شيۇڭ چىڭلەي
مەشھۇر شەخسلەر
كىشىلەر تۇلپارنى مەدھىيىلىگەندە، ئات تونۇيدىغـان بـولېنـى ئېسىگـە ئالىدۇ. جۇڭگو ئىلىم - پەن ساھەسىدىكىلەر خۇا لوگـېـڭـنـى مەدھىيىلىگەندە، ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، جۇڭگونىڭ يېقىـنـقـى زامـان مـاتـېـمـاتـىـكـا پېشۋاسى − شيۇڭ چىڭلەي (1893 −1969 ) نى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
شيۇڭ چىڭلەي تەخەللۇسى دىجژ، يۈننەننىڭ مىلې ناھىيىسىدىن،18 يـېـشـىـدا يۈننەن ئۆلكىلىك ئالىي بىلىم يۇرتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن،20 يېشـىـدا بېلگىيىگە كانچىلىقنى ئۆگەنگىلى بارغان، كېيىن فرانسىيىدە ئوقۇغان ۋە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئالغان. ئۇ، ئاساسەن، فۇنكسىـيـە نـەزەرىيىـسـى جەھەتتىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، «چەكسىز قاتار فۇنكسىيىسى»گە ئېنىقلـىـمـا بەرگەن، بۇ فۇنكسىيە خەلقئارادا شيـۇڭ چـىـڭـلـەي چەكسىزلىكى دەپ ئاتالغان.
شيۇڭ چىڭلەي مائارىپنى قىزغىن سۆيگەن، جۇڭگونىڭ ئىلىـم - پەن ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتـۈرۈش ئۈچۈن ئاجايىپ تـۆھپـىلەرنى قوشقان.1930 - يىلى، ئۇ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۆتەۋاتقاندا، ئىلمىي ژۇرنالدىن خۇا لوگېڭنىڭ ئىسمىنى كـۆرۈپ قالىدۇ، خۇا لوگېڭنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىـش تارىخى ۋە ماتېمـاتىكا تالانتىنى ئۇققاندىن كېيىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتىغىلا ئىگـە19 ياشلىق خۇا لوگېڭنى قائىدىنى بۇزۇپ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغـا كېلىدۇ. خۇا لوگېڭ شيۇڭ چىڭلەينىـڭ پـەرۋىـشـى ئارقـىـسـىـدا، مەشھۇر ماتېماتىكقا ئايلىنىدۇ. ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن مەشھۇر ئالىملار ئۇنـىـڭ ئوقۇغۇچىسى. ئۇ70 نەچچە يېشىدا يېرىم پالەچ بولۇپ قالـغـان بـولـسـىـمـۇ، كېسىلىگە قارىماي ئىككى ئاسپىرانتقا يېتەكچىلـىـك قـىـلـىـدۇ، بـۇ ئىـكـكـى ئاسپىرانت ياش ماتېماتىك ياڭ لې بىلەن جاڭ گۇاڭخۇ ئىدى.
شيۇڭ چىڭلەينىڭ ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەش ۋە يېتىـشـتـۈرۈشـتـەك ئالىيجاناب پەزىلىتى كىشىلەرنىڭ مەدھىيىـسـىـگـە ۋە ھۆرمـىـتـىـگـە سـازاۋەر بولىدۇ. ئۇ1921 - يىلى شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى (بـۇرۇنـقـى نـەنـجـىـڭ ئۇنىۋېرسىتېتى)دا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىـۋاتـقـانـدا، لـيـۇ گـۇاڭ ئىـسـىـمـلـىـك ئوقۇغۇچىنىڭ ناھايىتى ئىستېداتى بارلىقىنى بايـقـاپ، ئۇنـىـڭ ئوقـۇشـىـغـا، تەتقىقاتىغا كۆرسەتمە بېرىدۇ. كېيىن ليۇ گـۇاڭنـى ئوقـۇتقان يـەنـە بـىـر پروفېسسور بىلەن بىرلىكتە ئائىلىسى نامرات لـيـۇ گـۇاڭـنـىـڭ چـەت ئەلـگـە چىقىپ بىلىم ئاشۇرۇشىغا ماددىي ياردەم بېرىدۇ ۋە ئۇنـىـڭـغـا ۋاقـتـى - ۋاقتىدا تۇرمۇش خىراجىتى ئەۋەتىپ بېرىدۇ. بىر قېـتـىـم شـيۇڭ چـىـڭـلـەي ھەتتا ئۆزىنىڭ ئۇچىسىدىكى خۇرۇم چاپىنىنى سېـتـىـپ لـيـۇ گـۇاڭـغـا پـۇل ئەۋەتىپ بەرگەن. ليۇ گۇاڭ مەشھۇر فىزىك ئاتالغاندىن كـېـيـىـن، ئۆتمۈشتىكى بۇ ئىشلارنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ، ئۇ: «پروفېسسورنىڭ مەن ئۈچۈن خۇرۇم چاپىنىنى ساتقان ئىشىنى ئون يىلـدىـن كېيىن ئۇقتۇم، ئەينى چاغدا تەسىرلەنگەنلىكىمدىن كۆزۈمدىن ئىسسىق يـاش ئاقتى. بۇ ئىش مېـنـىـڭ قـەلبىمگـە چـوڭقـۇر ئورنـىـدى، ئۆمـۈر بـويـى ئۇنتۇيالمايمەن. ئۇ بىز بۇ بىر ئەۋلادقا نېمىدېگەن كۆيۈنگەن، نېمىدېگەن زور قىزغىن ۋە مۇھەببىتىنى بېغىشلىغان - ھە!» دەيدۇ.