UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرساندىنو

ساندىنو

مەشھۇر شەخسلەر «ئاشۇ دارازىلار بەلكىم ساندىنونىڭ بويى پاكار، كاتتا ئەمەلدار بولۇشقا مۇناسىپ كەلمەيدۇ، دەپ قارىشى مۇمكىن. مېنىڭ بويۇم پاكار، ئەمما ۋەتەنپەرۋەرلىكىم چەكسىز يۈكسەك. ۋەتەنگە، تارىخقا شۇنداق قەسەم بېرىمەنكى، مەن ۋەتەننىڭ شان - شەرىپىنى قىلىچىم ئارقىلىق قوغدايمەن». بۇ تەنتەنىلىك قەسەم نىكاراگۇئانىڭ20 - ئەسىردىكى مىللىي قەھرىمانى ساندىنونىڭ ئېغىزىدىن چىققان. ساندىنو (1895 −1934 - يىللار) نىكاراگۇئانىڭ نىكىنوئومو شەھىرىدە تۇغۇلغان. نىكاراگۇئا ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى بىر كىچىك دۆلەت بولۇپ، بۇرۇنلا ئامېرىكىنىڭ كېڭەيمىچىلىك ئوبيېكتى بولۇپ قالغان. ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقتىن ئايرىلىپ قېلىپ ۋەتەنگە ھاقارەت كەلتۈرگەنلىكى ۋە ئامېرىكىنىڭ تۈرلۈك زوراۋانلىقى ئۇنىڭ گۆدەك قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن.1926 - يىلى، نىكاراگۇئادا ھۆكۈمەتكە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەندە، ساندىنو تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش كۈرىشىگە قاتناشقان. ئۇ ئۆزى يىغقان3000 ئامېرىكا دوللىرىغا قورال سېتىۋېلىپ،29 كىشىلىك پارتىزانلار ئەترىتى تەشكىللىگەن. ئەترەتتىكىلەرنى باشلاپ تاغلىق رايونغا جايلىشىپ، پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلغان، بازا قۇرۇپ، ئەترەتنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن. دۈشمەنلەر خارابىگە ئايلاندۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ قورشاپ يوقىتىپ، نىكاراگۇئانىڭ ئىنقىلابىي بازىلىرىنى ھەر كۈنى غالجىرلارچە بومباردىمان قىلغان. ساندىنو بۇنىڭدىن قىلچە قورقۇپ قالماي، قىلىچى ئارقىلىق مىللىتىنىڭ غۇرۇرىنى ساقلاشقا، ئېزىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىنى قۇتقۇزۇشقا قەسەم ئىچكەن. دۈشمەن ئۇنىڭغا يۇقىرى مائاش، كاتتا ئەمەل بېرىش، قورالنى تاشلىسىلا، شەھەر باشلىقلىقىغا تەيىنلەش، يەنە تېخى ئىنقىلاب باشلانغان كۈندىن باشلاپ كۈنلۈكىگە ئون ئامېرىكا دوللىرىدىن ھەق بېرىش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن، ھەتتا دادىسىنى ئۇنى تەسلىم بولۇشقا كۆندۈرۈشكە ئۈندىگەن. بىراق، ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كەسكىن رەت قىلغان. ساندىنو رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭچى قوشۇن يەتتە يىل جاپالىق جەڭ قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خىل قوراللانغان10 نەچچە مىڭ كىشىلىك ئارمىيىسىگە تاقابىل تۇرغان، ئۇلار ئاممىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئۈزلۈكسىز زورىيىپ ۋە تەرەققىي قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت زېمىنىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئازاد قىلىپ، ئامېرىكىنى قوشۇن چېكىندۈرۈشكە مەجبۇر قىلغان.1934 - يىلى، ساندىنو پايتەختكە بېرىپ ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەتلىشىپ، تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئورتاق قوغداش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما بەختكە قارشى ئەكسىيەتچى ھەربىيلەرنىڭ سۇيىقەستىگە ئۇچراپ قۇربان بولغان. ئەمما، ئۇنىڭ روھى نىكاراگۇئا خەلقىنىڭ ھەقىقىي مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا بوشاشماي كۈرەش قىلىشىغا ئىزچىل ئىلھام بېرىپ كەلگەن.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر