» دەپ تـەرىـپلەنگەن.1983 - يىلى، ئۇ بىناكارلىق ساھەسىدىكى «نوبېل مۇكاپاتـى» − پـۇرۇسكا بىناكارلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
بېي يۈمىڭنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق مەزگىللىرى سۈرەتتەك گۈزەل سۇجۇ ۋە ئېگىز ئىمارەتلەر بىلەن تولغان شاڭخەيدە ئۆتىدۇ، ئۇ كىچـىكىدىنلا داڭلىق ئارخىتېكتور بولۇشقا ئىرادە باغلايدۇ. كېيىن ئامېرىكىدا بىناكارلىق ئىلمىنى ئۆگىنىدۇ، باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان ئەقىل - پـاراسەت بىلەن كۆپ قېتىم مۇرەككەپ لايىھىلەش ۋەزىپىلىرىنى تاماملايدۇ ۋە نيۇيوركتا ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇش لايىھىلەش ئىش ئورنىنى تەسىس قـىـلـىـدۇ، يەنە « بېي يۈمىڭ بىناكارلىق لايىھىلەش شىركىتى» نى قۇرۇپ، مەخـسـۇس بىناكارلىق لايىھىلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن چوڭ شەھەرلىرىدە بېي يۈمىڭنىڭ «ئەسەر» لىـرى بار. ئۇ لايىھىلىگەن بوستوندىكى كېننېدى كۇتۇپخانىسى ئامېرىكا بىناكارلىق تارىخىدىكى ئەڭ نادىر ئەسەرلەرنىڭ بىرى دەپ تەرىپلىنىدۇ. يـەنـە دېـنـۋىـر شەھىرىدىكى ئاسمان - پەلەك بىنا، نيۇيورك شەھىرىدىكى پارلامېنت مەركىزى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىگە رام قىلىۋالىدۇ. بېي يۈمىڭ فىلادېلفىيە ئىجتىمائىي ئالاقـە تـېغى بىناسىنى لايىھىلىگەچكە، «خەلق ئارخىتېكتـورى» دېگەن نامغا ئېرىشىدۇ.
بېي يۈمىڭ لايىھىلىگەن شۇنچە كۆپ قۇرۇلۇشلار ئىچىدە، ۋاشىنگتوندىكى دۆلەت سەنئەت سارىيىنىڭ شەرقىي زالى كىشـىنى ئەڭ جەلپ قىلىدۇ، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كارتېر «بـۇ ئىـمارەت پايتەخت ۋاشىنگتوننىڭ گارمونىيىلىك ھەم مۇكەممەل بىر قىسمى بولۇپلا قالماستـىـن، ئاۋامنىڭ تۇرمۇشى بىلەن سەنئەت ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈنسايىن كۈچەيتـىدىغان بەدىئىي سىمۋول» دەپ تەرىپلىگەن.
بېي يۈمىڭنىڭ ئەسەرلىرى ئامېرىكىغىلا ئەمەس، دۇنـيـانىڭ ھەممە جايلىرىغا تارالغان. ئېلىمىزدە بېيجىڭنىڭ غەربىدىكى داڭلىـق شاڭسەن مېھمانخانىسىنىمۇ بېي يۈمىڭ لايىھىلىگەن، ئۇنىڭغـا جۇڭگونىڭ كلاسسىك باغ - ئورمان قۇرۇلۇشىدىكى ئۇتۇقلار مۇجەسسەملەشـتـۈرۈلـگـەن بولۇپ، لايىھىلىنىشى ئۆزگىچە.1984 - يىل5 - ئايدا، ئامېرىكىنىڭ دائو پىخۇئوڭ خوئاڭ شەھىرىدە قۇرۇلۇش ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ يىللىـق يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، نەچچە100 ئارخىتېكتور بىـلەن مـېھمان500 نەچچە نامزات ئىمارەتتىن13 ئىمارەتنى تاللاپ، يىللىق شەرەپ مۇكاپاتـى تارقىتىدۇ، بېي يۈمىڭ لايىھىلىگەن شياڭسەن مېھمانخانىسى بۇنىڭدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
بېي يۈمىڭ يەنە فرانسىيە زۇڭتۇڭى مېتراننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، فـرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى ناپولېئون مەيدانىغا ئورۇنلاشقان لورد سارىيىنى كېـڭـەيتىپ قۇرۇش لايىھىسىنى تاماملايدۇ. بۇ لايىھە ئېيفېل تۆمۈر مۇنارى قاتارلـىـق دۇنيادىكى قۇرۇلۇش مۆجىزىلىرىگە ئىگە دۆلەتنىمۇ ھەيران قـالدۇرىدۇ. بـۇ قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، لورد سارىيى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇزېيغـا ئايلىنىدۇ. كىشىلەر شەرق مىللىتىدىن بولغان بۇ لايىھىلىگۈچىنى تەرىـپـلـەپ، ئۇنىڭ ئۆزگىچە لايىھىسى «پارىژنى ئۆزىگە مايىل قىلدى» دېيىشىدۇ.