UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرسىئولكوۋسكىي

سىئولكوۋسكىي

مەشھۇر شەخسلەر سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى سىئولكوۋسكىي (1857 −1935 ) مۇنداق بېشارەت بەرگەن: «يـەر شـارى ئىـنـسـانلارنـىـڭ بـۆشـۈكـى، ئىنسانلار بۇ بۆشۈكتە ھەرگىز مەڭگۈ ياتمايدۇ، بەلكى يېـڭـى ئاسمان جىسىملىرى ۋە بوشلۇقى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىدۇ. ئىنـسانلار ئاۋۋال ئاتموسفېرا قەۋىتىدىن ئېھتىياتچانلىق بىـلەن ئۆتـۈپ، ئانـدىـن قۇياش بوشلۇقىنى بويسۇندۇرىدۇ». ھازىر ئۇنىڭ بـېـشـارىـتـى رېئالـلىـقـقـا ئايلىنىشقا باشلىدى، ئۇ ئالەم قاتنىشىنىـڭ ئاتـىـسـى دەپ ئاتـىلىپ، ئالەم قاتنىشى پېنىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۈتۈن زېھنىـنـى سـەرپ قىلىپ، ئاجايىپ ئۇتۇقلار قازانغان. سىئولكوۋسكىي توققۇز يېشىدا سكارلاتىنا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، يـېـرىـم گـاس بولۇپ قالغاچقا، ئىلاجسىز مەكتەپتىن چېكىنىپ، ئائىلە تۇرمۇشى ئىنتايـىـن قىيىن بولغان شارائىتتا، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرغان. كىـتـاب ۋە تەجرىبە بۇيۇملىرى سېتىۋېلىش ئۈچۈن، قارا بولكـا يـەپ، قـايـنـاقـسـۇ ئىچكەن، ئاچمۇ قالغان، مانا مۇشۇنـداق قـىـلـىـپ ئوتـتـۇرا مـەكـتـەپ، ئۇنىۋېرسىتېت دەرسلىكلىرىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىـنـىـپ تـاماملىغان ۋە ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىـدىـن ئۆتـۈپ، ئوتـتـۇرا مـەكـتـەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. ياش - ئۆسمۈرلۈك دەۋرلىرىدىكى رىيازەتلەر ئۇنىـڭـدا جاپالىق شارائىتتىمۇ بوشاشماسلىق، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىـرىـلـەشـتـەك مۇنەۋۋەر پەزىلەتنى يېتىلدۈرگەن.19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئايروپىلان تېخى كۆكتە پەرۋاز قىلـمـىـغـان چاغدا، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان سىئولكوۋسكىي تـەجـرىـبـە شارائىتى ئىنتايىن ناچار بولغان ئەھۋالدا ئەلا نەتىجىلەرنى ياراتقان.1884 - يىلى ئۇ مېتال شار (دىرىژابل)، ئېقىم سىزىقلـىـق ئايـروپـىلان ۋە يـەل تـاپـان پويىزنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى ئوتتۇرىـغـا قـويـغان.1896 - يـىلىدىن ئېتىبارەن، ئۇ رېئاكتىۋ ئۇچقۇ ئۈسكۈنىسىنىـڭ ھەرىكـەت قـائىدىسـىـنـى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ، پلانېتىلار ئارا ئۇچىدىغان راكېتا سخېمىسىنى سىـزىـپ چىققان.1903 - يىلى، مەشھۇر ئىلمىي ماقالىسـى «رېئاكتـىۋ قـوراللاردىـن پايدىلىنىپ ئالەم بوشلۇقىنى تەتقىق قىلىش توغرىسىدا» نى ئېلان قـىـلـغان. سىئولكوۋسكىي پۈتۈن ھاياتىدا700 دىن ئارتۇق ماقالە - ئەسەر، جۈملـىـدىـن ئىلمىي فانتازىيە ئەسەرلىرى ۋە تىلـشـۇنـاسـلـىـق، بـىئولـوگـىـيـىـگـە ئائىـت ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ يەنە راكېتـانـىـڭ تېزلىك فـورمۇلـىـسـى ۋە كـۆپ ئۈگىلىك راكېتانىڭ ئۇچۇش قائىدىسىنى ۋە قاتتىق يېقىلغۇ ئورنىغا سۇيۇق يېقىلغۇنى ئىتتىرگۈچى قىلىش قىياسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، كىشىلەر مۇشۇ ئالەم ئارا ئۇچۇش نەزەرىيىلـىـرىـگـە ئاساسەن، ئالەم كېمىسىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان.1932 - يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا ئەمگەك بايراقدارى ئوردېنىنـى بەرگەن.1954 - يىلى سوۋېت پەنلەر ئاكادېمىيىسى سىئولكوۋسكىي ئالتـۇن مېدالىنى تەسىس قىلغان، پلانېـتىلار ئارا ئۇچۇش سـاھەسـىـدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان كىشىلـەر بۇ مېدال بىلەن تـەقـدىـرلـەنگەن. سـابـىـق سـوۋېـت ئىتتىپاقىدا ئاسترونومىيە مۇزېي، موسكۋا ئاۋىئاتسىيە ئىنستىتـۇتـى ئۇنـىـڭ نـامـى بىلەن ئاتالغان، ئاي شارىدىكى بىر ھالقىسىمان تاغمۇ سىئولكوۋسكىـينـىـڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
سىئولكوۋسكىي | UyghurWiki | UyghurWiki