دىمىتروف
مەشھۇر شەخسلەر
1933 - يىلى2 - ئاينىڭ بىر كەچلىكى گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىگە جايلاشقان پارلامېنت بىناسىدىن تۇيۇقسىز قويۇق ئىس - تۈتەك كۆتۈرۈلدى. ئەسلىدە ئەمدىلا دۆلەت ھاكىمىيىتىنى قولىغا كىرگۈزۈۋالغان فاشىستلار مانا بۇ ئاتالمىش »پارلامېنت بىناسى (رېيخىستاگ)غا ئوت قويۇش دېلوسى«نى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، كوممۇنىستلارنى ھەدەپ باستۇردى. گېرمانىيىدە تۇرۇۋاتقان بۇلغارىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى دىمىتروف (1882 −1949 - يىللار) فاشىستلار تەرىپىدىن »ئوت قويۇشقا قاتناشقان« دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىندى. فاشىستلار يېرىم يىل باش قاتۇرۇپ105 نەپەر ساختا گۇۋاھچىنىڭ ساختا گۇۋاھلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان235 بەتلىك بىر پارچە شىكايەتنامە تەييارلاپ، لېيپسىگ شەھىرىدە سوت ئېچىپ، دىمىتروفنى سوتلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
سوتتا، دىمىتروف ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇپ، ئۆزىگە ئۆزى ئادۋوكاتلىق قىلىپ، فاشىستلار بىلەن تىغمۇتىخ كۈرەش قىلدى، پولاتتەك پاكىتلار ئارقىلىق فاشىستلارنىڭ سۇيىقەستىنى پاش قىلىپ، فاشىستلارنىڭ كومپارتىيىگە قارا چاپلىغانلىقىغا ھەققانىي ۋە كۈچلۈك سۆز - ئىبارىلەر ئارقىلىق رەددىيە بەردى. شۇنىڭ بىلەن، فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ2 - نومۇرلۇق ئەربابى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېرىن ئۆزى شەخسەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، سوتتا مۇشتىنى پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ، كومپارتىيە دېگەن جىنايەتچى پارتىيە، ئۇنى چوقۇم يوقىتىش كېرەك، دەپ توختىماي بىلجىرلىدى. دىمىتروف: »گېرىن ئەپەندى، بىلەمسىزكىن، سىز <چوقۇم يوقىتىش كېرەك> دەۋاتقان پارتىيە ھازىر دەل دۇنيانىڭ ئالتىدىن بىرىگە − سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ مۇشۇ گېرمانىيىدىمۇ نەچچە مىليون ھىمايىچىسى بار« دەپ ئۇنىڭ سەپسەتىسىگە كۈچلۈك رەددىيە بەردى. ئادالەت بىلەن ھەققانىيەت ئالدىدا، گېرىن تازا رەسۋا بولۇپ، چىچاڭشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن، سوت ئۇنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، ئارقىدىن فاشىستلارنىڭ تەشۋىقات مىنىستىرى گېببىس ساختا گۇۋاھلىق بەرگەن بولسىمۇ، فاشىستلار يەنىلا ئۇتۇپ چىقالمىدى.
سوت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دىمىتروف ئاخىرقى قېتىم سۆز قىلىپ: «مەن ئۆزۈمنىڭ غايىسى، ئۆزۈمنىڭ كوممۇنىستىك ئېتىقادى ئۈچۈن ئاقلىغۇچىلىق قىلىمەن»، «تارىخنىڭ چاقى كوممۇنىزمدىن ئىبارەت ساقلانغىلى بولمايدىغان، بېسىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ» دەپ تەنتەنىلىك جاكارلىدى.
فاشىستلار دىمىتروفنى ئۈچ ئاي سوراق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن دىمىتروفنىڭ باتۇرانە كۈرەش قىلىشى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئىلغار زاتلارنىڭ ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا، ئۇلار دىمىتروفنى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ يېڭى كۈرەشكە ئاتلاندى.1935 - يىلى، ئۇ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلىنىپ، فاشىسزمغا قارشى كۈرەشكە تەشكىلاتچىلىق ۋە رەھبەرلىك قىلدى. بۇلغارىيە ئازاد بولغاندىن كېيىن، جۇمھۇرىيەتنىڭ تۇنجى زۇڭلىسى بولدى.