سىنگاپور
مەشھۇر شەھەرلەر
نەنخەي دېڭىزى بىلەن ھىندى ئوكيان ئارىسىدا قاتناۋاتقان پاراخوتلار سىنگاپور پورتىغا كىرىشى بىلەنلا، ئاندېرسون كۆۋرۈكى يېنىدىكى شىر باشلىق، بېلىق تەنلىك ئېگىز ھەيكەلنىڭ دېڭىز ساھىلىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ كۆزلىرى پارقىراپ، ئېغىزىدىن سۈزۈك سۇلار ئېتىلىپ چىقىپ تۇرغان بولۇپ، خۇددى سىنگاپورغا كەلگەن مېھمانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇ سىنگاپورنىڭ سىمۋولى قىلىنغان ساياھەت بەلگىسى بولۇپ،1972 - يىلى ياسالغان.
سانسكرىت تىلىدا سىنگاپور دېگەن سۆز «شىر شەھىرى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1150 - يىلى سىرىۋىجايا پادىشاھلىقىنىڭ شاھزادىسى پەننا لەشكەر تارتىپ مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى نامسىز قاقاس ئارالغا كەلگەن، ئۇلار بۇ ئارالغا كېلىپ ئەڭ دەسلەپ ئۇچراتقىنى بىر ئەركەك شىر بولغان. كېيىن پەننا بۇ ئارالغا سېپىل ياسىتىپ، شەھەرنىڭ نامىنى «سىڭگا بۇلو» يەنى «شىر شەھىرى» دەپ ئاتىغان. كېيىن سۆزنىڭ ئوقۇلۇش ئاھاڭى بويىچە، بۇ شەھەر «سىنگاپور» دەپ ئاتالغان.
ھازىر شەھەرنىڭ، ئارالنىڭ شۇنداقلا سىنگاپور جۇمھۇرىيىتىنىڭ نامى سىنگاپور دېگەن نام بىلەن ئاتالماقتا. پورت شەھىرى سىنگاپور سىنگاپور جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بولۇپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاساسىي ئارىلى بولغان سىنگاپورنىڭ جەنۇبىدا. پورت رايونىنىڭ كۆلىمى93 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، سۇ يولىدا يىل بويى ناھايىتى چوڭقۇر سۇ ئورنى ھالىتى ساقلىنىدۇ، ئۇ ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، ئىنتايىن ياخشى بىر ئەركىن پورتتۇر، شۇنداقلا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ پورت ھېسابلىنىدۇ. شەھەر مەركىزىي رايونى پورت رايونىنىڭ شەرقىي شىمالىغا، سىنگاپور دەرياسىنىڭ جەنۇب، شىمال ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان. ئۇ مەمۇرىي ئورگان تۇرۇشلۇق ئورۇن، پۈتۈن شەھەرنىڭ ئاساسلىق سودا - سېتىق، پۇل مۇئامىلە، ئالاقە - ئۇچۇر، سۇ قاتناش مۇلازىمىتى قاتارلىق ئورگانلارمۇ مۇشۇ يەرگە مەركەزلەشكەن.
سىنگاپورنىڭ ئېكۋاتور بىلەن بولغان ئارىلىقى137 كىلومېتىرلا كېلىدۇ، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ تۆت ئەتراپىنى دېڭىز - ئوكيان ئوراپ تۇرىدۇ. شۇڭا يىل بويى ياز بولىدۇ، ئىقلىمى قاتتىق ئىسسىق، كۆپ يامغۇرلۇق بولىدۇ، بىراق دېڭىز شامىلى ھاۋانى تەڭشەپ تۇرغاچقا، كىشىلەر دىمىق ئىسسىق ھېس قىلمايدۇ. سىنگاپوردا داڭلىق تاغ ۋە دەريالار يوق، مەشھۇر ئاسارئەتىقىلەرمۇ يوق، بىراق سىنگاپور كىشىگە يېقىملىق ئىقلىمى، ئەلا سۈپەتلىك شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە ئەتراپلىق مۇلازىمىتى بىلەن «باغچە شەھىرى» دېگەن نامغا ئېرىشىپ، دۇنيانىڭ مەشھۇر ساياھەت مەركىزىگە ئايلانغان.
سىنگاپوردا يەرلىك مىللەت يوق، ھازىرقى ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى سىرتتىن كۆچۈپ كەلگەن. ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى جۇڭگولۇقلار ئىگىلەيدۇ، جۇڭگولۇقلاردىن باشقا يەنە مالايلار، ھىندىلار، پاكىستانلىقلار، ئەنگلىيىلىكلەر ۋە ياپونىيىلىكلەر بار.