باڭكوك
مەشھۇر شەھەرلەر
تايلاندنىڭ «سېرىق تونلۇق بۇددا دۆلىتى» دېگەن نامى بار، مەملىكەتنىڭ 90% تىن كۆپرەك ئاھالىسى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇنىڭ پايتەختى باڭكوك دۇنيادىكى بۇددا ئىبادەتخانىسى ئەڭ كۆپ بولغان جاي، چوڭ - كىچىك بولۇپ400 دىن ئارتۇق بۇددا ئىبادەتخانىسى بار. ئەگەر باڭكوكنىڭ كوچىلىرىنى ئارىلاپ ماڭسىڭىز، ھەيۋەتلىك بۇددا مۇنارلىرىنى، قىزىل ئۆگزىلىك مەسچىتلەرنى، قىزىل، يېشىل، سېرىق رەڭلەردە ئالا بالداق سىرلانغان، ئۆگزىسى بېلىق ئومۇرتقىسى شەكلىدە كەلگەن، تايلاند ئۇسلۇبىدا سېلىنغان، بۇتخانىلارنى ھەممىلا يەردە ئۇچرىتىسىز. شەرقنىڭ سىرلىق مەنزىرىسى ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. ھەر كۈنى سەھەردە، پۈتۈن شەھەر كۈجە ئىسى بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. قوڭغۇراق ئاۋازى توختىماي چىقىپ تۇرىدۇ. قىرائەت قىلىۋاتقان ئاۋازلار قۇلاققا ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، ئىبادەتخانىلاردىكى راھىبلار بىلەن راھىبەلەر كوچىلاردا ماڭسا باڭكوك كوچىلىرى ئاجايىپ تۈسكە كىرىدۇ.
باڭكوكتىكى نۇرغۇن ئىبادەتخانا ئىچىدە ئېمېرالد بۇددا ساڭرامى، ياتقان بۇت ساڭرامى ۋە ئالتۇن بۇت ساڭرامى ئەڭ داڭلىق بولۇپ، تايلاندنىڭ ئۈچ چوڭ دۆلەت گۆھىرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئېمېرالد بۇددا ساڭرامى باڭكوك تارىخىدا ئۆتكەن خانىدانلىقلاردا مەخسۇس ئوردا ئۈچۈن دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدىغان، شۇنداقلا بۇتقا تاۋاپ قىلىنىدىغان جاي بولۇپ كەلدى. ئېمېرالد بۇددا ساڭرامى سۇپىسىنىڭ تاملىرىغا ۋە ئەتراپىدىكى پاكار تاملارغا مۇدەنگۈل، نېلۇپەر گۈلى ۋە كىچىك قۇشلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن رەڭلىك فارفور چاقچۇقلار چاپلانغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ رەڭلىك چاقچۇقلارنى مەملىكىتىمىزنىڭ مىڭ سۇلالىسى مەزگىلدە ئۆتكەن دېڭىزچى جېڭ خې ئىككىنچى قېتىم دېڭىز سەپىرىگە چىققاندا جۇڭگودىن ئېلىپ كەلگەنىكەن. قاشتېشى بۇتى بىر پۈتۈن سۈزۈك يېشىل قاشتېشىدىن ئويۇپ ياسالغان بۇ بولۇپ، ئېگىزلىكى66 سانتىمېتىر، كەڭلىكى48 سانتىمېتىر كېلىدۇ، ئۇ ئالتۇندىن ياسالغان بۇت سۇپىسى ئۈستىگە قويۇلغان بولۇپ، بىباھا گۆھەر ھېسابلىنىدۇ. تايلاندلىقلار قاشتېشى بۇتى دۆلەتنى ئەمىن تاپتۇرىدىغان گۆھەر، ئۇنىڭ ئىلاھىي كۈچ - قۇدرىتى چەكسىز دەپ قارايدۇ، ھەتتا ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى كابىنېتى تەشكىللەنگەندىن كېيىن، زۇڭلى ۋە بارلىق ئىچكى كابىنېت ئەزالىرى ئېمېرالد بۇددا ساڭرامىغا بېرىپ، قاشتېشى بۇتىغا، دۆلەتكە ۋە پادىشاھقا سادىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم بېرىدۇ. پۇقرالار يۇقىرى بىلىم يۇرتىغا كىرىش، توي قىلىش، پەرزەنت كۆرۈش، خىزمەت تېپىش قاتارلىق چوڭ ئىشلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۇ يەرگە بېرىپ نەزىر - چىراغ، دۇئا - تىلاۋەت قىلىدۇ. ئىككى ئادەم قول باغلىشىپ قەسەم قىلىشقاندىمۇ قاشتېشى بۇتىنى گۇۋاھچى قىلىشىدۇ. ھەر قېتىم پەسىل ئالماشقاندا زور مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، پادىشاھ ئۆز قولى بىلەن قاشتېشى بۇتىنى يۇيىدۇ ھەم ئۇنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىنى ۋە بېشىدىكى زىننەت بۇيۇملىرىنى ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ.
ياتقان بۇت ساڭرامىدا سەجدە قىلىنىدىغىنى ئۇزۇنلۇقى7 .48 مېتىر، ئېگىزلىكى2 .12 مېتىر كېلىدىغان ناھايىتى زور ياتقان بۇتتىن ئىبارەت، بۇ بۇتقا پۈتۈنلەي ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن، ئۇنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى بىر ۋاسكېتبول مەيدانىچىلىك كېلىدۇ، ئېگىزلىكى تۆت قەۋەتلىك بىنادىنمۇ ئېگىز. ياتقان بۇت تايلاندتىكى ئىناق ئۆتەلمىگەن ياكى پەرزەنتلىك بولالمىغان ئەر - ئاياللار سەجدە قىلىدىغان بۇت، بۇ يەردە دائىم دېگۈدەك ياش ئەر - ئاياللارنىڭ ئىخلاسمەنلىك بىلەن يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ دۇئا - تىلاۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئالتۇن بۇت ساڭرامىدا سەجدە قىلىنىدىغىنى ئېغىرلىقى5500 كىلوگرام كېلىدىغان ساپ ئالتۇندىن ياسالغان چوڭ بۇتتىن ئىبارەت. ئۇ بەش بۆلەككە بۆلۈپ قۇيۇپ ياسىلىپ، ئاندىن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلۈپ بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلاندۇرۇلغان.
باڭكوك − ئىبادەتخانىلىرىدا راھىب ۋە راھىبەلەرنىڭ كۆپلۈكى، ھەممىلا يەرگە ئىبادەتخانىلارنىڭ كەڭ تارقالغانلىقى بىلەنلا «بۇددا دىنى پايتەختى» دەپ ئاتالغان بولماستىن، بەلكى،32 ئەزا دۆلەتكە ئىگە دۇنيا بۇددا دىنى بىرلەشمىسىنىڭ باش شتابى باڭكوكقا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ھەقىقىي تۈردە «بۇددا دىنى يايتەختى» دەپ ئاتالغان.