ھىلبېرت
مەشھۇر شەخسلەر
1900 - يىل8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى پارىژدا چاقىرىلغـان2 - نـۆۋەتـلـىـك خەلقئارا ماتېماتىكلار يىغىنىدا گېرمانىيىـلـىـك ھىلبېرت (1862 −1943 ) يېڭى ئەسىردىكى ماتېماتىكلار تىرىشىپ ھەل قىلـىـشـقـا تـېـگـىـشـلـىـك23 مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ دۇنيادىكـى بـارلىق ماتېماتىكلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان. بۇ23 مەسىلـە مـۇشـۇ ئەسـىـردىـكـى ماتېماتىكا پەنلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىخـچـام كـۆرۈنـۈشـىـگـە ئايلانغان. بـۇ مەسىلىلەر ئۈستىدىكى تەتقىقات20 - ئەسىردىكى ماتېماتىكا تەرەققىيـاتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن.
ھىلبېرتنىڭ خىزمىتى نۇرغۇن ماتېماتىكا ئاساسىي مـەسـىلـىـلـىـرىـگـە چېتىلىدۇ.19 - ئەسىرنىـڭ ئوتـتـۇرىـلـىـرىـدىـن كـېـيـىـن، ئېـۋكلىد گېئومېتىرىيىسىگە ئوخشىمايدىغان غەيرىي ئېۋكلىد گېئومېتىرىيىسى بارلىـقـقـا كەلگەندىن كېيىن، نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيـان ئىـنـتـايـىـن پـۇخـتـا دەپ قارىلىپ كەلگەن ئېۋكلىد گېئومېتىرىيىسىنىڭ نۇقسانلىرى ئاشكارىلـىـنـىـپ، ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كەلگەن. ھىلبېرتنـىـڭ كـاتـتـا ئەسىـرى «گېئومېتىرىيە ئاساسلىـرى» دا تـېـخـىـمـۇ پـۇخـتـا، مـۇكـەمـمـەل بـولـغـان گېئومېتىرىيە ئاكسىئومىسى سىستېمىسى ئوتتۇرىـغـا قـويـۇلـغان ھەمـدە20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھەرقايسى ماتېماتىكا تارماقـلـىـرىـنـىـڭ مـۇسـتـەھكـەم ئاساسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشـىـدىـغـان «ئاكسىئومىلاشـتـۇرۇش ھەرىكىتى» نى قوزغىغان.
ئۇنىڭ1900 - يىلى ئوتتۇرىغا قويغان23 ماتېماتىكـا مـەسـىـلـىـسـى20 - ئەسىردىكى ماتېماتىكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسى دەپ قارىلىپ، دۇنيـادا چوڭقۇر تەسىر قوزغىغان. مەشھۇر گولدباخ قىياسىمۇ مۇشۇ مەسىلىلـەرنىـڭ بىرى بولۇپ، چېن جىڭرۇن ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگولۇق مـاتېماتىـكلار ئۇنىڭدا زور بۆسۈش ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، تېخـى تـەلتۆكـۈس ھەل بولمىغان. ھىلبېرت رەھبەرلىكىدىكى ماتېماتىـكـا ئېـقـىـمـى19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى20 - ئەسىـرنـىـڭ بـاشـلـىـرىـدىـكـى مـاتـېـمـاتـىـكـا ساھەسىدىكى بايراقدار بولۇپ، ھىلبېرت «تاج تاقىمىغان ماتېماتىكا پـادىـشـاھى» دەپ ئاتالغان.
ھىلبېرت پرۇسسىيىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىنلا ماتېماتىكىغا مـاھىـر ئىدى. ئۇنىڭ بىر تۇغقىنى ئەسلەپ: كىچىك ھىلبېرت «ئەسـەر يېزىش» تا ئانىسىنىڭ ياردىمىگە تـايـىـنـاتـتـى، بـىـراق ئوقۇتقۇچىـسـىـغـا ماتېماتىكىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرەتتى، دەيدۇ.
ھىلبېرت18 يېشىدا ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىپ23 يېشىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
ھىلبېرت داڭلىق ئالىم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىدىيىۋى ئەركىنلىك، سىياسىي دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغـان جەڭچى ئىدى، ئۇ1943 - يىل2 - ئاينىڭ14 - كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى، كېيىنكـىلـەر ئۇنىڭ قەبرە تېشىغا ئۇنىڭ ھېكمەتلىك سۆزى: «بىز چوقـۇم بـىـلـىـشـىـمـىـز كېرەك، چوقۇم بىلىمىز» دېگەن سۆزىنى ئويغان.