بلانكى
مەشھۇر شەخسلەر
ئېنگېلس ئۇنى «ئەمەلىي ئىشلىگۈچى» دەپ ئاتىغان، ماركس «پرولېتارىيات سىياسىي پارتىيىسىنىڭ ھەقىقىي داھىيسى»، «ئېزىلگۈچى سىنىپنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىغان ئىلغار سىياسىي جەڭچى ۋە يازغۇچى» دەپ تەرىپلىگەن. ئۇ دەل فرانسىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئاتاقلىق ۋەكىلى، پرولېتارىياتنىڭ قەيسەر جەڭچىسى لۇئى ئاۋگۇست بلانكىدۇر.
بلانكى (1805 −1881 - يىللار) فرانسىيىنىڭ پومورىيە ئۆلكىسىنىڭ پۇگۇتون ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كاپىتالىزمغا نەپرەتلىنىپ، سوتسىيالىزمغا ئىنتىلىپ، پەقەت ئىنقىلاب ۋاسىتىسى ئارقىلىقلا كونا تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان. «تۆت پەسىل جەمئىيىتى» قاتارلىق مەخپىي تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، لېكىن ئاز ساندىكى كىشىلەرگىلا تايانغانلىقى، ئاممىنى كەڭ كۆلەمدە قوزغىيالمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەممىسىدە مەغلۇپ بولغان. ئۇ ئىنقىلاب بىلەن شۇغۇللانغان50 يىلدا توققۇز قېتىم قولغا ئېلىنىپ، ئىككى قېتىم ئۆلۈم جازاسى (كېيىن قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەن)غا ھۆكۈم قىلىنغان،33 يىلنى تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن. ئۇ تۈرمىنى يېڭى جەڭگاھ دەپ بىلىپ، ناچار شارائىتتىمۇ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، كىتاب يېزىپ تەلىمات يارىتىپ، بارلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىنقىلاب ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان؛ كامېرداشلىرىنى كۈرەشكە تەشكىللىگەن؛ ھەر قېتىم تۈرمىدىن چىقىپلا قورال كۈچى ئارقىلىق ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرغان. ئەينى چاغدا فرانسىيىدىكى چوڭ ئىنقىلابىي كۈرەشلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇنىڭ ئىزناسى قالغان. گەرچە بلانكى ئاز سانلىق كىشىلەرگە تايىنىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى مەخپىي پىلانلاپ كۆپ قېتىم مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن باشتىن - ئاخىر بوشاشماي كۈرەش قىلىش روھى ھەقىقەتەن قەدىرلەشكە ئەرزىيتتى. شۇڭا، ئۇ ئىشچىلار ئارىسىدا ناھايىتى زور تەسىر قوزغاپ، كاتتا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان.1871 - يىلى پارىژ كوممۇناسى قوزغىلىڭى پارتلىغاندا، ئۇ تۈرمىدە بولسىمۇ، قوزغىلاڭچىلار ئۇنى يەنىلا كوممۇنانىڭ پەخرىي رەئىسلىكىگە كۆرسەتكەن. پارىژ كوممۇناسى تۇتقۇن قىلىنغان پارىژنىڭ ئارخېئېپىسكوپى قاتارلىق70 مۇھىم ئەربابنى قويۇپ بېرىشتەك زور بەدەل تۆلەشكە رازى بولۇپ، تۇتقۇنلارغا بلانكىنى ئالماشتۇرۇش ھەققىدە ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇنى رەت قىلغان. ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت بلانكىنىڭ تەسىرىدىن قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈپ، ئۇنىڭ رولى بىرەر مۇنتىزىم قوشۇننىڭ رولىدىن قېلىشمايدۇ، دەپ قارىغان.1880
- يىلى،76 ياشلىق بلانكى بىر قېتىملىق ئىشچىلار يىغىلىشىغا قاتنىشىپ، ناھايىتى تەسىرلىك نۇتۇق سۆزلىگەن، تۈن يېرىمىدا ئۆيىگە قايتىپ كېتىۋېتىپ، تۇيۇقسىز سەكتە بولۇپ قېلىپ ۋاپات بولغان. بۇ خەۋەر پۈتۈن مەملىكەتنى قاتتىق لەرزىگە سالغان، ئۇنىڭ مېيىتىنى ئۇزىتىشقا200 مىڭدەك ئادەم چىققان. بلانكى ھاياتىنى خۇددى ئۆزى ئېيتىپ ئۆتكەندەك «ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىش، ھېچنېمىگە قارىماي كۈرەش قىلىش، ئاخىرقى تىنىقىغىچە كۈرەش قىلىش» بىلەن ئۆتكەن ھاياتتۇر.