UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەھەرلەركانبېررا

كانبېررا

مەشھۇر شەھەرلەر ئاۋسترالىيە پايتەختى كانبېررا ھەم ياش، ھەم گۈزەل بىر شەھەر. ئۇنى ياش دېيىشىمىزدىكى سەۋەب بۇ شەھەر20 - ئەسىرنىڭ20 - يىللىرىدىن باشلاپ قۇرۇلغان؛1927 - يىلى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى پايتەختنى مېلبۇرندىن كانبېرراغا كۆچۈرگەندە، كانبېررادا5000 ئەتراپىدىلا نوپۇس بار ئىدى. ئۇنى گۈزەل دېيىشىمىزدىكى سەۋەب كانبېررا دۇنيادىكى مەشھۇر باغچە شەھەر، كۆكەرتىلگەن يەرنىڭ كۆلىمى شەھەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ % 85 ىنى ئىگىلەيدۇ، كوچىلىرىنىڭ ئىككى تەرىپىدە قاتار كەتكەن دەرەخلەر بار، گىلەمگە ئوخشاش چىملىقلار، شۇنداقلا ھەر خىل گۈل تەكچىلەر بىلەن گۈلخانىلار پۈتۈن شەھەرنى تۈرلۈك - تۈمەن خىل زىننەتلەپ، شەھەرگە گۈزەل تۈس قوشقان. كانبېررا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقانداق ئىدارە ۋە ئورۇننىڭ تەستىقسىز قورۇق تام سېلىشقا بولمايدۇ دەيدىغان بەلگىلىمىسى بار. كانبېررا شەھىرى شۇڭا «قورۇق تام يوق پايتەخت» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. ھازىرقى كانبېررا شەھىرى شەھەر قۇرۇلۇشى رەتلىك زامانىۋى پايتەختتۇر. شەھەر رايونىدىكى يوللارنىڭ ھەممىسى رادىئاتسىيە شەكلىدە تەرەپ - تەرەپكە سوزۇلغان، شەھەر رايونىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ شەكلى خىلمۇخىل، يەنى يۇمىلاق شەكىللىك، يايى شەكىللىك، ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك ۋە ئالتە بۇلۇڭ شەكىللىك قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، شەھەردىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى ئىككى قەۋەتلىك ياكى بىر قەۋەتلىك قۇرۇلۇشلاردۇر. شەھەر رايونىدا شەرق - غەرب يۆنىلىشىدە جايلاشقان، شەھەر لايىھىلىگۈچىسىنىڭ نامى بويىچە ئاتالغان گرىففىن كۆلى بار، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى11 كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن شەھەرنى جەنۇب ۋە شىمالدىن ئىبارەت ئىككى رايونغا ئايرىپ تۇرىدۇ، كۆل بويىدا پارلامېنت بىناسى، فېدېراتسىيە پۇل ياساش زاۋۇتى، دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېت، فېدېراتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى بىنالىرى بار. كۆل مەركىزىگە137 مېتىر ئېگىزلىكتە سۈنئىي فونتان ياسالغان. شەھەر مەركىزىي رايونى كۆلدىن سەل يىراقراق، بۇ يەردىكى قۇرۇلۇشلار ئومۇميۈزلۈك ئالتە بۇلۇڭ شەكىلدە سېلىنغان بولۇپ، مەزكۇر جاي شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش مەركىزىدۇر.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەھەرلەر