UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرجاڭ شياڭتۇڭ

جاڭ شياڭتۇڭ

مەشھۇر شەخسلەر قاتناش سىگنال چىرىغىدا قىزىل رەڭ يۈرۈشتىن توختاشنى، يـېشـىـل رەڭ يۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛ ساقچى ماشىنىلىـرى ئايلانما قىزىل چىراغ ئارقىلىق ئالدىدىكىلەرنى يول بېرىشكە ئەسكەرتىدۇ؛ دوختۇرخـانا بىنالىرىدا كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان قىزىل كرېست بەلگىسى بار... نېمە ئۈچۈن خەتەر چىقىدىغان، ئېھتىيات قىلىنىدىغان، جىددىيلىك كۆرۈلىـدىغان سورۇنلارغا قىزىل رەڭ سىگنال قىلىنىدۇ؟ بۇ سوئالغا مەشھۇر نېرۋا پسىخـولـوگـى جاڭ شياڭتۇڭ (1907 − ) جاۋاب بەردى. جاڭ شياڭتۇڭ خېبىي ئۆلكىسىدىكى بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىـدە تـۇغۇلغان،15 يېشىدا مەكتەپكە كىرگەن، ئۇ ئوقۇغاچ خىزمەت قىلىـپ، ئائىلە تۇرمۇشىنى قامداشقا ياردەملەشكەن. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتـكـۈزگـەندىن كېيىن، ئەلا نەتىجە بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەييارلىق كۇرسىغا قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، ئوقۇش خىراجىتىنى غەملىيەلمىگەچـكـە، ئائىـلـە ئوقۇتقۇچى بولغاچ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دەرسلىرىنى ئۆگەنگـەن، ئىمتىھانلاردا ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا ئىمتىھان سوئالىنـى ئەۋەتىـپ بـەرگەن. ئۇ مۇشۇنداق بىر يېرىم يىل داۋاملاشتۇرۇپ،1928 - يىلى بېيجىڭ ئۇنـىـۋېـرسىتېتىغا كىرگەن. ئۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرگەندىن كېيىن ئوقۇش مۇكاپات پۇلـىدىن بەھرىمەن بولغان بولسىمۇ، ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قـىلىش ياكى گېزىتخانىدا كوررېكتورلۇق قىلىش، ئورىگىنال كۆچـۈرۈش ئارقـىلىق پۇل تېپىپ، ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىغـان.1933 - يىلى مەكتەپنى پۈتكۈزگەن.1943 - يىلى جاڭ شياڭتۇڭ ئامـېـرىـكـىـدا ئوقۇپ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق بىساتىنى سېتىپ يول خىراجىتى غەمـلـەيـدۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پەن تەتقىقات ھاياتىنى باشلايدۇ. ئۇ تۇرمۇشـنـى قـامداش ئۈچۈن، بىر ياقتىن ئۆگىنىپ، بىر ياقتىن ئىشلىگـەن، ئاخـىـرىـدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئەلا نەتىجە بىلەن مۇددەتتىن بىر يىل ئىـلـگـىرى ئالغان. ئۇ نۇرنىڭ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنى غىدىقلاش مـەسىلىسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، نۇرنىڭ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىـتـىـنـى غىدىقلايدىغانلىقىنى بايقىغان. ھازىر دۇنيادىكى فىزىئولوگىيە ساھەسىـدىـكـىلەر بۇ خىل ھادىسىنى «جاڭ شياڭتۇڭ ئېففېكتى» دەپ ئاتايدۇ. جاڭ شياڭتۇڭ كۆرۈش سېزىمى فىزىئولوگىيىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلـەپ تەتقىق قىلىپ، كۆرۈش نېرۋا توقۇلمىلىرىنىڭ يالغۇز بولماي، بەلكى ئۈچ خىل ئوخشاش بولمىغان توملۇقتىكى تالا توقۇلمىلىرىدىن تۈزۈلىدىغانلىقىنـى، توملۇقى ئوخشاش بولمىغان بۇ ئۈچ خىل نېرۋا تالاسى قـىزىل، يـېشىل، كۆك ئۈچ ئانا رەڭنىڭ يەتكۈزۈلۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىغانلىقىنى، قىزىل رەڭ ئۇچۇرى ئەڭ توم نېرۋا تالا توقۇلمىسى ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ سۈرئىتى ئەڭ تېز بولىدىغانلىقىنى؛ كۆك رەڭ ئۇچۇرى ئەڭ ئىنچىكە نېرۋا تالا توقۇلمىسى ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغانلىقى، بۇنىڭ سۈرئىتى ئەڭ ئاستا بولىدىغانلىقىنى؛ يېشىل رەڭ بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلىـقـىدا بولىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. ئەگەر قىزىل رەڭ بىلەن كۆك رەڭ بىرلا ۋاقـىتتا پەيدا بولسا، كىشىلەر ئاۋۋال قىزىل رەڭنى، ئاندىن كۆك رەڭنى كۆرىدۇ. مانا بۇ جىددىيلىك كۆرۈلىدىغان، خەتەر چىقىدىغان، ئېھتىيات قىلىنىدىغان جايلاردا قىزىل رەڭنىڭ سىگنال قىلىنىدىغانلىقىنىڭ ئىلمىي قائىدىسى.70 - يىللاردا، جاڭ شياڭتۇڭ يىڭنە بىلەن ئاغرىق توختىتـىـشنىڭ نـېـرۋا پرىنسىپىنى تەتقىق قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان سېزىملەرنىڭ تارقىلىشىنـىـڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنى مەملىـكـەت ئىچى - سىرتىدىكى ئالىملار ئېتىراپ قىلدى. جاڭ شياڭتۇڭ مۇشۇ جـەھەتتىكى تۆھپىسى سەۋەبىدىن،1980 - يىلى دۇنيا سىلىشېرد فوندى جەمئىيىـتـى تارقاتقان «سىلىشېرد» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇ مۇشۇ مۇكاپاتقا ئېـرىـشـكـەن تۇنجى جۇڭگولۇق.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر