UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەربىشېڭ

بىشېڭ

مەشھۇر شەخسلەر بىشېڭ (؟ −1051 ) كەشىپ قىلغان مىخ مەتبەئە تېخنىكىسى جۇڭگونىڭ دۇنيا مەدەنىيىتى ئۈچۈن قوشقان زور تۆھپىسى. ھازىرقى زامـان مـەتبەئە تېخنىكىلىرى قانچىلىك ئىلغار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى مـۇشـۇ ئاساستا تەرەققىي قىلغان. جۇڭگونىڭ مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ئەڭ بالدۇر بولۇپ، شىمالىي سۇڭ دەۋرىدىن ئىلگىرىلا تاش مەتبەئە بار ئىدى. بىشېڭ تاش مـەتـبـەئە تازا گۈللەنگەن سۇڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدە ياشايدۇ. تاش مەتبەئەدە تامـغـا ۋە تاش پۈتۈكلەرگە تەقلىد قىلىنىپ، قاتى تىق ياغاچتىن چوڭ - كىچىكلىكى بىردەك تاختاي كېسىلىدۇ، ئۈستىگـە خەت ئويۇلۇپ ئاندىن كىتاب بېسىپ چىقىرىلىدۇ. بىشېڭ بۇ خىل ئۇسۇلدا ماتېرىيال ۋە كۈچ كۆپ كېتىدىغانلىقىنى، خاتا خەت ياكى خاتا جۈملىلەرنى تۈزىتىشكە قۇلايسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، مەتبەئە تېخنىكىسى تەتقىقاتىنى باشلايدۇ. ئۇ ئالدىنقىلارنىڭ ۋە شۇ چاغدىكى تاش مەتبەئە تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، تەكرار - تەكرار سىناق قىلىپ، مىخ مەتبەئە تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلىدۇ. ئۇ سېغىز لايدىن چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش چاسا قېلىپ ياساپ، ئۇنىڭغا تەتۈر قاپارتما خەت ئويۇپ، ئاندىن ئۇنى خۇمداندا پـىشۇرۇپ، يەككە سېغىز خەتلەرگە ئايلاندۇرىدۇ. ئويمىنى مىخ مەتبەئەگە ئايلاندۇرۇپ كىتاب ئىشلىگەندە، خاتا بولسا تۈزەتكىلى بولىدۇ؛ كىتاب ئىشلىنىپ بولغاندىن كېيىنمۇ، ھەرپلەرنى قايتا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭدا، تاش مەتبەئەگـە قارىغاندا، نۇرغۇن ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچنى تېجەپ قالغىلى، بېسىـش سۈرئىتىنى تېزلەتكىلى، بېسىش سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. بـۇ ئۇسۇل ناھايىتى تېزلا دۇنياغا تارقىلىپ، مەتبەئە تېخنىكىسىدا غايـەت زور ئۆزگىرىش بولىدۇ. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بىشېڭنىڭ مىخ مەتبەئە تېخنىكىسىنى ھازىرقـى كـۆپۈنگۈ بەتلىك قوغۇشۇن ھەرپ مەتبەئەسىنىڭ ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكا شارائىـتـى بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئاسـاسـىـي قـائىـدە ۋە ئۇسۇلدا بىشېڭنىڭكىنى مەنبە قىلغان. بىشېڭ مىخ مەتبەئە تېخنىكىسىنىـڭ ئاتىسى بولۇشقا مۇناسىپ.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
بىشېڭ | UyghurWiki | UyghurWiki