لوندون
مەشھۇر شەھەرلەر
ئەنگلىيە پايتەختى لوندون ھەم قەدىمىي، ھەم زامانىۋى شەھەردۇر. ئۇ داڭلىق تارىخىي مەدەنىي شەھەر ۋە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە شەھىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى «تۇمان شەھىرى» بولۇشى بىلەن دۇنياغا داڭلىق.
لوندوننى ئومۇمەن لوندون شەھىرى ۋە ئىچكى - تاشقى لوندون دەپ ئۈچ بۆلەككە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئۇ ئادەتتە32 شەھەر (لوندون شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن تەركىب تاپقان. بۇ ئۈچ بۆلەك قوشۇلۇپ چوڭ لوندون دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى1605 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆلىمى ئارانلا6 .1 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان لوندون شەھىرى11 - ئەسىردىن16 - ئەسىرگىچە پادىشاھ ئوردىسى تۇرۇشلۇق جاي ئىدى، ھازىر بانكا، سۇغۇرتا شىركىتى، پاي چېكى تىجارىتى ۋە ئاكسىيە بىرژىسى مەركەزلەشكەن جاي بولۇپ قالدى. غەربىي رايونىدىكى بەيتىڭ كوچىسى ئەتراپى ئەنگلىيە باش ۋەزىر سارىيى، ئىچكى كابىنېت ۋە ھەرقايسى مىنىستىر، شۇنداقلا ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابېت Ⅱ نىڭ قەسرى بۇككىنخام ئوردىسى تۇرۇشلۇق ئورۇن. چۈنكى بۇ يەرگە ئاساسەن باي - مۆتىۋەرلەر توپلاشقان بولغاچقا، بازار ۋە كوچىلىرى ئىنتايىن ئاۋات.
لوندوندا لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى، لوندون مۇزېيى، لوندون مۇنارى، لوندون كۆۋرۈكى، سېينت پائۇل كاتېدرالى، نيوتون، دارۋىن، ماركس، شياۋباڭ قاتارلىق داڭلىق شەخسلەرنىڭ كونا تۇرالغۇلىرى ۋە مازارلىرى، گرېنۋىچ رەسەتخانىسى، ھايدى باغچىسىدىكى ئۈستى ئوچۇق مۇنبەر قاتارلىق كىشىلەرنى تەلپۈندۈرىدىغان نۇرغۇن جايلار بار، بۇلار لوندوننى مەدەنىيەت - سەنئەت جەھەتتە ناھايىتى يۇقىرى ئىززەت - ئابرۇيغا ئىگە قىلغان. ئاسمان - پەلەك ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بىنالار بىلەن ئوتتۇرا ئەسىر ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت گۈللەنگەن دەۋردىكى ئېگىز - پەس جايلاشقان ساراي، چېركاۋلار، چوڭ - كىچىك باغچىلاردىكى يېشىللىقلار بىلەن گۈزەل، رەڭگا رەڭ شەھەر كوچىلىرى گىرەلىشىپ، لوندوننىڭ تىپىك ياۋروپا شەھىرى مەنزىرىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرگەن.
لوندون يەنە دۇنياغا مەشھۇر «تۇمان شەھىرى»، بۇ يەردە بەش كۈننىڭ بىر كۈنى تۇمانلىق بولىدۇ. بۇ يەردىكى تۇمان ئاسانلىقچە تارقاپ كەتمەي بىرقانچە كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ، ئاسماننىڭ ھەممىلا يېرىنى ئاپئاق ئۇششاق سۇ تامچىلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ. تېمزا دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى پەقەت بەزى مۇئەللەق راۋاقلاردىن سىرت، ئۇچلۇق ئۆگزىلىك چىركاۋ ۋە ئېگىز ئىمارەتلەر تۇمان بىلەن قاپلىنىپ كۆرۈنمەي قالىدۇ. تۇمان شەھەر ئاھالىلىرىگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.1952 - يىل12 - ئاينىڭ5 - كۈنى پەيدا بولغان بىر قېتىملىق چوڭ تۇمان4 كۈندىن ئارتۇق داۋاملاشقان، بۇنىڭ بىلەن ئۆيلەرنىڭ تۇرخۇنىدىن چىققان ئىسلار ئۇزاققىچە تارقاپ كېتەلمەي، پۈتۈن شەھەرنى قاپلىۋالغان، نەتىجىدە، كۈندۈزنى خۇددى كېچىدەك قاراڭغۇلۇق بېسىپ شەھەر قاتنىشى توختاپ كەتكەن، كىشىلەرنىڭ يۈرىكى سىقىلىپ، نەپىسى قىيىنلاشقان. بەيتىڭ كوچىسىدىكى مەرمەر تاشتىن ياسالغان قۇرۇلۇشلار بۇزۇلۇپ كەتكەن.
لوندوندىكى تۇماننىڭ پەيدا بولۇشى شۇ يەرنىڭ جۇغراپىيىلىك مۇھىتى ۋە ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەنگلىيە ئاتلانتىك ئوكياندىكى بىر ئارال دۆلەت، لوندون بولسا ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بىر ئويمانلىققا جايلاشقان. ئويمانلىقنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا ئايرىم - ئايرىم شەرق - غەرب يۆنىلىشىدە سوزۇلغان تۇتاش تاغ تىزمىسى بار، تېمزا دەرياسى غەربتىن شەرققە قاراپ شەھەر رايونىنى كېسىپ ئۆتۈپ شىمالىي دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ، شەھەر رايونى بىلەن دەريانىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىغىچە بولغان ئارىلىق ئاران88 كىلومېتىرلا كېلىدۇ. غەرب شامىلى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئىللىق ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، لوندوننىڭ ئىقلىمى ئىللىق ھەم نەم بولۇپ، مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ دېڭىز - ئوكيان خاراكتېرلىك ئىقلىمىغا تەۋە. كۈز ۋە قىش پەسلى غەرب شامىلى ئاتلانتىك ئوكياننىڭ سۇ ھورىنى قۇرۇقلۇققا ئېلىپ كەلگەندە مەزكۇر يەرنىڭ كۈندۈز ۋە كېچىلىك ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ پەرقى چوڭىيىپ، ئويمانلىقتىكى ھاۋا نىسپىي ھالدا مۇقىملىشىدۇ، ھاۋا ئېقىمى ھاسىل بولمايدۇ، تۆۋەن قاتلامدىكى ھاۋا سوۋۇغاندىن كېيىن ئاسماننى تۇمان قاپلايدۇ ھەمدە ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئاسانلىقچە تارقاپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە لوندوننىڭ سانائەت ۋە قاتناش ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلغان بولغاچقا، زاۋۇت، كان - كارخانا ۋە ئاپتوموبىللاردىن چىققان ئىس - تۈتەك ۋە چاڭ - توزانلار ھاۋا بوشلۇقىغا كۆتۈرۈلۈپ تۇماننىڭ قېتىشىش يادروسىغا ئايلىنىدۇ، شۇڭا بۇمۇ تۇماننىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى سەۋەبلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.20
- ئەسىرنىڭ80 - يىللىرىدىن بۇيان ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مۇھىت ئاسراش سالمىقىنى كۈچەيتتى، بۇنىڭ بىلەن لوندون ئاسمىنىنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسى بۇرۇنقىغا قارىغاندا ياخشىلاندى. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتىمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى. كۆپ يىللاردىن بېرى يوقاپ كەتكەن كىچىك قۇشلارمۇ لوندون ئاسمىنىدا قايتىدىن پەرۋاز قىلىشقا باشلىدى.