پىفاگور
مەشھۇر شەخسلەر
مەيلى تاشقى ماددىي دۇنيانى چۈشەندۈرۈشتە، يـاكـى ئىچكى مەنىۋى دۇنيانى تەسۋىرلەشتە بولسۇن، ماتېماتىكا بولمىسا بولمايـدۇ! بـارلـىـق شەيئىلەرگە سان قائىدىسىنىڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقـىـنـى ئەڭ دەسـلـەپـتـە ھېس قىلغۇچى2500 يىل ئىلگىرىكى قەدىمكى يۇنانىستان ماتېماتىـكى، پەيلاسوپ پىفاگور(مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى572 −497 ) ئىدى.
پىفاگور ئېگەي دېڭىزىدىكى سامۇس ئارىلـى (بـۈگۈنكـى گرېتسىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى كىچىك ئارال) دا تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىنلا ئەقىللـىـق، تىرىشچان بولۇپ، داڭلىق ئۇستازلاردىن گېئومېتىرىـيـە، تـەبـىئىـي پـەن ۋە پەلسەپە ئۆگەنگەن. كېيىن شەرقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىگە تەلمۈرۈپ، تاغ - دەريالارنى كېزىپ بابىل، ھىندىستان ۋە مىسـىـرغـا كـېـلـىـپ، ئەرەب مەدەنىيىتى ۋە ھىندىستان مەدەنىيىتى، ھەتتا جۇڭگو مەدەنىيىتىـدىـكى مول ئوزۇقلۇقلارنى سۈمۈرۈپ، تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگـىـرىـكـى530 - يىلى سامۇس ئارىلىغا قايتقان. كېيىن ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي قـىـسـمـىـدىـكـى كروتوندا ئولتۇراقلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئېقىمىنى بەرپا قىلىپ، بىر ياقتـىـن مائارىپ بىلەن، بىر ياقتىن ماتېماتىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان.
پـىـفـاگـور ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي ئېقىمى ماتېماتىكىدا نۇرغـۇن ئىـجـادىـيـەتـلـەرنـى يـاراتـقـان، بولۇپمۇ، پۈتۈن ساننىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيـىـتـىـگـە قـىـزىـقـىـپ قـالـغـان. مەسىلەن، (ئۆزىدىن باشقا) بارلىق كۆپەيتكۈچىلىرىنىڭ يىغىندىـسـى ئۆزىـگـە تەڭ بولغان سانلارنى مۇكەمـمـەل سـان (مـەسـىلـەن،6 ،28 ،496 قـاتـارلـىـقلار) دەپ ئاتىغان، ئۆزى كۆپەيتكۈچىلىرىنىڭ يىغىـنـدىـسـىـدىـن چوڭ بولغان سانلارنى ئاشىدىغان سان دەپ ئاتىغان؛ كۆپەيتكۈچىلـىـرىـنـىـڭ يىغىندىسىدىن كىچىك بولغان سانلارنى كېمىيىدىغان سـان دەپ ئاتىغان. ئۇلار يەنە «تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭدا ئىككى تىك تەرەپ كـۋادىراتـلىرىنىڭ يىغىندىسى يانتۇ تەرەپنىڭ كۋادراتىغا تەڭ» ئىكەنلىكىنى بايـقىغان. غەربلىكلەر بۇنى پىفاگور تېئورېمىسى دەپ ئاتىدى، ئېلـىمـىـزدە گـۇگـۇ تېئورېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىر ماتېماتىـكـىـدا يـەنـە «پـىـفـاگـور ئۈچ نامەلۇملۇق سانلار گۇرۇپپـىـسـى» ئۇقۇمى بـار، بـۇ تـىـك بـۇلۇڭلـۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئۈچ تەرىپىنى ئىپادىلەيدىغان سانلار گۇرۇپپىسىنىڭ توپـلـىـمـىـنـى كۆرسىتىدۇ.
پىفاگور ئىلمىي ئېقىمىدىكىلەر گېئومېتىرىيىدە «تىـك بـۇلـۇڭـلـۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىچكى بۇلۇڭلىرىنىڭ يىغىندىسى ئىكـكـى تـىـك بـۇلـۇڭـغـا تـەڭ بولىدۇ» دېگەن ھۆكۈمنى ئىسپاتلىدى؛ ئالتۇن بۆلۈش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلدى؛ مۇنتىزىم بەش تەرەپلىك ۋە ئوخشاش كۆپ تـەرەپلىكلەرنى سىزىش ئۇسۇلىنـى بايقىدى؛ ئۇنىڭدىن باشقا مۇنتىزىم كۆپ ياقلىقنىـڭ مـۇنـتـىـزىم4 يـاقـلـىـق، مۇنتىزىم6 ياقلىق، مۇنتىزىم8 ياقلىق، مۇنتىزىم12 ياقلىـق ۋە مـۇنـتىـزىم20 ياقلىقتىن ئىبارەت بەش خىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
پىفاگور ئىلمىي ئېقىمىدىكىلەر ساننى ئەڭ يۈكسەك، ئەڭ سىرلـىـق دەپ قارايدۇ، ئۇلار بۇنىڭدا پـۈتـۈن سـانـنـى كـۆزدە تـۇتـىـدۇ. «سـان مەۋجۇدات دېمەكتۇر» دېگەندىمۇ ئالەمدىكى تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنى پـۈتـۈن سان ياكى پۈتۈن سان نىسبىتى ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولىدۇ دەپ قـارايـدۇ. بىراق، ھىپوس ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچـى تـەرەپ ئۇزۇنـلـۇقـى1 بـولـغان كۋادراتنىڭ دىئاگونالنى پۈتۈن سان نىسبىتـى بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقايدۇ. بـۇ مـۇشـۇ ئېـقـىـمـدىـكـىـلـەرنـىـڭ ئەقىدىـسـىـگـە دەخـلـى - تـەرۇز يـەتـكـۈزگـەنـلـىـكـى ئۈچـۈن، ھەرقـانـداق ئادەمنىڭ (يەنى، ئىرراتسـىئونـال سـان) نـىـڭ مـەۋجـۇتلۇقىنى ئاشكارىلىشىغا بولمايدۇ دېگەن ئىنتىزام بەلگىلىنىـدۇ. سـاددا ھىپوس باشقىلار بىلەن سۆزلىشىۋېتىپ ئۆزىنىڭ بايقىشىنى ئېيتىپ قويىـدۇ، نەتىجىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ، بىراق ناھايىتى تېزلا ماتېـمـاتـىـكـا ئىدىيىسىدىكى زور ئىنقىلابنى قوزغايدۇ. ئىلىم - پەن تارىخىدا بۇ ۋەقە تۇنجـى ماتېماتىكا كرىزىسى دەپ ئاتىلـىـدۇ. ھـىـپوسنىڭ ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربانلىق قىلغانلىقىدىن بىزگە قالغان ساۋاق شۇكى، ئىلىم - پەننىڭ چېكى بولمايدۇ، كىمىكى ئىلىم - پەنگە چەكلەنگەن رايون بېكىتسە، شۇ ئىلىم - پەننىڭ دۈشمىنىگـە ئايلىنىپ، ئاخىرىدا ئىلىم - پەن تەرىپىدىن دەپنە قىلىنىدۇ.
ئەپسۇسكى، ئەقىل - پاراسىتى ئۇرغۇپ تۇرغان پـىـفـاگـور ئۆمـرىـنـىـڭ ئاخىرقى يىللىرىغا بارغاندا، ئىلىم جەھەتتە مۇتەئەسسىـپـلـىـشـىـپلا قـالـمـاي، سىياسىي جەھەتتە يېڭى شەيئىلەرگە قارشى تۇرىدۇ، ئاخىر بىئەجەل ئۆلىدۇ.