گرېنۋىچ
مەشھۇر شەھەرلەر
ئەنگلىيە پايتەختى لوندوننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تېمزا دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا ساياھەت قىلىدىغان بىر مەنزىرىلىك جاي — گرېنۋىچ بار، ئۇ يەر شارىدىكى مېرىدىئان سىزىقلىرىنىڭ بىرى بولغان باش مېرىدىئان سىزىقىنىڭ دۇنياغا كەلگەن جايى.
ئەنگلىيە خان جەمەتى گرېنۋىچ رەسەتخانىسى1675 - يىلى ياسالغان.1884 - يىلى خەلقئارا ئاسترونومىيە خىزمەتچىلىرى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزگەن خەلقئارالىق مېرىدىئان يىغىنىدا قارار ماقۇللاپ، گرېنۋىچتىن ئۆتىدىغان مېرىدىئان سىزىقىنى باش مېرىدىئان سىزىقى ھەمدە گرېنۋىچ ۋاقتىنى خەلقئارالىق ئۆلچەملىك ۋاقىت قىلىپ بېكىتكەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن گرېنۋىچ دۇنياغا تونۇلغان.2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، لوندوندىكى چىراغ نۇرلىرىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى تۈپەيلىدىن رەسەتخانىنىڭ خىزمىتى بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىغان.1948 - يىلىدىن باشلاپ گەرچە ئەسلىدىكى رەسەتخانا لوندوننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى سۇسسېكسنىڭ خېرستمونسېئۇكس دېگەن يېرىگە كۆچۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ زىيارەتكە كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلگىنى يوق.
ئەسلىدىكى گرېنۋىچ رەسەتخانىسىنىڭ ئورنى ھازىر گرېنۋىچ باغچىسىغا ئۆزگەرتىلدى. رەسەتخانىنىڭ ئەسلىدىكى ئورنى باغچىنىڭ مەركىزىدىكى ئېگىز يەردە بولۇپ، ھازىر ئۇ دۆلەت دېڭىزچىلىق مۇزېيىنىڭ بىر قىسمىغا ئۆزگەرتىلدى. باغچىغا كىرسىڭىزلا كىچىك چىغىر يولنىڭ سول تەرىپىدە نەپىس سېلىنغان بىر ھويلىنى ئۇچرىتىسىز، بۇ ھويلا − رەسەتخانىدۇر. ھويلا دەرۋازىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى تامدا كۈمۈش لېگەنگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر سائەت بار بولۇپ، بۇ سائەت1851 - يىلى ئورنىتىلغان، ئەتراپىدىكى رىم رەقىمى24 سائەتنى بىلدۈرىدۇ، ئۇنىڭ سول تەرىپىنىڭ يۇقىرىسىغا سېكۇنتنى بىلدۈرىدىغان كىچىك يۇمىلاق دىسكا ئورنىتىلغان. سائەتتە كۆرسىتىلگەن ۋاقىت خەلقئارالىق ئۆلچەملىك ۋاقىت (گرېنۋىچ ۋاقتى) دۇر.
باش مېرىدىئان سىزىقى سارىيىدا كىشىنى تېخىمۇ جەلپ قىلىدىغىنى مەرمەر تاش يۈزىگە تۈز تارتىلغان مىس سىمدىن ئىبارەت، بۇ دەل دۇنياغا مەشھۇر باش مېرىدىئان سىزىقىدۇر. مىس سىمنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئايرىم - ئايرىم ھالدا «شەرقىي ئۇزۇنلۇق» ۋە «غەربىي ئۇزۇنلۇق» دېگەن خەتلەر يېزىلغان. باش مېرىدىئان سىزىقىنىڭ بىر ئۇچى قەدىمىي ئىككى قەۋەتلىك بىنانىڭ تام تۈۋرۈكىگىچە سوزۇلغان. تامغا قادالغان مىس تاختىنىڭ مەركىزىگىمۇ بىر سىزىق ئويۇلۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «دۇنيانىڭ باش مېرىدىئان سىزىقى، كەڭلىكى شىمالىي كەڭلىك51 گرادۇس28 مىنۇت38 سېكۇنت2 دەقىقە، ئۇزۇنلۇقى0 گرادۇس،0 مىنۇت،0 سېكۇنت» دېگەن خەتلەر يېزىلغان.