UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەھەرلەررىم

رىم

مەشھۇر شەھەرلەر ئىتالىيە پايتەختى رىم دۆلەت زېمىنىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تىبر دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە مۇنداق بىر قىزىقارلىق ھېكايە بار: ئېيتىشلارغا قارىغاندا، رومۇلو بىلەن لېمىس گرېتسىيىلىك ئۇرۇش مۇئەككىلى مارسنىڭ قوش كېزەك ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلار تۇغۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ئانىسى رەقىبلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇ ئىككىسى سېۋەتكە سېلىنىپ تىبر دەرياسىغا تاشلىنىدۇ. بىراق سېۋەت سۇغا چۆكۈپ كەتمەستىن، بەلكى دەريادا لەيلەپ ئېقىپ قىرغاققا كېلىپ قالىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلارنى بىر ئانا بۆرە ئېلىپ كېتىپ، ئۆز سۈتى بىلەن باقىدۇ. كېيىن بىر ئوۋچى ئۇلارنى بېقىۋېلىپ، ئۇلارغا ماھارەت ئۆگىتىدۇ. ئۇلار چوڭ بولغاندىن كېيىن رەقىبلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئانىسى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ چوڭى پادىشاھ بولۇپ، تىبر دەرياسى بويىدىكى يەتتە ئېدىرلىق ئۈستىگە شەھەر قورغىنى سېلىپ ئۆزىنىڭ نامى بىلەن «رومۇلو» دەپ ئاتايدۇ. «رومۇلو» دېگەن سۆزنى تېز ئوقۇسا «رىم» دېگەندەك ئاڭلىنىدۇ، شۇڭا رىم «يەتتە ئېدىرلىق شەھىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ھازىر رىمنىڭ شەھەر گېربىدا ئانا بۆرىنىڭ بالىغا سۈت بېرىۋاتقان سۈرىتى بار. ھازىرقى رىم شەھىرى قەدىمكى رىم شەھىرى بىلەن20 - ئەسىردىن بۇيان كېڭەيتىلىپ سېلىنغان يېڭى شەھەر رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. »يەتتە ئېدىرلىق» ئۈستىگە سېلىنغان قەدىمكى رىم شەھىرى، تارىختا بىر مەزگىل ھۆكۈم سۈرگەن رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى ئىدى. مىلادىيە4 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، رىم ئىمپېرىيىسى گۇمران بولغاندىن كېيىن، دىنىي جەمئىيەتنىڭ ھامىيلىقىدا تۇرغان ھەمدە پاپا ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. بۇ خىل ھالەت تاكى1867 - يىلى ئۇ ئىتالىيىنىڭ پايتەختى قىلىنغىچە داۋاملاشقان. شەھەر سېپىلى ئارقىلىق قورشالغان قەدىمكى رىم شەھىرى خۇددى غايەت زور بىر تارىخىي مۇزېيغا ئوخشايدۇ. كەڭ كەلگەن ئىمپېرىيە يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدە نۇرغۇن داڭلىق مەيدان، چېركاۋ ۋە سارايلار بار. ئۈچ زەپەر دەرۋازىسى بىلەن ئىككى زەپەر تۈۋرۈكىگە ئايرىم - ئايرىم ھالدا زېمىنى ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەگە كېڭەيگەن رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى خاتىرىلەنگەن. كىشىنىڭ يۈرىكىنى لەرزىگە سالىدىغان كولوسسايئو گلادىئاتور مەيدانى شەھەر مەركىزىگە يېقىن بىر ئويمانلىقتا بولۇپ، ئۇنىڭ كۆلىمى20 مىڭ كۋادرات مېتىر، ئايلانما ئۇزۇنلۇقى527 مېتىر، تېمىنىڭ ئېگىزلىكى57 مېتىر كېلىدۇ. تۆت قەۋەت ئېگىزلىكتىكى بۇ قۇرۇلۇش سۇس سېرىق رەڭلىك غايەت زور تاشلاردىن قوپۇرۇلغان، سىرتقى كۆرۈنۈشى دۈگىلەك شەكىلدە. بۇ ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇش مىلادىيە1 - ئەسىردە سېلىنغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شۇ يىللىرى رىم ئىمپېرىيىسى ئېرۇسالېمنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ غايەت زور ھەربىي كۈچىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن80 مىڭ ئەسىرنى مەجبۇرىي ھالدا10 يىل ئەمگەككە سېلىپ بۇ قۇرۇلۇشنى تاماملىغان. مەيدان ئىچىدە نۇرغۇن شىر ۋە يولۋاسلارنى سولايدىغان ئورىلار بار، گلادىئاتور مەيدانىنىڭ يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن ئېلىشىش ئورنى مەيدان مەركىزىگە جايلاشقان، مەيدان ئەتراپىغا50 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن سىغىدۇ. گلادىئاتور باشلانغاندا3000 پالۋان5000 ئەركەك شىر ۋە يىرتقۇچ يولۋاس بىلەن ھايات - ماماتلىق ئېلىشىدۇ، ئېلىشىش100 كۈن داۋاملىشىدۇ، ھازىر گلادىئاتور مەيدانى دۇنيادىكى سەككىز چوڭ داڭلىق ساياھەت نۇقتىسىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ۋاتىكان رىم شەھىرىدىكى دۆلەت بولۇپ، قەدىمكى رىم شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ۋاتىكان ئېگىزلىكىگە جايلاشقان. يەر كۆلىمى ئاران44 .0 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى2000 ئەتراپىدا. ئۇ كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى پاپانىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا، بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى كاتولىك دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ روھىي مەركىزى. بۇ دۆلەتتىكى سىنت - پيېتېر ئىبادەتخانىسىنىڭ يەر يۈزىدىن يۇمىلاق ئۆگزىسىگىچە بولغان ئارىلىقى138 مېتىر كېلىدۇ، ئۇ رىمدىكى ئەڭ ئېگىز كاتولىك دىنى ئىبادەتخانىسى بولۇپ، رىمدا ئەڭ يۇقىرى شۆھرەتكە ئىگە. ئۇ خۇددى بېيجىڭدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى زىجىنچېڭدىكى سارايلاردىن ئېگىز بولۇپ كەتسە بولمايدۇ دېگەنگە ئوخشاش، ئىلگىرى رىمدىكى بارلىق قۇرۇلۇشلار ئېگىزلىكىنىڭ سىنت - پيېتېر ئىبادەتخانىسىنىڭ يۇمىلاق ئۆگزىسىنىڭ ئېگىزلىكىدىن ئېشىپ كېتىشى مەنئى قىلىنغان.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەھەرلەر